ئوقۇتۇشتا ئادەم تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
ئوقۇتۇشتا ئادەم تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكپەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى، مۇناسىپ ھالدا جەمىئەتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلىشى ئومۇمىي خەلقنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ھەمدە بىر تۈركۈم ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تەلەپ قىلماقتا. جەمىئەت ئۈچۈن ياراملىق ۋە زۆرۈر بولغان ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتا، مەكتەپلەر ناھايىتى موھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. مەكتەپلەرسىز زور تۈركۈمدىكى ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. مەكتەپلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، جەمىئەت ۋە دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشالايدىغان قابىلىيەت ئىگىلىرىنى تەربىيلەش پۈتكۈل –پۈتكۈل ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى مەركىزىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئوقۇتۇش جەريانىدىن مەلۇمكى ، ئادەم تەربىيلەش خىزمىتى بىلەن ئوقۇتۇش خىزمىتى ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان گەۋدە. چۈنكى ئادەم تەربىيلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ قانداق بولىشى ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. دەرسخانا ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى-يېڭى تەسىراتلارغا ئىگە قىلىدىغان، ئوقۇتقۇچىنى تەشەببۇسكارلىققا ئىگە قىلىدىغان ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە بىلبندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىدىغان تەڭدىشى يوق مۇقەددەس سورۇن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئادەم تەربىيلەش خىزمىتىدە دەرسخانىدىن پايدىلىنىشنى چىڭ تۇتۇش ئىنتايىن موھىم. چۈنكى دەرسخانىدىن پايدىلانغاندىلا، تەربىيە خىزمىتىنى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ. ئوقۇتۇشتا دەرسخانىدىن پايدىلىنىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئادەم تەربىيلەش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشتە تۈۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا ئىتىبار بېرىش كېرەك.
1.ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سوتسىيالىزىم تەربىيىسىنى كۈچەيتىش.
نۆۋەتتىكى بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سوتسىيالىزىم تەربىيسى بېرىش –ئادەم تەربىيلەش خىزمىتىدىكى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان موھىم ۋەزىپە ھېساپلىنىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۇنيا قارىشى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇلمىغان، ئىدىيە جەھەتتە تۇراقسىز ، ئوبىكتىپ دۇبنياغا توغرا يۆنىلىشتىلا نەزەر سالىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى غەرپ مەدەنىيىتى ۋە بازار ئىگىلىكىنىڭ تەسىرىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى سۇسۇلىشىپ قالدى. شۇڭا، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا دەرس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ، خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن دەۋرلەردىن بېرىقى ئىختىرا- نەتىجىلىرى، ئېسىل مەدەنىيىتى، كۆرەشلىرى، شۇنداقلا يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھەر ساھە، ھەر كەسپتە بارلىققا كەلگەن تىرىشچان تالانتلىق ئەزىمەتلىرى، ئالىملىرى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىنى قوزغىغىلى بولىدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىك توغرىسىدىكى ھېسسىياتنى تەربىيلەپ يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلاردا يەنىمۇ ھەسسىلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش ئۈچۈن غايەت زور ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەيدانغا كېلىدۇ. بۇنداق قىلىش ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سوتسىيالىزىم توغرىسىدىكى ئابىستىراكىت ۋائىزلىققا قارىغاندا، كۆپ ئۈنۈم بېرىدۇ.
2. ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشكە ماھىر بولۇش كېرەك. مائارىپ ئىسلاھاتى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا يېڭى ۋە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قيماقتا. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاشقا، قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ۋە خاراكتىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر. بۇ ھال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، يۇقىرى تەلەپ ۋە يېتىش نىشانىنى ئوتتۇىرغا قويىشىنى ھەرگىزمۇ چەتكە قاقمايدۇ. ئوقۇتقۇچى ئۆز ئوقۇغۇچىسىغا قاتتىق تەلەپ قويىشى كېرەك. تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلار يۈرۈش-تۇرىشىنىڭ ئۆلچەملىك، گەپ-سۆزىنىڭ ئىلىمي ۋە ئورۇنلۇق بولىشىغا، ھەر قاچان، ھەر جايدا ئكزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئەستىن چىقارماسلىقىغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى مانا مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنىڭلا ئۆز ئوبىكىتلىرى ئارىسىدا ئىناۋىتى يۇقىرى بولىدۇ-دە، ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇشىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ.
كۆيۈمچان ئۇستاز، ماھىر يېتەكچى بولۇش كېرەككى، چاكىنىلىق ۋە قوپاللىق قىلمىشلىرىنى سادىر قىلماسلىقى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئوقۇغۇچىلاردا قېيىداش، قارشىلىشىش نىيىتى پەيدا قىلىپ قويىشى مۇمكىن. دەرۋەقە، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىنى تەنقىد قىلىشى، ئادەتتىكى ئوقۇتۇش ۋە تەربىيە خىزمىتىدكى نورمال ئىش بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق تەنقىد ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلغان بولۇشنى، جايىدا ۋە لايىقىدا بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
3. ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا چۆكۈپ، ئۇلار ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش.
ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا چۆكۈپ ،ئۇلار بىلەن سائەتلەپ سىردىشىش، ئۇلارنى چۈشىنىش، ئۇلار دۇچ كەلگەن ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشلازىم. بۇ تەربىيلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى يەنە بىر موھىم تەرەپ. ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، دەرسىانىدا دەرس ئۆتۈش بىلەن ئادەم تەربىيلەشلا كۇپايە قىلمايدۇ.ئوقۇتقۇچى يەنە دائىم ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا چۆكۈپ، ئۇلارغا ياخشى ئۇستاەز ۋە دوست بولىشى، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىغا چامىسىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشى، ئۇلار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشى ، ئۇلارنىڭ ئىنكاس ۋە ساداسىغا قۇلاق سېلىشى لازىم. بۇنداق قىلغاندا ، ئوقۇتقۇھى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى كۈچەيتكىل بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنىمۇ ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئادەم تەربىيلەش خىزمىتى بىلەن ئوقۇتۇش خىزمىتى ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان بىر گەۋدە. پەقەت يۇقىرىقى تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ ئۈزلۈكسىز تىرىشقاندىلا، بۇ ئىككى خىل خىزمەتنى ماسلاشتۇرۇپ، جەمىئەتنىڭ تەلىپىگە يارىشا ئىقتىساس ئىگخلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ.
بەت:
[1]