ئۆزىگە تايىنىش ئاقىلانىلىك
ئەرافات نۇرمۇھەممەدتەرجىمىسىئەدەبىي خاتىرە
بىر ئادەم يولدا كىتۋاتقاندا يامغۇر يىغىپ كىتىپتۇ.ئۇ يول بويىدىكى كەپىگە كىرىپ پاناھلىنىپتۇ.ئۇ سىرتقا قاراپ تۇرغاندا،يولدىن خىزىر سۈپەت بىر ئادەمنىڭ كۈنلۈك تۇتۇپ ئۆتۈپ كىتۋاتقانلىقىنى،ئۇ ئادەمنىڭ بۇدساتۋاغا بەكمۇ ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.
يولۇچى ھاياجانلىنىپ ھىلىقى ئادەمدىن سوراپتۇ:
-سىز بۇدساتۋامۇ ؟
-شۇنداق!
-ئەي ساخاۋەتچى بۇدساتۋا.مىنى يامغۇردىن پاناھلاندۇرۇپ بىللە ماڭسىڭىزچۇ ؟
-سەن كەپىدە،مەن يامغۇردا.ساڭا يامغۇر چۈشمىسە مىنىڭ ياردىمىمگە مۇھتاج ئەمەسسەن.مەندىن ياردەم تەلەپ قىلماي كۈنلۈك ئىزدە ، دەپ كىتىپ قاپتۇ.
بۇ ئادەم بەك ئۈمىدسىزلىنىپتۇ،لىكىن (بۇدساتۋا)نىڭ سۆزىنىڭ تىگىنى چۈشەنمەپتۇ.
ئەتىسى بۇ ئادەم قىيىن ئىشقا يولۇقۇپ،بۇتخانىغا بىرىپتۇ.قارىسا تۈنۈگۈنكى خىزىر سۈپەت كىشىمۇ تىزلىنىپ ئولتۇرغىدەك.
ھەيران بولۇپ سوراپتۇ :
-سىز بۇدساتۋا ئەمەسمۇ ؟
-مەن شۇ !
-نىمىشقا ئۆزىڭىزگە تىزلىنىسىز ؟
-مەنمۇ قىيىن مەسىلىگە يولۇقتۇم،شۇڭا ئۆزۈمدىن ياردەم سوراۋاتىمەن،چۈنكى ئادەم ئۆزىگە تايانمىسا بولمايدۇ ! دەپتۇ.
新疆儿童故事书 مەزمۇنلۇق تەرجىمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن. داۋاملىق تىرىشقايسىز. مۇشۇ تېمىڭىزدىكى خىزىر سۈپەت كىشىنى بۇدساتۋا دەپ ئېلىشىڭىز سەل مۇۋاپىق بولمىدىمۇ قانداق؟ بۇدساتۋا قانداقمۇ خىزىر سۈپەت بولسۇن؟ (بۇدساتۋا بۇددا دىنىنىڭ، خىزىر بولسا مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىزنىڭ تۇرسا…) كەچۈرگەيسىز، بەلكىم مەن ئارتۇقچە ئويلاپ قالدىممۇ-يا؟ تۈرگەنى يوللىغان ۋاقتى2014-02-05 10:09:35 static/image/common/back.gif
مەزمۇنلۇق تەرجىمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن. داۋامل
بۇ خەنزۇچە كىتاپتىكى بويىچە ئىلىنغان..بۇددا دىنىدىمۇ خىزىر سۈپەت دىگەن سۆز ئىشلىتىلىدىكەن..بۇ قانداقتۇر ئىسلامغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق ئەمەس..دىننىڭ ئادەملىرى ئوخشاش ئىتقادى باشقا.پەرق شۇنچلىك..ئارتۇق ئويلاپ كەتمەڭ ياخشى يىزىپسىز ئەمما سەل بىنورمالمۇ نىمە بىنورمال بىلىنسە مىغىزىنى چىقىۋېلىپ شاكىلىنى تاشلىۋېتىپ پايدىلانغۇلۇق..يەنى بىز خۇدا بىرىدۇ دەپ ئۇخلاپ ياتساق بەرمەيدۇ.ئۆزىمىزگە تايىنىپ ئاندىن خۇدادىن تىلىسەك بولىدۇ. ياخشى كەن ياخشى تەرجىمە قىپسىز .جاپا چەكتىڭىسىز توغرا دەيسىز.ھەممىمىز ئۆزىمىزگە تايانغىنىمىز ياخشى . يۇلغۇن1 يوللىغان ۋاقتى2014-2-6 22:45
توغرا دەيسىز.ھەممىمىز ئۆزىمىزگە تايانغىنىمىز ياخشى .
ياخشى تېمما يوللاپسىز. ئىگەممۇ"ساقلانساڭ، ساقلايمەن" دىگەن ئىكەن.ئۆزىمىز تىرشمىساق تۈڭلۈكتىن تۈشمەيدۇ.
ئەجىرڭىزگە رەخمەت.
بەت:
[1]
2