intizar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 11:52:12

دەرسلىك:سامسۇڭNOTE 3 N9009 غا روت ئېلىش ، ئۇيغۇرچە خەتنى چىرايلىق قىلىش

بۇ دەرسلىكتە سامسۇڭ (تېلېگىراف نۇسخىسى)NOTE 3 N9009 غاروت ھوقۇقى ئىلىش ،خەتنى چىرايلىق قىلىش ، ئۇيغۇرچە يىزىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش سۆزلەندى . ئاۋۋال تېلېفوننى كومپيۇتېرغا چىتىپ 360手机助手,腾讯手机管家,豌豆荚 دىگەندەك دېتاللار ئارقىلىق كومپيۇتېرغا تونۇتىۋالىمىز ، ئاندىن كېيىن دەرسلىك بويىچە مەشغۇلات قىلساق بولىدۇ .
دەرسلىكتە ئىشلىتىلگەن روت ئېلىش دېتالى :完美root
بۇ NOTE 3 N9009 غا ئۇيغۇرچە تونۇتۇشقا ياردەم قىلغان ئالىپ تورىدىكى hanka (ئابدۇقادىر) ئىسىملىك توردىشىمىزغا ئالاھىدە رەھمەت ئىيتىمەن .چۇنكى باشقا تورداشلاردىن ياردەم سورىسام ئەمىلىي ياردەم قىلىدىغانلار چىقمىدى(ماۋۇ تور بەتتە بار ، ئاۋۇ تور بەتتە بار دەپ .تور بەتلەرنى ئاختۇرۇپ تاپالمىغاچقا ياردەم سورىغان تۇرسام، ياكى مەن ئۇنچىۋالا دۆتمۇ ئەمەس بولغىيتىم تور بەتلەردىن ئاختۇرۇپ تاپالمايدىغان) .
تورداشلارنىڭ 4.3 نەشىردىكى تېلېفونلىرىنى مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە سىناپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . چۈنكى مەندە باشقا تېلېفونلار بولمىغاندىكىن سىنىيالمايمەن .
ئەسكەرتىش:ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ، روت ئېلىش خەتىرى بار مەشغۇلات . قىلىش جەريانىدا تېلېفون كىسەك بولۇپ قىلىشى مۈمكىن،كىسەك بولۇپ قالسا مەندىن خاپا بولساڭلار بولمايدۇ. كىسەك بولسىمۇ بىر سىناپ باقاي دىگەنلەر سىناپ باقساڭلار بولىدۇ ، جۈرئەت قىلالمىساڭلار ، قىلماڭلار .ئۇيغۇرچىنى چىرايلىق قىلىپ ئىشلىتىدىغانلار يۈرەكلىك بىلەن سىناپ بىقىشىڭلار كېرەك .
دەرسلىكنى چۈشۈرۈش
360 دىسكىسىدىن چۈشۈرۈش
http://yunpan.cn/Qp8aM8rSrmHZA
خۇاۋىي دىسكىسىدىن چۈشۈرۈش
http://dl.vmall.com/c0vja56gzg
تىڭشۈن دىسكىسىدىن چۈشۈرۈش
http://url.cn/SKHPgp
دەرسلىكتىكى لازىملىق دېتالنى چۈشۈرۈش :روت ئېلىش دېتالى ، 4.3 كە ماس كىلىدىغان فونت ،RE文件管理器
4.3 font دىگەن ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ پىرىستىن يەشسەڭلار، ئىچىدە يۇقىرىدىكى دېتاللار بار .
360 دىسكىسىدىن چۈشۈرۈش
http://yunpan.cn/Qp8a8NifGPHcF
خۇاۋىي دىسكىسىدىن چۈشۈرۈش
http://dl.vmall.com/c0misuy6as
تىڭشۈن دىسكىسىدىن چۈشۈرۈش
http://url.cn/KPld2Z

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 12:21:28

4.3 نەشىردىكى يانفۇننىڭ ھۇزۇرى باشقىچە بولامدىكەن ياكى ئوخشاشمىكەن، قانداق يېڭىلىقلار بار ئىكەن؟
بىزلەر 4.1.2نەشرىنى ئىشلىتىپ يۈرۈيمىز.

intizar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 13:50:30

ADiL يوللىغان ۋاقتى2014-2-11 12:21
4.3 نەشىردىكى يانفۇننىڭ ھۇزۇرى باشقىچە بولامدىكەن ياكى...

دوستۇمنىڭ تېلېفۇنى ئىدى . 4.3 نىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بەك ھىس قىلىپ كەتمىدىم . لىكىن NOTE 3تېلېفۇننىڭ ئىقتىدارلىرى ھەۋىسىمنى قوزغايدۇ . ئاپاراتى 13 مىلىيۇن پىكسىللىق ، 5.7 سۇڭلۇق ئىكران ، سىغىمى چوڭ ، رەسىمنى قولىمىزنى يەلپۇپ قويساق ئالمىشىدۇ ، تور بەتلەرنى كۆز ئارقىلىق ئاستى - ئۈستى قىلغىلى بولىدۇ .

zulpikar0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 08:17:45

ۋاھ،شۇنداق ياخشىمىكەن،ئۇنداق بولسا مەنمۇ ئويلۇشۇپ باقاي.

پاكزات306 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 12:40:36

رەھمەت سىزگە خېلى جاپا تارتىپسىز!!! بولسا HTC تىلىفۇنىغا روت ئېلىش ۋە ئۇيغۇرچە تونۇتۇش دەرىسلىكى بىلەن تەمىن ئەتكەن بولسىڭىز!!!
بەت: [1]
: دەرسلىك:سامسۇڭNOTE 3 N9009 غا روت ئېلىش ، ئۇيغۇرچە خەتنى چىرايلىق قىلىش