ئەلتۇغ يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 19:45:10

كۆۋرۈك


ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت ئەلتۇغ تەرجىمىسى
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
                                                                        كۆۋرۈك
                                                         (ھېكايە)                      تەنگې

سەھەر ۋاقتى بىلەن تەڭ تۇيۇقسىز چىلەكلەپ قارايامغۇر ياغدى.
تاغ كەلكۈنى ئۆركەشلەپ،خۇددى تېزگىنىدىن چىقىپ كەتكەن ئاساۋ ئاتتەك كەنت ئىچىگە ئەسەبىيلەرچە بېسىپ كىرىشكە باشلىدى.
يەر-ئاسمان ئويغاندى.كىشىلەر كارىۋاتلىرىدىن ئېرغىپ چۈشكىنىدە بولسا ئوشۇقىغىچە سۇ ئىدى.كىمدۇر بىرىنىڭ ئەنسىز ۋارقىرىىشى بىلەن بىرەر يۈزدىن ئارتۇق ئادەم ئالاقزادە بولۇپ بىر-بىرىنى ئىتتىرىشكىنىچە جەنۇپ تەرەپكە   يۈگۈرۈشكە باشلىدى. بىراق،ئىككى چىدىن ئارتۇق ئېگىزلىكتىكى كەلكۈن سۈيى ئاللىقاچان يولدىن ھالقىپ ئۆتمەكتە ئىدى.كىشىلەر يەنە ئەسەبىيلەرچە قايتىپ كېلىشتى.
شەرق،غەرپ تەرەپتىمۇ يول يوق،شىمال تەرەپتە پەقەت تار بىر ياغاچ كۆۋرۈكلا قالغان ئىدى.
ئۆلۈم شەپىسى كەلكۈن سۈيىنىڭ ئەسەبىي كۈلكىسى ئىچىدە يېقىنلاپ كەلمەكتە.
كىشىلەر توپ-توپ بولۇشۇپ ئاشۇ ياغاچكۆۋرۈك تەرەپكە يوپۇرۇلدى.
ياغاچ كۆۋرۈك ئالدىدا يوتىسىغىچەكېلىدىغان سۇ ئىچىدە،ئۇلارنىڭ كەنت ياچىيكا سىكىرتارى ئۆرە تۇرغان بولۇپ،ئۇنىڭ دەمئېلىشقا چىقىشىغا ئۇزاق قالمىغان ئىدى.
چالنىڭقورۇق باسقان يۈزلىرى يامغۇردىن ھۆل بولۇپ كەتكەنئىدى.ئۇ گەپمۇ قىلماستىن،كۆزلىرىنى قالايمىقان ۋارقىرىشىۋاتقان كىشىلەرگە تىككەن،شۇ تاپتا ئۇنىڭ تۇرقى گوياكى بىر كىچىك تاغقا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
كىشىلەر قەدىمىنى توختىتىپ،چالغا تىكىلدى. چال بوغۇق ئاۋازدا ۋارقىرىدى:
-كۆۋرۈك بەكلا تار،بىر قاتار بولۇڭلار،قىستاشماڭلار!پارتىيە ئەزالىرى كەينىگە تىزىلىڭلار!
كىشىلەر توپى ئىچىدىن بىرى ۋارقىرىدى:
-پارتىيە ئەزالىرىمۇ ئادەم!
-بۇ دېگەن كېنو ئەمەس!-ۋارقىرىدى كىمدۇ بىرى.
-پارتىيىدىن چېكىنسەڭلار بولىدۇ،كېلىپ ماڭا تىزىمغا ئالدۇرڭلار!-دېدى چال قەتئى تەلەپپۇزدا.
ھېچكىممۇ توۋلىمىدى،بىرەر يۈزدىن ئارتۇق ئادەم ناھايىتى تېزلا قاتار بولۇپ،چالنىڭ يېنىدىن ياغاچ كۆۋرۈككە چىقىشتى.
سۇ بارا-بارا ئۆرلەپ،كىشىلەرنىڭ بېلىغىچە كېلىپ قالدى.
چال تۇيۇقسىز قاتاردىكى بىر بالىغا قارىتىپ قوللىرىنى شىلتىپ تىللاپ كەتتى:
-ئاناڭنى،سەنمۇ پارتىيە ئەزاسىمۇ تېخى؟!ھەممىنىڭ كەينىدە ماڭ!-چال غەزەپتىن خۇددى يىلپىزغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
يىگىت قورققىنىدىن چالغا بىرلا قارىۋەتكەندىن كېيىن،بىر يانغا ئۆتتى.
قوشۇن تەرتىپلىك ئىلگىرىلىمەكتە.
ياغاچ كۆۋرۈك تەۋرەشكە باشلاپ،ئازاپلىق قىيا-چىيا كۆتۈرۈلدى.
سۇ چالنىڭ مۈرىسىگە كەلگەنىدى.ئاخىرىدا ئۇ پەقەت ھېلىقى يىگىت بىلەنلا قالدى.
يىگىت كېلىپ ئۇنى ئىتتىردى:
-ئاۋال سىز ئۆتۈڭ.
چال گېلىنى قاقتى:
-كاپشىما،تېز ماڭ!-ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن يىگىتنى ياغاچ كۆۋرۈك تەرەپكە ئىتتىردى.
تۇيۇقسىز،ياغاچ كۆۋرۈك گۈمۈرۈلدى.يىگىت ھېچ يەردە كۆرۈنمىدى.
چال نېمىنىدۇر دەپ ۋارقىرىۋىدى،بىراق،بىر دولقۇن ئۇنى يۇتۇپ كەتتى.
ئاپپاق نۇرغا پۈركەنگەن دۇنيا.
بەش كۈندىن كېيىن كەلكۈن پەسەيدى.
بىرموماي ھاسىسىسغا تىرەنگىنىچەبۇ يەردىكى قەبرىگە كەلدى.
قەبرە ئىككى بولۇپ،بىرى ئېرىنىڭ،بىرى ئوغلىنىڭ ئىدى.
(تامام)

原 华山文艺出版社2007年3月第1出版《感动你一生的微型小说》
莎车县米夏乡中学:阿布都热苏里。麦麦提 译





ajdirha يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 20:10:17

مانا بۇ « تىتانىك» ناملىق فىلىمدىكىدەك ئىش بوپتۇ. مانا بۇنى ھەقىقى ئىنسانپەرۋەرلىك دىسەك بولىدۇ، جۇڭگودا بولسا بەلكىم بۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن.

阿尔慢007 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 21:46:16

بەك ياخشى ئەسەرلەكەن رەھمەت

قاراقاش يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 22:08:17

موللام گۆش يېمەيدۇ، يېسە بوش يېمەيدۇ دەپ بىردىن - بىردىن يوللىماي ھەممىنى بىرلا يوللاپسىز. ياخشى ئەسەرلەركەن . جاپا چېكىپسىز.

تەشنا62 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 10:35:08

ياخشى تىمابولسا ئادەملەرنى ئىنسان پەرۋەرلىككە دەۋەت قىلىدىغا ن ئەسەرلەرنى كۆپراق يوللاڭ

uqkun يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 16:20:57

نادىر تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىگەي

bagrax يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 23:50:45

بۈگۈن سىزگە گەپ كەتمەيدىكەن ، بەزىلەر توردىن كۆچۈرۈپمۇ بىر كۈندە بۇنچىلىك كۆپ تېمىنى يوللىغىنىنى كۆرمىگەن ئىدىم . بۈگۈن روھلاندا يەككە تېما يوللاش رېكورتىنى ياراتقاندەك تۇرىسىز ، تېمىڭىز كۆپ بولغاننىڭ ئۈستىگە ھەر تېمىدا چوڭقۇر مەنىلىك مەزمۇن بار ئىكەن . سىزگە كۆز تەگمىسۇن .

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 02:47:13

مانا ئىنسانپەرۋەرلىك دىگەن

azat007 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 04:12:55

          ياخشى تىما

yanfun يوللانغان ۋاقتى 2015-5-7 06:05:53

بەك ياخشى ئ‍ەسەركەن
بەت: [1] 2
: كۆۋرۈك