تەدبىر جانلىق بولغاندا ھەممە ئىش يۈرۈشىدۇ
ئەرافات نۇرمۇھەممەدنەپرەت تەرجىمىسىئەدەبىي خاتىرە
تەدبىر جانلىق بولغاندا ھەممە ئىش يۈرۈشىدۇ
جېڭ بەگلىكىدىكى بىر تالىپ كۈن بويى ئۆيىدە قىتىرقىنىپ كىتاپ ئوقۇپ،ئۆگىنىش قىلىدىغان بولغاچقا،تاشقى دۇنيا بىلەن ناھايتى ئاز ئۇچرىشىدىكەن.ئۇ بارلىق كىتابلارنى ئوقۇپ بولساملا،ھەممە ئىشنى قىلالايمەن دەپ ئويلايدىكەن.
بىر كۈنى ئۇ بازارغا چىقىپ بىر جۈپ ئاياغ سىتىۋالماقچى بوپتۇ.لىكىن،ئاياغ دەل كەلمىسە قانداق قىلارمەن دەپ غەم قىلىپ قاپتۇ.بىر ھازا ئويلانغاندىن كىيىن ئۇ ياخشى ئامال تىپىپتۇ.تالىپ پۇتىنىڭ چوڭ-كىچېكلىكىگە ئاساسەن ئەندىزە ئىلىپ بىر پارچە قەغەزنى كىسىۋاپتۇ.تالىپ بازارغا كەپتۇ،بىر ئاياغنى يارىتىپ قىلىپ،يانچۇقىنى ئاقتۇرۇپ قەغەزنى ئۇنتۇغانلىقىنى ھىس قىپتۇ.
تالىپ ئۆيگە كىلىپ،قەغەزنى ئىلىپ بازارغا كەلگەندە بازار ئاللىقاچان تارقاپ كەتكەن بولۇپ،ئۇ بىرىپ كەلگۈچە نەچچە ئون چاقىرىم يولنى باسقانلىقىنى ئاز دەپ ئاياغمۇ ئالالماپتۇ.
新疆儿童故事 بىز كىتابىي بىلىملەر ۋە تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىپلا قالماي،تۇرمۇشتىن ھاياتلىق تەجرىبىلىرى،ئىجتىمائىي ماھارەتلىرىنىمۇ ئۆگىنىشىمىز كېرەك.
ھەر قانداق ئىشقا يولۇققاندا،ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزگەندىلا خاتالىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. پۇتىغا كىيىپ سىنىسا بولاسمىدى ئۇ ساراڭە . كىتاب يۈدىگەن ئىشەككەن ئۇ. چوقۇم نەزىريە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشنى بىلمىگەن گەپ.
بەت:
[1]