مۇھەببەتنىڭ ئارخىپىنى قانداق كۆرەلەيمىز
مۇھەببەتنىڭ ئارخىپىنى قانداق كۆرەلەيمىز،بىر ئانا بەش ياشلىقئوغلىدى مۇنداقسوراپتۇ:مەسىلەن ئىككىمىز دالىغا ئوينىغىلى چىققاندا تولا ئويناۋېرىپ ئۇسساپ كەتتۇق ، قارىساق سۇ ئېلىشنى ئۇنتۇغان ئىدۇق،
ۋاي ئاپلا دەپ تۇرغىنىمىزدا سېنىڭ سومكاڭدىن ئىككى تال ئالما چىقىپ قالدى
شۇنداق چاغدا سەن قانداق قىلىسەن?
بالا بىر پەس ئويلانغاندىن كېيىن: مەن ھەر ئىككى ئالمىنى بىردىن چىشلىۋالىمەن
دەپ جاۋاب بېرىپتۇ،
ئويلىمىغان نەتىجىگە ئېرىشكەن ئانا تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپتۇ،
ئۇمۇ خۇددى باشقا ئاتا-ئانىلارغا ئوخشاش بالىنى راۋۇرۇس ئەدەبلەپ ، ئاندىن قانداق قىلسا توغرا بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەربىيە بېرىشكە تەمشىلىپتۇ،
ئەمما ئەمدى ئېغىز ئېچىشقا تەمشىلىپ توختاپ قاپتۇ،
ئۇ بىردىنلا قارارىنى ئۆزگەرتىپ ،
ئوغلىنىڭ يۈزىنى سىلىغىنىچى ، مۇلايىملىق بىلەن سوراپتۇ :
بالام نېمە ئۈچۈن ئاناڭغا شۇنداق قىلماقچى بولغانلىقىڭنى ئېيتىپ بېرەلەمسەن،?
بۇ سۇئالنى ئاڭلىغان بالا كۆزلىرىنى چىمچىقلاتقىنىچە، بالىلارچە تەبەسسۇم بىلەب:چۈنكى شۇنداق قىلسام قايسى ئالمىنىڭ ئەڭ تاتلىقلىقىنى بىلەلەيمان، ئاندىن ئەق تاتلىقىنى ئانامغا بېرىمەن،دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
بۇ چاغدا ئانىنىڭ كۆز چاناقلىرى ياشقا تولۇپتۇ،
مەنبە مەن ئەمەس بالىنى توغرا تەربىيەلەپتۇ بۇ ئانا . ئەمما بىزنىڭ ئارمىزدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال بولسا كۆپ ئانىلار رەنجىپ،ھەتتا بالىنى ئۇرىدۇ :L:L:L ياخشى ھېكمەتلەر ئىكەن.بالىلىرىمىزغا ھەم ئانىلىرىمىزغا ئىنساب - تەۋپىق تىلەيمەن. بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ھېكىمەتلەركەن بىزنىڭ ئانىلىرمىزمۇ ئۆزگىرەۋاتىدۇ … ئۈمۈدسىز شەيتان دەپتىكەن…
بەت:
[1]