تېز سۈرئەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مەخپىيىتى (خوتەندە)
مۇۋەپپەقىيەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟ تېز سۈرئەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئۇسۇلى بارلىقىنى بىلەمسىز؟ھېچكىمگە مۇۋەپپەقىيەت كەم ئەمەس، ھېچكىمگە مىدال كەم ئەمەس. ئوبامانىڭ تېرنېرى بار، مايكول جورداننىڭ تېرنېرى بار، چېڭلوڭنىڭ تېرنېرى بار، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ تېرنېرى بار. سىزنىڭ تېرىنېرىڭىز بارمۇ؟ ئۇ ناھىيە دەرىجىلىكمۇ ياكى شەھەر دەرىجىلىكمۇ؟ دۆلەت دەرىجىلىكمۇ ياكى خەلقئارا دەرىجىلىكمۇ؟
مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئۇسۇلى بار، مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبى بار.
سىزنىڭ بۇ مەخپىيەتلىكنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟ سىزنىڭ مەڭگۈ بىر كىچىك دۇكاننىڭ خوجايىنى بولغىڭىز بارمۇ ياكى بىر كارخانا ئىگىسى بولغىڭىز بارمۇ؟
سىزنىڭ ئۆز ئاجىزلىقىڭىزغا جەڭ ئېلان قىلىپ رېكورت ياراتقۇڭىز بارمۇ؟
سىز مۇۋەپپەقىيەتنىڭ نۇسخىلىغىلى بولدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟
سىزنىڭ ئالدىرماي تىرىشىپ، قېرىغاندا نەتىجە قازانغىڭىز بارمۇ ياكى دەرىجىدىن تاشقىرى تىرىشىپ، ياش تۇرۇپ چوڭ نەتىجە قازانغىڭىز بارمۇ؟
مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار بىلەن ئاددىي كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر شەكلىدىكى پەرقنى بىلگىڭىز بارمۇ؟
ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەت ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ، كىرىمىڭىزنى ھازىرقىدىن ئىككى ھەسسە، بەش ھەسسە ھەتتا ئون ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈشنى خالامسىز؟
ھەقىقى سېتىش ماھارىتىنى ئۆگەنگىڭىز بارمۇ ؟
سېتىشنىڭ قانداق قەدەم باسقۇچلار بىلەن مۇكەممەل تاماملىندىغانلىقنى بىلگىڭىز بارمۇ ؟ يەنە باشقىلارنىڭ رەت قىلىشدىن قورقۇۋاتامسىز؟ چوڭ خېرىدارنى قانداق قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مەخپىيتى كېرەكمۇ؟
سېتىش ماھارىتىنى ئۆگىنىپ كىرىمىڭىزنى ھازىرقىدىن 2 ھەسسە، 5 ھەسسە ،ھەتتا ئون ھەسسە يۇقىرى كۆتىرىشنى خالامسىز؟ ياكى بۇرۇنقىدەك ساتالماي قىينىلىپ ئۆتمەكچىمۇ؟
سىز سېتىشنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟
سېتىش چىمپىيونى بۇلۇشنىڭ مەخپىيتىنى بىلگىڭىز بارمۇ؟
يەنە نىمىگە قاراپ تۇرسىز؟ دەرھال تىزىملىتىڭ. بۇ قېتىم «تېز سۈرئەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مەخپىيىتى»، «سېتىش ماھارىتى» ۋە «مۇكەممەل نىكاھ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسى» دېگەن تېمىدا ئابدۇراھمان مۇئەللىم ۋە خەدىچە خانىم بىرلىكتە لىكسىيە سۆزلەيدۇ. ئۆگنىش مۇھىم، كىمدىن ئۆگىنىش تېخىمۇ مۇھىم. بۇنداق پۇرسەت كۈندە بۇلىۋەرمەيدۇ.
تىزىملاش ۋاقتى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، دەرھال ھەركەتلىنىڭ !!!
دەرس ۋاقتى: 2014- يىلى 2- ئاينىڭ 12-، 13- كۈنى
تېلېفون: 18140701199
دەرىس ئورنى : خوتەن شەھىرى. كونكىرت ئورنى تىزىملىتىپ بولغانلارغا ئايرىم ئۇقتۇرىلىدۇ.
شىركەت تورى: http://www.toghraq.com/
http://chongbazar.com/com/toghraq
مەنبە: http://chongbazar.com/exhibit/1/yighin_3.html ئۆزلىرى خوتەندىنما ? تېلڭۋزوردا ئېلان ئىشلىسىڭىز ئالامەت چىقاتىكەن.;P:lol يەنە بىر پىرىم قۇرۇق شۇئار ئارقىلىق كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇرۇپ ئۇلارنى قۇيدىغان بوپتۇ-دە! خوتەنلىكلەردە پۇل جىق ئازراق شۇلۈپ يىنىپ كىلەر بەلكىم! تولا ئادەم مىڭىسنى يۇيىدىغان گەپنى ئاز قىلىپ يامان بولسا مەھسۇلات ئىشلەپ، ياشلىرىمىزنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاندىن چوڭ گەپ قىلسۇن.زادى مۇشۇ ئۇيغۇر خەلق گول خەق، بىرسى كىلپ ماتا داملىسا، بىرسى كىلىپ دورا داملىسا، يەنە بىرسى كىلىپ سىتىش ماھارىتىنى تىز سرئەتتە ئۈگىتىپ باشقىلارنىڭ باي بولۇشىغا ياردەم قىلارمىش! ھەمىمىسى قۇرۇق گەپ!............مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس! ئاگاھ بولۇڭلار دوستلار يانجۇقىڭلاردىكى ئىۋۇ-تەس تاپقان پۇلغا ئوبدانراق ھىزى بولارسىلەر. بۇ پىرىملار پۇل تىپىشىپ بەرمىگەن بىلەن ھىلى ماۋۇ تۈر، ھىلى ئاۋۇ تۈر دەپ ئولتۇرۇپ زاپاس ساقلاپ قويغان پۇللىرىڭلارنى مەبلەغ ساغۇزۇپ سۇغا چۈشكەن تاپتەك يوقايدۇ ھەقىچان ئۇ پىرىم.......... ئەمدى ئالدانماڭلار!..... قالايمىقان مەبلەغ سىلىپ مىڭ تەستە تاپقان پۇللىرىڭلارنى بىكاردىن-بىكار سىلىپ بەرمەڭلار. ئۇ يەردە قۇرۇق گەپ ئاڭلىغىچە چىقىپ ئۆز ئىشىڭلارنى قىلىڭلار!. rabbiy يوللىغان ۋاقتى2014-2-4 22:38 static/image/common/back.gif
ئۆزلىرى خوتەندىنما ?
ئىككى كۈندىن كېيىن خوتەنگە بارىمەن.
ئۆزلىرىچۇ؟ nuri يوللىغان ۋاقتى2014-2-4 23:14 static/image/common/back.gif
تېلڭۋزوردا ئېلان ئىشلىسىڭىز ئالامەت چىقاتىكەن.
تېلېۋىزوردا ئىشلەشنى ئويلاشمىدۇق.
يول كۆرسەتكىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا. ھەممە ئادەم بىر ئىشنى ھەر تەرەپتىن كۆزىتىدۇ. بىكارغا خەجلەيدىغان پۇللىرىڭلاردىن ئازراق چىقىم قىلىپ لىكسىيەنى ئاڭلاپ بېقىڭلار. كاللاڭلار ئېچىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. مۇشۇمۇ گەپكەن..لىكسىيە سۆزلىگەنگىلا بايلىق يولىنى تىپۋېلىش ناتايىن..ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق كايماس يوللىغان ۋاقتى2014-2-4 23:14 static/image/common/back.gif
يەنە بىر پىرىم قۇرۇق شۇئار ئارقىلىق كىشىلەرنى ھاياجان ...
سىز نېمىدىگەن قالتىس.
سىز ھازىرغىچە قاخشاپ، باھانە ئىزدەپ قانچىلىك ئىشنى ئۆزگەرتەلىدىڭىز؟ قانچىلىك ئىش قىلالىدىڭىز؟ قانچىلىك كىشىلەرگە ياردەم بېرەلىدىڭىز؟
مەن قانچىلىك ئادەم؟ سىز قانچىلىك ئادەم؟ يەنە نۇرغۇنلىرىمىز قانچىلىك ئادەم ئىدۇق؟؟؟
ئاۋال ئىشنىڭ تىگىگە يېتىپ ئاندىن ھۆكۈم چىقىرىشنى ئۆگىنىۋالايلى.
http://barmu.cn/datafile/microblogimg/140205/32400/12342612_ssss.jpg نەپرەت007 يوللىغان ۋاقتى2014-2-5 00:25 static/image/common/back.gif
مۇشۇمۇ گەپكەن..لىكسىيە سۆزلىگەنگىلا بايلىق يولىنى تىپ ...
مېنىڭچە سىزگە كۆپ گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئەگەر ھەممە ئادەمگە نىسبەتەن ھەممە ئىش ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق بولىدىغان ئىش بولغان بولسا، بۇ دۇنيادا «ئوقۇتقۇچى، ئۇستاز» لارنىڭ كېرىكى بولمىغان بولاتتى. ھەممە ئادەمنىڭ تۇرمۇشى ئوخشاش بولغان بولاتتى. بىراق ئۇ ئىشلار نۇرغۇن تەرەپكە چېتىلىدۇ. بۇنى سىز ئوبدان بىلىسىز.
قالغىنىنى ئەمەلىيەت ئىسپاتلايدۇ.
بەت:
[1]
2