ئەڭ ئۈنۈملۈك كىنو-ناخشا چۈشۈرۈش ئۇسۇلى ۋە دىتالى
ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغان flvھۆججەت چۈشۈرۈش ئوسۇلى ۋە دىتالىتوردىكى بىرقىسىم سىن ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرۈش ئىھتىياجى تۈپەيلى مۇنبەرگە يوللانغان دىتاللارنىڭ ھەممىسىنى سىناپ باقتىم، بۇ دىتاللار دۆلەت ئىچىدىكى سىن ھۆججەتلىرىنى يوللاش توربەتلىرىدىكى سىن ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرەلىگەن بىلەن بىرقىسىم توربەتلەردىكى سىن ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرەلمىدى.شۇنىڭ بىلەن توربەتلەرنى ئارىلاپ ھەرقانداق توربەتتىكى قويۇلىۋاتقان سىن ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرەلەيدىغان بىرەر دىتالنىڭ بار يوقلىقىنى ئىزدىدىم. ئاللاغا شۈكىرى بۇمۇ بارئىكەن. شۇڭا سىناپ بولۇپلا مۇنبەردىكىلەر بىلەن بىرگە بەھىرلىنەي دەپ بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ توربەتلەردىكى سىن ھۆججىتىنى چۈشۈرۈشتە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقى ئازراق ھەل بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ئىزاھات:
دۆلىتىمىز ئىچىدىكى سىن يوللاش ۋە چۈشۈرۈش توربەتلىرىدىكى سىنلار پارچە ھالەتتە يوللىندىغان بولۇپ مەن چۈشەندۈرمەكچى بولغان دىتالدا چۈشۈرۈش ئەپسىز بولغاچقا موشۇ تىما ئارقىلىق ھەرخىل ئوسۇلدا يوللانغان سىن ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرۈش ئىشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بورۇن مۇنبەردە ئۈزى تونۇشتۇتۇلغان بىرقىسىم دىتاللار يەنە بىر قېتىم تونۇشتۇرۇلدى.
1.FLV硕鼠 ھۆججەت چۈشۈرۈش قورالى
بۇ دىتال دۆلەت ئىچىدىكى سىن يوللاش ۋە چۈشۈرۈش توربەتلىرىنى قوللايدۇ.
دىتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسى :
چۈشۈرىمەن
چۈشمىسە ئورگان تورى: http://www.newasp.net/soft/34088.html#downloads
بۇ دىتالنى مۇنبەردىكى كۆپ تورداشلار بىلسىمۇ يەنىلا بىلمەيدىغانلار نەزەردە تۇتۇلۇپ چۈشەندۈرۈلدى.
ئاۋۋال بىر سىن ھۆججىتى بار توربەتنى ئاچىمىز، ئاندىن ئۈستىدىكى تور بەت ئادىرىسى بار كۆزنەكتىن تور بەت ئادىرىسىنى كۈچۈرىمىز.
كۈچۈرۈپ بولغاندىن كىيىن تۈۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن كۈچۈرگەن تور بەت ئادىرىسىنى كۈچۈرۈش ئورنىغا ئادىرىسنى چاپلايمىز.
ئاندىن ئادىرىس چاپلىغان ئورۇننىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى 开始دىگەن كونۇپكىنى باسساق دىتال تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك سىن ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش باسقۇچىغا كىرىدۇ .
چىققان كۆزنەكتىن رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك سىن ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش بۇيرۇقىنى بىرىمىز. بۇ ۋاقىتتا تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ.
چىققان كۆزنەكنىڭ ئۈستىدىكى چۈشۈرۈش كونۇپكىسىنى باسساق دىتال ئۈزىدە تەمىنلەنگەن چۈشۈرۈش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ.ئەگەر دىتالنىڭ ئۈزىدە تەمىنلەنگەن چۈشۈرۈش قورالىنىڭ تىزلىكىنى موۋاپىق كۆرمىسەك ئاستىدىكى ياردەمچى چۈشۈرۈش قورالىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ.
چىققان كۆزنەكنىڭ ئۈستىدىكى چۈشۈرۈش ئوسۇلى ئارقىلىق چۈشۈرسەك چۈشىۋاتقان سىن ھۆججىتى دىتال چۈشۈرۈش كۆزنىكىدىكى توپ چۈشۈرۈش كۆزنىكىدە چۈشمەي مۇستەقىل بىر چۈشۈرۈش كۆزنىكى ھالىتىدە چۈشىدۇ. ئاستىدىكى تاللاشتا بولسا دىتال تەمىنلىگەن توپ چۈشۈرۈش كۆزنىكىدە چۈشىدۇ.
بۇ ئۈستىدىكى تاللاشنى تاللىغاندىن كىيىن چىقىدىغان كۆزنەك بولۇپ سىن ھۆججىتىنىڭ ساقلىنىش ئورنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك پارامىتىرلارنى تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن ئاستىدىكى 开始دىگەن كونۇپكىنى باسساق سىن ھۆججىتى چۈشۈشكە باشلايدۇ.
بۇ بولسا ئاستىدىكى تاللاشنى تاللاپ چۈشۈرۈش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغاندىن كىيىنكى چىقىدىغان كۆزنەك بولۇپ ئوخشاشلا سىن ھۆججىتىنىڭ ساقلىنىش ئورنى ۋە مۇناسىۋەتلىك پارامىتىرلارنى تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن موقۇملاشتۇرۇش كونۇپكىسىنى باسساق سىن ھۆججىتى كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا چۈشۈشكە باشلايدۇ.
بۇ دىتالنىڭ توربەت نۇسخىسىنىڭ توربەت ئادىرىسى (87 تور بەتنى قوللايدۇ): كىرىمەن
2.FLV 维棠سىن ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش قورالى
بۇ دىتالمۇ دۆلەت ئىچىدىكى سىن يوللاش ۋە چۈشۈرۈش توربەتلىرىنى قوللايدۇ.
دىتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسى: چۈشۈرىمەن
چۈشمىسە ئورگان تورى: http://www.newasp.net/soft/18943.html#downloads
ئاۋۋال چۈشۈرمەكچى بولغان سىن ھۆججىتىنى ئاچىمىز ، (ئۇلانما قىلغان توربەتتە مەشغۇلات نۇرمال بولمىسا سىن ھۆججىتىنىڭ ئەسلى مەنبە توربىتىنى ئاچىمىز) ئاندىن تۈۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك سىن ھۆججىتىنىڭ مەنبە ئادىرىسىنى كۈچۈرىمىز.
ياكى بولمىسا تۈۋەندىكىدەك ئادىرىسىنى كۈچۈرسەكمۇ بولىدۇ.
ئاندىن 维棠دىتالىنى قوزغىتىمىز.
چىققان كۆزنەكتىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك 新建(يېڭىدىن قورۇش)دىگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلساق تۈۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ.
چىققان كۆزنەكتىن مۇناسىۋەتلىك پارامىتىرلارنى تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن ئاستىدىكى 确定(جەزىملەشتۈرۈش)دىگەن كونۇپكىنى چەكسەك سىن ھۆججىتى چۈشۈشكە باشلايدۇ.
نۆۋەتتە چۈشىۋاتقان سىن ھۆججىتى
سىن ھۆججىتى چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن نۆۋەتتىكى flvھۆججەتنىڭ فورماتىنى باشقا فورماتتىكى ھۆججەتكە ئايلاندۇرماقچى بولساق ئۈستىدىكى قورال تىزىملىگىدىن 转换(ئايلاندۇرۇش)دىگەن بۇيرۇقنى چەكسەك تۈۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ.
چىققان كۆزنەكتىن مۇناسىۋەتلىك پارامىتىرلارنى تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن جەزىملەشتۈرسەك ھۆججەت فورماتى كۆرسىتىلگەن فورماتقا ئايلىنىشقا باشلايدۇ.
ئەگەر چۈشۈپ بولغان سىن ھۆججىتىنى قويۇپ سىناپ باقماقچى بولساق ئۈستىدىكى قورا تىزىملىگىدىن 播放 (قويۇش)دىگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلساق سىن ھۆججىتى قويۇلۇشقا باشلايدۇ.
تېخىمۇ كۆپ flvھۆججەت چۈشۈرۈش قوراللىرىنى چۈشۈرۈش:
http://www.newasp.net/k/flvdown/
ئەمدى كۆرسەتمەكچى بولغان دىتال مەشئەل تور كۆرگۈچىسى (火炬浏览器)
بۇ ئارقىلىق سىن ھۆججىتى چۈشۈرۈش ناھايىتى ئاددى. بولسا بىر پۈتۈن يوللانغان سىن ھۆججىتى بولسا ئاۋارچىلىق ئاز بولىدۇ.
دىتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسى: چۈشۈرىمەن
دىتال چۈشمىسە چۈشۈرۈش مەنبەسى: http://www.9553.com/soft/16405.htm
دىتالنى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولغاندىن كىيىنكى ھالىتى تۈۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك
دىتالنى قوزغاتقاندىن كىيىنكى ھالىتى
سىن ھۆججىتى بار توربەتنى ئاچساق سىن ھۆججىتى قويۇلغاندىن كىيىن تۈۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقىدۇ.
سىن ھۆججىتى قويۇلغاندا ئۇچۇر چىقمىسىمۇ مەيلى، نۇرمال قويۇلسىلا بولىدۇ، سىن ھۆججىتى نۇرمال قويۇلۋاتقان ۋاقىتتا تۈۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى media دىگەن كونۇپكىنى چەكسەك سىن ھۆججىتى چۈشۈشكە باشلايدۇ.
ئەگەر دىتالنىڭ چۈشۈرۈش تىزلىكى كۆڭلىمىزدىكىدەك بولمىسا تۈۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئورۇننى چىكىپ تور كۆرگۈچنىڭ چۈشۈرۈش قورالى كۆزنىكىنى ئېچىپ چۈشۈرلىۋاتقان سىن ھۆججەتنىڭ ئۈستىدە مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى چىكىپ سىن ھۆججەت ئادىرىسىنى كۈچۈرۋېلىپ چاقماق قاتارلىق چۈشۈرگۈچلەردە چۈشۈرسەكمۇ بولىدۇ.
تۈۋەندىكى رەسىم بولسا چۈشۈپ بولغان سىن ھۆججىتى
رەخمەت ياخشى تىمىللىرىڭىز ئۇزۇلمىگەي پاھ~پاھ~پاھ……ھەقىقەتەن جەۋھەرلىگۈدەك ئىسىل تىما ئىكەن بۇ!لىكىن مىنىڭ روھلاندىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالىم يار بەرمەيدۇ……بولمىسا……,لىكىن ساقلاپ قوياي ھە!ئىسىل تىمىلىرىڭىز روھلاندا ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن; مەن FLV 维棠 نىلا ئىشلىتەتتىم. بۇ قىممەتلىك تېمىنى قانچلىك ۋاقىتتا تەييار قىلىپ بولغانلىقىڭىزنى بۇ تېمىنى كۆرگەنلا ئادەم چۈشىنەلىگۈدەك، ھەقىقەتەن ئسىل تېما بولۇپتۇ، رەسىملەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مۇقىم بولۇشى ئۈچۈن رەسىملەر بىۋاستە روھلان بوشلۇقىغا يوللاندى.
بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق قىممەتلىك بىلىم تېمىلىرىنى رەسىم كىرىشتۈرۈپ يوللاشقا توغرا كەلدە رەسىملەرنى بىۋاستە رەسىم يوللاش دېگەن يەردىن چىقىرىپ يوللىسىڭىز بولىدۇ، سىز روھلانغا بىۋاستە رەسىم يوللىيالايسىز. باشقا ھەقسىز رەسىم بوشلۇقلىرىغا رەسىم چىقىرىپ ئۇنى تېمىغا قىستۇرۇپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەڭ. مېنىڭ كاللاميەتكىدەك ئەمەس :lol ئاۋۇ 硕鼠 دىگەننى مەن ئىشلىتىۋاتقىلى بىر يىلدىن ئاشتى . مەن ئۇچراتقان چۈشۈرگۈچلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى مەن ئادەتتە维棠نى ئىشلىتىمەن. ياخشى بىلىمكەن.ھەممەيلەنگە چوقۇم پايدىسى تەككۈدەك. ئەڭ ياخشىسى كۆچۈرۈپ ساقلىۋالاي.