كىتاب ۋە بىلىم توغرىسىدا 《نەپرەت خاتىرىسى》
ئادەمنىڭ بارلىق ھەۋىسى ياكى ياخشى كۆرۈشى ئىچىدە بىردېنبىر زىيانلىق بولمىغىنى-ياخشى كىتاب ئوقۇشتۇر.ھەربىر ياخشى كىتاب-ئادەمگە بىر يىڭى دۇنيانى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
ياخشى كىتاب قۇياش نۇرىغا ئوخشاش سىزنىڭ قەلبىڭىز ۋە تەپەككۇر ئالىمىڭىزنى يورۇتىدۇ.
كىتاب ئوقۇش مەن ئۈچۈن تاماق يىيىشكە ئوخشايدۇ،بىر كۈن كىتاب ئوقۇمىسام،بىر كۈن تاماق يىمىگەن ئادەمدەك روھىي جەھەتتە ئىچىرقاپ،چىدىيالمايمەن.
كىتاب ئوقۇش بىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك ئىھتىياجىغا ئايلانغاندا،ئۇ ئادەم روھىي جەھەتتە تىك تۇرغان مەزمۇت ،سەگەك ئادەم ھىسابلىنىدۇ.
كىتاب ئوقۇش-قەلب بىلەن قەلبنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى دېمەكتۇر.كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق بىز ئۆزىمىزگە نۇرغۇن پايدىلىق بىلىم،ۋە دوس تاپالايمىز.
ھاياتلىق ھەرىكەتكە باغلىق،كىتاب ئوقۇشمۇ بىر خىل ھەرىكەت،ئەمما بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ چىنىقتۇرىدىغىنى-بەدىنىمىز بولماستىن بىزنىڭ روھىمىزدۇر.
ياخشى كىتاب بىزنى مەڭگۈ ئالدىمايدىغان،ئاسىيلىق قىلمايدىغان سادىق دوستتۇر.
ياخشى كىتاب-ئەقىل ئاچقۇچى،ناچار كىتاب-ئەدەب-ئەخلاقنىڭ كىشەنى.
كىتاب ئوقۇش-بىر خىل ياخشى ھوزۇرلىنىش.
كىتاب ئوقۇش-ئۆزىمىزنىڭ كاللىسىنى بىلىم بىلەن قوراللاندۇرۇش دىمەكتۇر.
كىتاب-ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ سادىق دوستى.
ياخشى كىتاب شىپالىق دورىغا ئوخشايدۇ.ئوقۇشقا ماھىر كىشىلەر كىتاب ئارقىلىق نادانلىقىنى داۋالايدۇ.
كىتاب ئوقۇش-ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن،يىڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن،ئالغا ئىلگىرلەش ئۈچۈن ياخشى ھەمراھ.
كىتابنى جانلىق ئوقۇپ،جانلىق ئىشلەتكەندە،دۆت ئادەم ئەقلىنى تاپىدۇ،كىتابنى ئۆلۈك ئوقۇپ،ئۆلۈك ھالدا ئىشلەتكەندە،ئەقىللىق ئادەممۇ دۆتلىشىدۇ.
كىتاب ئوقۇشمۇ بىر خىل سەنئەت.كىتاب ئوقۇشنى ئۈگەنگەنلىك-بىلىم ئىلىش تەشنالىق مەشئىلىنى قولغا ئالغانلىق.
بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىق-يورۇقلۇقنى قاراڭغۇ زىمىستانغا ئايلاندۇرىدۇ.بىلىم-قاراڭغۇنى يورۇقلۇققا ئايلاندۇرىدۇ.
بىلىم-ئادەمنىڭ قەلب ئىتىزى ئۈچۈن شەبنەم ۋە قۇياش دىمەكتۇر.
بىلىم ئىلىش-ئۆزىنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلماستىن،ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ.
ياخشى كىتاب بىلەيگىمۇ ئوخشايدۇ،ئۇنىڭ بىلەن نادانلىق،بىلىمسىزلىك داتلىرىنى بىلەپ چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ.
كىتاب-ھورۇن ئادەم ئۈچۈن بىر دۆۋە كىرەكسىز قەغەز،ئابرۇيپەرەس ئادەم ئۈچۈن زىننەت بۇيۇمى،ئۆز نۆۋىتىدە تىرىشچان ئادەم ئۈچۈن بىباھا گۆھەر دېمەكتۇر.
ياخشى كىتاب-خىسلەتلىق چىراغ مىسالى،ئەمما ئۇنىڭ يورۇتىدىغىنى كىچە بولماستىن،بىلىم تەشنالىرىنىڭ قەلب دۇنياسى.
ئەسكەرتىش:مەزكۇر يازمىنى ئۆزۈم بىر ھەپتە يۈرۈپ يازدىم.ياقتۇرغانلار كۆچۈرسە بولىدۇ،ئەمما مەنبەنى ۋە تور بەت ئادىرىسىنى ئەسكەرتىڭ. يانفۇندا قانداقمۇ يېزىپ بولغانسىز. كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش ھەقىقەتەن ياخشى ئىش. «ياخشى كىتاب شىپالىق دورىغا ئوخشايدۇ، كىشى ئوقۇش ئارقىلىق قەلبىمى داۋالىيالايدۇ.» بۇ جۈملىڭىز ماڭا بەك ياقتى. داۋاملىق ياخشى يازمىلارنى يوللاپ تۇرغايسىز. تۈرگەنى يوللىغان ۋاقتى2014-02-05 10:16:38 static/image/common/back.gif
يانفۇندا قانداقمۇ يېزىپ بولغانسىز. كىتاب ئوقۇش ئادىتى
كۆپ تىمىنى تىلفۇندا يوللاپ جىق خەتكە كۆنۈپ قاپتىمەن..رومان بولسىمۇ يىزۋەتكۈدەك ئەپتىم با :D:D:D:victory::victory: ئېسىل يازمىڭزغا رەھمەت. ياخشى يىزىپسىز سىز كىتاپ ئوقوش مەن ئۈچۈن تاماق يىگەنگە ئوخشاش دەپسىزسىز مەكتەپكە كىرىپ كىتاپ ئوقىغانغا قەدەر تاماق يىمىگەنمىتىڭز؟ چاخچاق جۇمۇ{:5_171:}
ياخشى يىزىپسىز تىرىشىڭ ماڭا بەك ياختى قىرغىن يوللىغان ۋاقتى2014-02-05 14:14:26 static/image/common/back.gif
ياخشى يىزىپسىز سىز كىتاپ ئوقوش مەن ئۈچۈن تاماق يىگەنگە
ھى ھى ھىكىتاب مىنىڭ ناشتىلىقىم.بۇ ھەقىقەت. ياخشى كىتاپنى مەنمۇ ياخشى كۆرىمەنئوقۇپ تۇرسائەسكا ساقلاش قابىلىيتىنى يوقۇرى بولىدۇ ئەسسالام ئەلەيكۇم ،قېرىنداشلار، سىلەرگە ««پۇل ئۇرۇشى» دىگەن كىتاپنى تەۋسىيە قىلاي. كىتاب ئۇقۇش ئادىتىنى ۋە قىزغىنلىقىنى قانداق يىتۈلدۈرمىز ۋە ئاشۇرمىز
بەت:
[1]