ئەلتۇغ يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 19:46:15

رەسسام ۋە ئۇنىڭ نەۋرە قىزى


ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت (ئەلتۇغ)تەرجىمىسى
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

                                                         رەسسام ۋە ئۇنىڭ نەۋرە قىزى
                                                                            (ھېكايە)
                                                                              ۋاڭكۈيشەن

رەسسامنىڭ تىڭ تىڭ ئىسمىلىكئەلتە ياشلاردىكىبىر نەۋرە قىزى بار بولۇپ،رەسىم سىزىشقا ئامراق ئىدى.
تىڭ تىڭ بىردەرەخ سىزدى.
-        تىڭ تىڭ، سىزغان دەرىخىڭ توغرا بولماپتۇ-دېدى بوۋىسى.
-        قانداقسىگە توغرا بولماپتۇ؟
-        دەرەخنىڭ شاخلىرى توغرا بولماپتۇ.
-        دەرەخ شاخلىرىنىڭ قەيىرى بولماپتۇ؟
-        دەرەخنىڭ شېخى غولىدىن يوغان بولامدۇ؟
-        دەرەخنىڭ شېخى غولىدىن يوغان بولسا بولمامدىكەن؟
-        ئۇنداقتا ئۇ دەرەخ بولماي قالىدۇ.
-        دەرەخ بولمىسا سىز نىمىشقا ئۇنى دەرەخ دەۋالىسىز؟
بوۋىسىنڭ شۇ ھامان ئېغىزى تۇۋاقلاندى.تىڭ تىڭ بىر بۆجەن سىزدى.
-تىڭ تىڭ ،سىزغان بۆجىنىڭ توغرا بولماپتۇ-دېدى بوۋىسى.
-قانداقسىگە توغرا بولماپتۇ؟
-توشقان دېگەن قىزىل رەڭلىك بولامدۇ؟
-توشقان قانداقسىگە قىزىل رەڭلىك بولسا بولمايدىكەن؟
-سەن قىزىل رەڭلىك توشقاننى كۆرۈپ باققانمۇ؟
-كۆرمىگەن نەرسىنى يوق دېسە بولامدىكەن؟
-ئۇنداقتائۇ توشقان بولماي قالىدۇ.
-توشقان بولمىسا نېمىشقا ئۇنى توشقان دەيسىز؟
بوۋاينىڭ يەنە تىلى تۇتۇلدى.
   تىڭ تىڭ بىر ئات سىزدى.
-تىڭ تىڭ،سىزغان ئېتىڭ توغرا بولماپتۇ.
-قەيىرى توغرا بولماپتۇ؟
-ئاتنىڭ قانىتى بولامدۇ؟
-ئاتنىڭ قانىتى بولمايدۇ.
-ئەمىسە،نېمىشقا ئاتقا قانات سىزىپ قويىسەن؟
-مەن ئاتنىڭ قانىتى بولسىكەن دەيمەن.
   -ئۇنداقتا ئۇ ئات بولماي قالىدۇ.
    -ئات بولمىسا سىز نىمىشقا ئۇنى ئات دەۋالىسىز؟
بوۋاينىڭ يەنە تىل تۇتۇلدى.
تىڭ تىڭ بىر مىكىيان سىزدى.مىكياننىڭ يېنىدا بىر تۇخۇم سىزىغلىق ئىدى. ھېلىقى تۇخۇم مىكىياندىن خېلىلا يوغان ئىدى.تىڭ تىڭبۇ رەسىمنى ئىسپانىيەدىكى بىر خەلقئارا بالىلار رەسىم كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرغان ئىدى،نەتىجىدە،تىڭ تىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
   رەسسامنىڭ ئىچى ئاچچىق بولۇپ غۇدىرىدى:
   -بۇ ئەجنەبىيلەرنىڭزە، كىچىك بالىدىن پەرقى يوق ئىكەن...
(تامام)

《感动中学生的100篇微型小说》
九州出版社2005年8月第1出版                     
莎车县米夏乡中学:阿布都热苏里 麦麦提 译


                  






ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 22:32:03

ئەگتىپ ئەقلىنى ئىچىش جايدا ئىشلىتىلگەن.
بەت: [1]
: رەسسام ۋە ئۇنىڭ نەۋرە قىزى