نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 00:26:56

قىيىنچىلىققا يولۇققاندا،سوغۇققانلىق بىلەن يۈزلەنگەندىلا،قىيىنچىلىقنى ھەل قىلغىلى

نەپرەت تەرجىمىسى

قىيىنچىلىققا يولۇققاندا،سوغۇققانلىق بىلەن يۈزلەنگەندىلا،قىيىنچىلىقنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ

ئورمانلىقتا يولۋاس پادىشاھ بولۇپ،دائىم ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيدىكەن.شۇڭا،ھايۋانلار ئۇنىڭدىن بەك قورقىدىكەن.
بىر كۈنى،يولۋاس يىمەكلىك ئىزدەپ چىقىپ،بىر تۈلكىنى تۇتىۋاپتۇ.يولۋاس تۈلكىنى يىمەكچى بولۇپ تۇرغاندا،تۈلكە بىردېنلا:
-مىنى يىيىشكە پىتىنالامسەن؟ مەن تەڭرى ھايۋانلارنى باشقۇرۇشقا ئەۋەتكەن شاھ، مىنى يىسەڭ تەڭرىنىڭ ھۆكۈمىگە خىلاپلىق قىلغان بولىسەن، دەپتۇ.
يولۋاس بۇ گەپتىن چۈچۈپ كىتىپتۇ ۋە ئىچىدە (مەنلا شاھ تۇرسام،بۈگۈن يەنە بىر شاھ چىقتىغۇ؟)دەپ ئويلاپتۇ.
تۈلكە يولۋاسنىڭ گاڭگىراپ قالغىنىنى كۆرۈپ دەپتۇ :
-ئىشەنمىسەڭ ئورمانلىققا بارايلى.مەن ئالدىدا ماڭاي،سەن كەينىمدە مىڭىپ كۆزەتكىن،قىنى قايسى ھايۋان مىنى كۆرسە قاچمايدىكىن؟
شۇنىڭ بىلەن تۈلكە ئالدىدا،يولۋاس كەينىدە مىڭىپتۇ.تۈلكە يولۋاسنىڭ ئالدىدا ماڭسا ھېچ قانداق ھايۋاننىڭ ھۇجۇم قىلالمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە،غادىيىپ مىڭىپتۇ،
يولۋاس بولسا ھايۋانلارنىڭ تۈلكىگە بولغان ئىنكاسىنى ئىنىق كۆرۈش ئۈچۈن ئارلىقنى قىسقارتىپ يىقىن مىڭىپتۇ.دەرۋەقە توشقان،مايمۇن،باشقا ھايۋانلار بەدەر قىچىپتۇ.بۇنىڭدىن تۈلكە كۆرەڭلەپ كىتىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ،ئەخمەق يولۋاس تۈلكىگە قول قويۇپ،ئۇنىڭغا چىقىلالماپتۇ..ئۇ چوڭ كىچىك ھايۋانلارنىڭ تۈلكىدىن ئەمەس،ئۆزىدىن قورقۇپ قاچقانلىقىنى نەدىن بىلسۇن ؟

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 00:33:50

قىيىنچىلىققا يولۇققاندا،سوغۇققانلىق بىلەن يۈزلەنگەندىلا،قىيىنچىلىقنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.ھودۇقۇش،ئەنسىرەش بىزنى جىددېيلەشتۈرۈپ مەسىلىنى مۇرەككەپلەشتۈرۋىتىدۇ.شۇڭا پىكىر يۈرگىزىشنى ئۈگىنىش ۋە مەسىلىگە يۈزلىنىش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى

abdusamar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 00:34:25

ياخشى تىما ئىكەن ،داۋاملىق يوللاڭ……

karwan217 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 00:38:24

رىئاللىقا ئۇيغۇن مەسەل ئىكەن.

gulnar38 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 13:24:56

ssss يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 16:07:30

ھەقىقەتەن بەك ئەقىلىق ئىكەن تۈلكە. تۈلكىنى كۆرەڭلەتكەن يولۋاسنىڭ ھەيۋىسى دىگەن گەپ مۇشۇ شۇ ئىكەن دە
بەت: [1]
: قىيىنچىلىققا يولۇققاندا،سوغۇققانلىق بىلەن يۈزلەنگەندىلا،قىيىنچىلىقنى ھەل قىلغىلى