سەبرى-تاقەت
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت ئەلتۇغ تەرجىمىسى(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
سەبرى-تاقەت
-ئەدەبىي خاتېرە-
بىر كۈنى قۇرۇقلۇق ئارمىيەنىڭ شىتاپ باشلىقى سىتانتون لىنكولىننىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ناھايىتى دۇدۇقلىغان ھالدا، بىر مايورنىڭ يالغان گەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، بىر قىسىم ئادەملەرگە ئىبرەت قىلىشنى تەلەپ قىلىپتۇ. لىنكولىنسىتانتوننىڭ پىكىرى بويىچە مەزمۇنى ناھايىتى كەسكىن بولغانبىر پارچە خەت يېزىپ ھېلىقى مايورغا ئەۋەتىشىگە قوشۇلۇپتۇ.
-ئۇنى راسا بىر تىللىۋېلىڭ-دەپتۇ لىنكولىن.
سىتانتون دەرھال ناھايىتى ئوخشىتىپ بىر پارچە خەت يېزىپ پىرىزدىنىتنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇنۇپتۇ.
-توغرا،توغرا، - ۋارقىراپتۇ لىنكولىن، -مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك!ئۇنىڭغا تازا ئوبدان ساۋاق بېرىپ قويۇڭ، ياخشى يېزىپسىز، سىتانتون!
بىراق، سىتانتون خېتىنى كونۋېرتقا سېلىپ تۇرىشىغا لىنكولىن ئۇنى توختىتىۋاپتۇ:
-نېمىش قىلىۋاتىسىز؟
-خەتنى ئەۋەتىۋېتەي!-دەپتۇ غەزەپتىن تىترەپ كەتكەن سىتانتون.
-ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ!-دەپتۇ لىنكولىن يۇقىرى ئاۋازدا،-بۇ خەتنى ئەۋەتمەي، دەرھال ئوچاققا تاشلىۋېتىڭ، ئادەتتە ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ يازغان خەتنىڭ ھەممىسىنى مەن مۇشۇنداق بىر تەرەپ قىلىمەن.بۇ خەت ياخشى يېزىلغان، بىراق، يازغان ۋاقتىڭىزدا ئاللىقاچان چېچىلىپ كەتكەنتىڭىز، ھازىر كەيپىياتىڭىز خېلىلا ياخشىلىنىپ قالدىغۇ! ئەمدى سىز بۇ خەتنى كۆيدۈرىۋېتىپ ئىككىنچىسىنى قايتا يېزىڭ!
شۇنداق، كىشىلىك تۇرمۇشتا يا ئۇنداق، يا مۇنداق زىددىيەتتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بۇ يەردىكى تۈپ مەسىلە بىزنىڭ ئاشۇ زىددىيەتكە نىسبەتەن سالماق پوزىتسىيىدە بولۇپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئاقىلانە ئۇسۇلدا ھەل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ،خالاس.
当代世界出版社2002年5月第1版《故事时代。小故事中大智慧》莎车县米夏乡中学:
阿布都热苏里 麦麦提 译
ئويلىنىشقا تىگىشلىك بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ بۇنداق مەسىلىلەر خىلى كۆپ مۈمكىن بولسا شۇلاردىن يوللاپ كۇيغان بولسىڭىز بۇ يەردىكى تۈپ مەسىلە بىزنىڭ ئاشۇ زىددىيەتكە نىسبەتەن سالماق پوزىتسىيىدە بولۇپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئىشلارنى ھەل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ،
بەت:
[1]