نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-2-5 21:59:59

بىباھا بايلىقنى ئۆزىڭىزدىن ئىزدەڭ

ئەرافات نۇرمۇھەممەدتەرجىمىسى

بىباھا بايلىقنى ئۆزىڭىزدىن ئىزدەڭ

بىر يىگىت ئائىلىسى نامرات بولغاچقا،دائىم روھسىز يۈرىدىكەن.كىشىلەر ئۇنىڭدىن (كېسەل بولۇپ قالدىڭىزمۇ ؟)دەپ سورىسا،ئۇ بىشىنى چايقاپ ئۇھ تارتىپ قويىدىكەن.ئۇ ھەددىدىن زىيادە ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكەچكە،مىنىڭ ئىستىقبالىم يوق،كەلگۈسىدىنمۇ ئېغىز ئىچىش مۇمكىن ئەمەس،دەپ ئويلايدىكەن.
بىر كۈنى،ئۇ بىر كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ كىتىۋاتسا،كۆۋرۈك بېشىدا ئولتۇرغان ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي ئۇنىڭغا زەن سىلىپ قاراپتۇ ۋە :
-يىگىت،بۇياققا كىلىڭە،قارىسام سىز ياش ھەم تەمبەلكەنسىز،روھىڭىزمۇ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.سىز باي ئادەمكەنسىز،كەلگۈسىڭىز پارلاق،دەپتۇ.
-مىنىڭ ھىچنىمەم بولمىسا نىمىگە قاراپ باي دەيسىز ؟
-ئىسىت،شۇنچە باي تۇرۇپمۇ..........
-نىمىگە ئىسىت دەيسىز ؟ بايلىقىم نەدە ؟
بوۋاي دەپتۇ :
-كۆزىڭىزنى ماڭا بەرسىڭىز،خالىغان نەرسىڭىزنى بىرىمەن !
-ياق،بولمايدۇ.
-ئەمسە ئىككى قولىڭىزنى بىرىڭ،بىر تاغار ئالتۇن بىرەي؟
-ياق،بولمايدۇ.
-يىگىت،سىزنىڭ بىر جۈپ ساغلام قولىڭىز،قىممەتلىك كۆزىڭىز بار ئىكەن،كۆزىڭىز بىلەن ئۆگىنىش قىلسىڭىز،قولىڭىز بىلەن ئەمگەك قىلسىڭىز بولىدىكەنغۇ ؟
يىگىت ئەقلىنى تاپقاندەك بوپتۇ.

新疆儿童故事书

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-2-5 22:08:03

بايلىقنى ئەقىل-پاراسەتكە تايىنىپ ئىزدەپ،ھالال مىھنەتكە تايانغاندىلا ئېرىشكىلى بولىدۇ.پەقەت ئەقىل-پاراسەت ۋە ئىشچان ئىككى قولغا تايانغاندىلا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتنى تۇتۇپ،كەڭ تەرەقىيات بوشلۇقىنى ھازىرلىيالايمىز.

DIYARIM0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-5 23:29:40

bu tima nemdigan yahxi ha .

يۇلغۇن1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-5 23:42:19

بۇرۇن باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىدە بار ئىدى . بۇنىڭدىكى ساۋات ناھايىتى چۈشىنىشلىك ،ئەقەللى بولسىمۇ ،نۇرغۇنلىرىمىز بىلمەي يۈرىمىز . ياخشى يوللاپسىز .

بىجىرىم يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 20:04:18

تېلفۇندا يوللاش ئاسان گەپ ئەمەس جۇمۇ. تېلفۇندا خېلى ئۆلچەملىك ئۇرۇپ يوللاپسىز. جاپا چەكتىڭىز.
بەت: [1]
: بىباھا بايلىقنى ئۆزىڭىزدىن ئىزدەڭ