0998bulak يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 23:03:01

ئىسىملار نىڭ مەنىسى


ئىسىملار   _مەنىسى

ئابا _ دادا ، ئاتا ، شۇنداقلا ئاپا ، ئانا دېگەن مەنىسىمۇ بار
ئابامبەگ _ ئەبەدىيلىك بەگ
ئابام ئۇلۇغ _ ئەبەدىيلىك ، مەڭگۈلۈك
ئابىنچۇ _ خۇشاللىق ، كۆڭۈلنى ئالغۇچى
ئابىنچۇ قاتىن _ كۆڭۈلنى ئالىدىغان خېنىم ، خانىش
ئابىنىق _ بەختلىك ، تىنچ
ئاتابېك _ ئوردا تەربىيىچىس ، تەربىيىچى
ئاتات _ تاي ، قۇلان
ئاتاش _ ئاتەش ، ئوت
ئاتاي _ بالا ، باچكا
ئاتلىغ _ ئابرويلۇق ، ئاتالغان ، مەشھۇر ، باشلىق
ئاتىش _ ئېتىشماق
ئاتمىش قارا _ ئاتمىش : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى
ئاتىم _ مەرگەن
ئاچارى _ ھەزرەت ، ئۇستاز
ئاچۇق _ ئوچۇق
ئاچىق _ چوڭ ئاكا
ئادام توغرۇل _ توغرۇل ( بىر خىل يىرتقۇچ قۇش )دەك چىۋەر ئادەم
ئادايۇ _ ئېزىز ، قىممەتلىك
ئادۇغ ( ئادىغ ) _ ئېيىق
ئارا بۇغا _ ئوتتۇرا ھال بۇغا
ئارتۇق _ ئارتۇق ، ئېشىپ كەتكەن ، جىق ، نۇرغۇن
ئارتۇن _ زىرە ( ئۆسۈملۈك )
ئارسلان _ شىر بالىسى
ئارغۇ _ ئىككى تاغ ئارىسى
ئارغۇن _ ئارغىماق
ئارقار _ ياۋا قوي
ئارقۇ _ باھالىق ، قىممەتلىك
ئارقىش _ كارۋان باشلىقى ، خەۋەرچى
ئارىش _ تازا ، پاك ، پاكىز
ئارىغ _ پاكىز ، ساپ
ئازغىر ( ئادغىر ) _ ئايغىر
ئازۇق _ ئوزۇق ، يېمەكلىك
ئازۇقلۇغ _ ئوزۇقلۇقى بار ئادەم
ئازىغ _ ھوشيار كىشى
ئاژۇن _ دۇنيا ، دەۋر
ئاسغۇ _ مارجان ( بويۇنغا ئاسىدىغان )
ئاسىغ _ نەپ ، پايدا ، مەنپەئەت
ئاسقىن _ ئېسىل ، ئالىيجاناب
ئاشان _ ھۈرمەتلەن ، غىزالان
ئاشان توغرۇل _ توغرۇلدەك غىزالان
ئاشتال _ كەنجى ئوغۇل
ئاشاي _ غايە ، مەقسەت
ئاغارلاغ _ ھۈرمەتكە لايىق ، شەرەپلىك ، ئۇلۇغ
ئاغۇش _ ئۇرۇق ، جەمەت
ئاغىر _ قەدىرلىك ، ئېزىز ، شەرەپلىك ، ئۇلۇغ
ئاقاش _ ئاكا ، ئاكاش
ئاقى _ مەردانە ، جەسۇر ، مەرد
ئاقخان _ ئاق : ئىسمى ، خان : قوشۇمچىسى
ئالپ _ جەسۇر ، باتۇر ، قەھرىمان
ئالپ ئايا _ ئەڭ ياخشى قەھرىمان
ئالپ ئاتا ( ئەلپەتتا ) _ باتۇر ئاتا
ئالپ ئەرتۇڭا _ قاپلاندەك باتۇر ئەر
ئالپ تېكىن _ باتۇر شاھزادە
ئالپاغۇت _ يېڭىلمەس قەھرىمان ، تاغ يۈرەك باتۇر
ئالتۇن _ (1) ئالتۇن ، (2) زۆھرە يۇلتۇزىنىڭ ئىسمى
ئالتۇن قارا : ئالتۇن : ئىسمى ، قارا : سۈپىتى
ئالقا _ مەدھىيىلىمەك
ئالقىش _ بەخت ، خۇشاللىق ، تەنتەنە
ئامساق _ ھەۋەس
ئامۇل _ تەمكىن ، ئېغىر – بېسىق
ئاناچ _ ئۆزىنىڭ زېرەكلىكى بىلەن ھەممىگە ئانىدەك تۇيۇلىدىغان قىز
ئانۇغ _ ئۈمىد ، ئارزۇ
ئاي _ ئاسماندىكى ئاي
ئايۇق _ ئايىغۇچى ، قوغدىغۇچى
ئايكۈن _ ئاي ۋە كۈن
ئاي سىلىگ _ ئايدەك پاك
ئايخان _ ئايدەك خان
ئايتەڭرى _ تەڭرى : ئىسمى ، ئاي : سۈپىتى
ئاي تۇغمىش _ ئايدىن تۇغۇلغان
ئايتولدى _ ئايدەك تولغان
ئاي چەچەك _ ئايدەك چىرايلىق ( قىز )
ئەدگۈ ( ئەزگۈ ) _ ياخشى ، ئېسىل ، چىرايلىق
ئەرەن _ يىگىت ، ئەركەك ، ئەر
ئەر بۇقا _ بۇقىدەك كۈچلۈك ئەر
ئەردەم _ ئەدەب ، ئەخلاق ، پەزىلەت
ئەردەنى _ گۆھەر ، مەرۋايىت ، ئۈنچە
ئەردەنى قاتىن _ گۆھەر خېنىم
ئەرك _ ئەركىنلىك ، سەلتەنەت
ئەركەچ _ تېكە
ئەسەن _ ئېسەن ، ساق – سالامەت
ئەسەن قارا _ بۈيۈك ساقلىق ، كاتتا ئېسەنلىك
ئەكە _ ئۇكا ، سىڭىل
ئەلكۈن _ خەلق ، قەبىلە
ئەۋلىك _ خوجايىن ، ئۆيلۈك ، ئۆي ئىگىسى
بابا _ بوۋا ، ئاتا
باخشى ( باقشى ) _ ئۆگەتكۈچى ، موللا ، ئۇستاز ، دوختۇر
بادۇر _ ئۆلچەن
بارچا تۇرمىش _ ھەممىسى تۇرغان ، ھەممىسى تەل
بارچا تۇغمىش _ ھەممىسى تۇغقان
بارس _ يولۋاس
بارغۇت _ قەبىلە نامى
بارغۇت كۈن _ بارغۇت : ئىسمى ، كۈن : سۈپىتى
بارلىغ _ باي ئادەم
بارمان _ دۆلەتمەن
باسا تەمۈر _ تەمۈر ( تۆمۈر ) : ئىسمى ، باسا ( ياردەم ) : سۈپىتى
باسمىل _ قەبىلە نامى
بارسغان _ يولۋاستەك خان
باسۇت _ ياردەمچى ، يۆلىگۈچى
باشلاغ _ باشلىغۇچى ، باشلىق
باقلان _ پاقلان
بالتۇ _ پالتا
بالىغ _ (1) شەھەر ، قەلئە ، (2) بېلىق
باياغۇت _ دۆلەتمەن ، باي
باي تەمۈر _ تەمۈر : ئىسمى ، باي : سۈپىتى
بەدۈك _ بۈيۈك ، كاتتا ، يۈكسەك
بەرك _ كۈچلۈك ، ساغلام
بەكرىش _ مۇستەھكەم
بەكتۇر _ چىڭ تۇر
بەگ _ بەگ ، خان ، شاھزادە ، ئەركەك ، ئەر
بەگى _ بەگدەك
بەگ ئارسلان _ ئارسلاندەك ئەر
بەگ بۇقا _ بۇقىدەك كۈچلۈك ئەر
بەگلەن _ بەگ بول ، بەگدەك بول ، قابىل ئەر بولۇپ چىق
بەگتاش _ تاشتەك مۇستەھكەم ئەر
بەگ تەمۈر _ تۆمۈردەك بەگ ، تۆمۈردەك ئەر
بەگلىك _ بەگ ئەۋلادى ، ئالىيجاناب
بەگ تۇتۇق _ مەرتىۋىلىك ئەر
بەگ تۇرمىش _ بەگدەك تۇرغان
بوتۇق _ بوتىلاق
بۇرخان قۇلى _ بۇدداھنىڭ قۇلى
بۇغۇغ _ ئالىم ، دانىشمەن
بۇرسلان _ قاپلان
بۆرە تېگىن _ بۆرىدەك باتۇر شاھزادە
بۇزاغۇ _ موزاي
بۇغرا _ ئەركەك تۆگە
بوغۇ _ بۇغا
بۇقا _ بۇقا
بۇقاخان _ بۇقىدەك كۈچلۈك خان
بۇلاق _ (1) بۇلاق ، (2) قەبىلە نامى ، (3) ئېقىن دەريا
بۇلان _ بىر خىل ھايۋان ئىسمى
بۇيان _ ساۋاب ، بەخت ، ياخشىلىق
بۇيان قار _ بەخت ياغدۇرغۇچى قار
بۇيرۇق _ ئەمەلدار
بۆكە ( بۇكا ) _ (1) جەسۇر ، پالۋان ، باتۇر ، (2) ئەجدىھا ، ياۋۇز
بۆكەخان _ باتۇر ، پالۋان خان
بۆگۈ _ بىلىملىك ، ئەقىللىق
بۆگۈ بىلگە _ ئەقىللىق ئالىم
بۆگۈ خان _ دانىشمەن خان
بۆگۈش _ ئەقىلدار ، دانىشمەن
بىكە _ خېنىم
بىگۇ _ ئەقىللىق
بىلگە _ ئالىم ، دانىشمەن ، بىلىملىك
بىلگە بەگ _ دانىشمەن بەگ
بىلگە قاغان _ دانىشمەن خان
بىلگە تۇتۇق _ بىلىملىك ، مەرتىۋىلىك ، ئىدارە قىلغۇچى بەگ
بىلگە ئەر _ بىلىملىك ئەر
بىلگە قاتىن _ بىلىملىك مەلىكە
تابدۇ _ تاپار
تاردۇش _ مەرتىۋە ، دەرىجە
تارىقچى بەگ _ دېھقان يىگىت
تاڭسۇق _ نەپىس ، قىممەتلىك ، كەم ئۇچرايدىغان
تارخان _ خان ، بەگ
تاش _ تاشتەك مۇستەھكەم
تايۇق _ تۇيغۇن ، زېرەك
تايانغۇ _ تايىنىدىغان ، ئىشىنىدىغان
تايانچ _ تىرەك ، يۆلەك
تەركەن _ خاقان ، پادىشاھ ، ۋىلايەت ھۆكۈمدارى
تەكىش _ ھەر نەرسىنىڭ ئاخىرى
تەگىن ( تىگىن ، تېكىن ) _ (1) قۇل ، (2) شاھزادە
تەگىن ئۈگە _ بىلىملىك شاھزادە
تەمۈر _ تۆمۈر
تەمۈر بۇقا _ تۆمۈردەك بۇقا
تەڭىز _ دېڭىز
تەڭىزخان _ دېڭىزخان
تەڭرى _ تەڭرى ، ئىلاھ ، ئاسمان
تەڭىرلى _ تەڭرىلىك ، خۇداگۇي ، مۆئمىن
تەڭرى تۇغمىش _ تەڭرى تۇغقان
تەڭرىدە بولمىش _ تەڭرى ياراتقان
توزۇن _ كېلىپ چىقىشى ياخشى ، ئېسىل ، ئوچۇق – يورۇق
تورۇم _ بۇتا ( ھايۋان ئىسمى )
تورۇمتاي _ بىر خىل يىرتقۇچ قۇشنىڭ ئىسمى
توسۇن _ مىنىلمىگەن ئات
توغرۇل _ بىر خىل يىرتقۇچ قۇش
توقىش _ جەڭ ، ئۇرۇش ، توقۇنۇش
تولۇن _ تولغان ، تولۇق ، يېتىلگەن ، پۈتۈن
تويزۇن _ يېزا ئاقساقىلى
تويىن _ راھىب
تويىن قۇلى _ راھىبنىڭ قۇلى
تۇتۇق _ (1) مەرتىۋە ، (2) ئىدارە قىلغۇچى
تۇتۇق ئەر _ (1) مەرتىۋىلىك ئەر ، (2) ئىدارە قىلغۇچى بەگ
تۇتۇش _ كايىماق ، قاتتىق سۆزلىمەك
تۇدۇش _ ئۇرۇش ، سوقۇش
تۇدۇڭ _ باشلىق

azat007 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 04:11:45

ئالدىرماي بىر ئوقىيايتازا چۈشەنمىدىم{:5_165:}

KaxkarPs يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 09:26:22

مەن بەك دوتمۇ قانداق چۇشۇنەلمەي قالدىم ق

qindos0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 10:55:51

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار   بولسا مۇشۇ ئۇيغۇرچە ئىسىملارنىڭ مەنىسىنى بىلگىلى بولىدىغان ياكى ئۇيغۇرچە ئىسىمنى كىرگۇزسەك مەنىسىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان دىتال بارمۇ بولسا يوللاپ بەرسەڭلار

gulnar38 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 12:19:33

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 12:49:01

qindos0998 يوللىغان ۋاقتى2014-01-31 10:55:51 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار   بولسا مۇشۇ ئۇيغۇرچە ئىسىمل
ھازېرچە يوق

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 12:49:40

ۋوجون:كۆپى مەن ئاڭلىمىغان گەپلەركەن :'(:'(

قىرغىن يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 14:42:54

قورئان كەرىمدە ھەەمە ئىسىمنىڭ مەنىسى ھەممە ئىسىم بار مۈمكىن بولسا شولاردىنمو يوللاپ قويساقھەممىمىزگە ياخشى ئىدى

قىرغىن يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 14:43:49

مىنىڭ ئىسمىم توخكەن بۇ ئىسىملارنىڭ ئارىسىدا

saedi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 18:09:06

qindos0998 يوللىغان ۋاقتى2014-1-31 10:55 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار   بولسا مۇشۇ ئۇيغۇرچە ئىسىمل ...

ئوكيانۇس لوغىتىنڭ ئاشۇنداق ئىقتىدارى با
http://rasm.sb.uz/pics2/636f9a74350a84381779e81d22c4870e.jpg
بەت: [1] 2
: ئىسىملار نىڭ مەنىسى