نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 12:13:43

بەختىڭىزنى ھىس قىلالامسىز

ئەرافات نۇرمۇھەممەدتەرجىمىسى
ئەدەبىي خاتىرە

بەختىڭىزنى ھىس قىلالامسىز

بىر قەيسەر قىز بار.ئۇنىڭ ئىسمى خۇاڭ مېيلەن.ئۇ كىچىك چىغىدىلا مىڭە پارالىچ كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلىقتىن،پۇت-قوللىرى تەڭپۇڭلۇقنى يوقاتقان،سۆزلەش ئىقتېدارىدىنمۇ قالغان.شۇڭا ئۇنىڭ ياشاش جەريانى قان-ياشلىق جەريان بولدى.بىراق ئۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويمىدى.ھاياتتىكى بارلىق ئىشلارغا قەيسەرلىك بىلەن يۈزلەندى.نەتىجىدە كالفورنىيە ئۇنۋېرىسىتىتىنىڭ سەنئەت دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىرېشتى.
بىر قىتىملىق نۇتۇق سۆزلەشتە،بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۇنىڭدىن:
-خۇاڭ دوكتۇر،تاشقى قىياپىتىڭىزدىن نۇمۇس قىلىپ باققانمىتىڭىز،بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟،دەپ سورىدى.
كۆپچىلىك مۇشۇنداق چوڭ سورۇندا ئەدەپسىزلىك بىلەن سورالغان بۇنداق سۇئالدىن خۇاڭ مىيلەننىڭ چوقۇم خاپا بولىدىغانلىقىنب جەزىملەشتۈرۈشتى.
(ئۆزۈمگە قانداق قارايمەن؟) خۇاڭ مىيلەن دوسكىغا زەردە بىلەن بۇ خەتنى يازدى.ئۇ بىشىنى سىڭايان قىلىپ،سۇئال سورىغان ئوقۇغۇچىغا قاراپ قويدى-دە،كۈلۈپ قويۇپ،يەنە يىزىشقا باشلىدى:
1.مەن بەك ئوماق!
2.پۇتۇم ئۇزۇن،ھەم چىرايلىق!
3.ئاتا-ئانام مىنى ياخشى كۆرىدۇ!
4.تەڭرىمۇ مىنى ياخشى كۆرىدۇ!
5.مەن رەسىم سىزالايمەن،ئەسەر يازالايمەن!
6.مىنىڭ ئوماق مۈشۈكۈم بار!
7.يەنە..........
8......
سىنىپ تىمتاسلىققا چۆمدى.ئۇ كۆپچىلىككە قايرىلىپ قارىدى،ئاندىن ئاخىرقى يەكۈننى يازدى:
(ئۆزۈمدە يوق نەرسىلەرنى ئەمەس،مەن ئىگە بولغان نەرسىلەرنى كۆرەلەيمەن،مەن بەك بەختلىك).
شۇ ھامان گۈلدۈراس ئالقىش،ھاياجانلىق ياشلار تۆكۈلدى.بۇ كۆپچىلىكنىڭ ساپ يۈرىكىدىن چىققان ھۆرمەت ئىدى.
خۇاڭ مىيلەن مۇنبەردە كۈلۈمسىرگېنىچە سىڭايان تۇراتتى.ئۇ مەڭگۈ يىڭىلمەيدىغان قەيسەر روھىنى يەنە بىر قىتىم نامايان قىلدى.

新疆儿童故事书

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 12:17:25

مەن مۇشۇ چاغقىچە مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاچقا بەختسىز مەن دەپ قارايتىم.بۇ تىمىنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ھىس قىلدىم،مەن خىلى بەختلىككەنمەن.
1.مەن ساغلام.
2.كۆيۈمچان ئاپام،ئوماق ئۇكىلىرىم بار.
3.دوسلىرىم ماڭا ئامراق.
4.روھلاندىكى دوسلارمۇ ماڭا ئامراق دەپ ئويلايمەن.
5.يەنە..........

kb137 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 12:58:16

مەزمۇنى خېلى ياخشىكەن ...كۆپ نەرسىلەر ئىسىمگە كەلگەنتى ......كۆڭلۈمدە بىلەي .... ئارتۇق گەپ قىلماي ..... مەنىلىك تېمىا يوللىغانلىقىڭىز ئۈچۈن كۆپ تەشەككۈر تېما ئىگىسى ....:victory:

gulnar38 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 13:43:02

قىرغىن يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 13:54:36

ئەجەپ ياخشى تىمىدىن بىر نى يوللاپسىزمۇنبەرداشلىرىڭز مەنچە بولغاندا سىزگە بەكلا ئامراق مەنمۇ شۇنداق بەخىت بەخىتنى ياراتقوچىلارغا مەنسۈپ يوللاپ توروڭ يەنىمو جىق

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 15:05:38

نەپرەت007 يوللىغان ۋاقتى2014-2-6 12:17 static/image/common/back.gif
مەن مۇشۇ چاغقىچە مۇھەببەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاچقا...

ئى چىرايلىقتا ۋاپا يوق دەپتىكلەن چوڭلامەبەتلى چىرايلىق چىغى{:5_156:}

tursun127 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 19:02:54

شۇ مەنمۇ بەخت ھېس قىلىمەنسىلەگە ئوخشاشكەنمەن

تۇرسۇن38 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 19:39:37

بەت: [1]
: بەختىڭىزنى ھىس قىلالامسىز