ADiL يوللانغان ۋاقتى 2010-8-3 02:13:55

روھلانغا دېتال-دەرسلىكلەرنى خالىغانچە يوللاڭ-چوقۇم كۆرۈڭ

ئەمدى روھلان تورىغا دىتال، دەرسلىك-ماتىرىيال يوللاشتا بوشلۇقتىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .
ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى بولۇپ، تېما يوللاش كۆزنىكىنىڭ ئاستىغا قارىسىڭىز يازما يوللاش دېگەن كۇنۇپكىنىڭ ئاستىدا 选择文件 دېگەن بىر كۇنۇپكىنى كۆرىسىز ، شۇ كۇنۇپكىنى بېسىپلا ئۆزىڭىز ئالدىن تەيارلىۋالغان ھۆججەتنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ .
jpg;*.gif;*.png;*.zip;*.rar;*.txt ھۆججەتلىرىنى بىۋاستە يوللاشنى قوللايدۇ .
بىرلا قېتىمدا يوللاشقا بولىدىغان ھۆججەت چوڭلۇقى چەكلىمىسى 1000 مىگابايت .
يەنە نېمىگە قاراپ تۇرىسىز، ئۆزىڭىز ساقلىۋالغان، ئۆزىڭىز تۈزىگەن،... دەرسلىكلىرىڭىز ياكى دېتاللىرىڭىز بولسا روھلان تورىغا يوللاپ تورداشلار بىلەن بىرلىكتە بەھرىمان بولۇڭ .

سىز بېكەتكە ئۆزىڭىزدىكى دەرسلىك-ماتېرىيا، دېتاللارنى يوللاش بەدىلىگە يەنە بېكەت تەڭگىسىگە ئېرىشەلەيسىز، بېكەت تەڭگىسىگە سېتىۋېلىپ چۈشۈرىدىغان ماتىرىياللارنى چۈشۈرۈشتە قىينىلىپ قالمايسىز.




بۇ يەردىن بوشلۇققا چىقىرىش تېزلىكى ئىنتايىن تېز بولۇپ، ئەڭ ئاستا بولغاندا سىكۇنتىغا 100 كىلوبايتتىن، يۇقىرى بولغاندا 1مىگابايتقىچە تېزلىكتە چىقىرالايدۇ .مەن بوشلۇققا ھۆججەت چىقارسام 458كىلوبايتتىن چىقاردى .(كومپيۇتېرىمنىڭ سەپلىمىسى تۆۋەنرەك)

چىقارماقچى بولغان ھۆججىتىڭىزنىڭ سىغىمى بىر قەدەر چوڭ بولسا دېتال ياكى دەرسلىكىڭىزنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى يېزىۋەتكەندىن كېيىن، چۈشۈرۈش ئادرىسى:دېگەننى يېزىۋېتىپ مائۇسنىڭ نۇر بەلگىسىنى قوش چېكىت كەينىگە ئەكىلىپ قويۇپ، باشقا تېمىلارنى زىيارەت قىلىپ تۇرسىڭىزمۇ، باشقا مەشخۇلاتلارنى قىلىپ تۇرسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ، ھۆججەت يوللىنىپ بولغان ھامان، چۈشۈرۈش ئادرىسى سىز توغرىلاپ قويغان نۇر بەلگە بار ئورۇنغا ئاپتۇماتىك قىستۇرۇلىدۇ . ئەگەر قىستۇرۇلمىسا ھۆججەت ئىسمىنىڭ كەينىدىكى 复制链接 دېگەن خەتنى باسسىڭىزمۇ كۆچۈرۈلىدۇ .

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئىش: بۇ ئىقتىدار پەقەت Internet Explorer ۋە FIREFOX تور كۆرگۈچىسىدىلا نورمال خىزمەت قىلالايدۇ، ئەگەر سىز 傲游浏览器، 360安全浏览器, ... قاتارلىق باشقا تور كۆرگۈچلەرنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز يازغان يازمىڭىزنى كۆچۈرىۋېلىپلا Internet Explorerتا يوللىسىڭىز بولىدۇ .

bulak874 يوللانغان ۋاقتى 2010-8-4 22:21:16

ئوھو ئەجەپ ياخشى بوپتۇ دىسە. قارىغاندا چىيەنناۋ بوشلۇقىغا ئەزا بۇلۇپسىز ھە. ياخشى بوپتۇ، تۇلىمۇ ياخشى بوپتۇ

روھلان يوللانغان ۋاقتى 2010-8-28 14:50:59

تورداشلارنىڭ روھلاننى جۈملىدىن ئۆزىمىزنىڭكومپيۇتېرچىلىقى ، مائارىپ ۋە تورچىلىقىغا تۆھپە قوشۇپ ۋە يېتەرلىك پايدىلىنىشىنى قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەن .

ayrubos يوللانغان ۋاقتى 2010-9-8 20:20:29

ماتىرىيال يوللىنىدىغان تىما يوللاش ۋە يازما يوللاش كۆزنىكى زادى نەدىدۇ ؟ مەندە ئۆزۈمئىشلىگەن يىڭى دەرسلىك بار ئىدى يوللاشقا ئىمكان بولمايۋاتىدۇ ، ماڭا تەپسىلىرەك كۆرسىتىپ قويساڭلار

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2010-9-9 00:18:05

ئىنكاس قايتۇرۇش ayrubos نىڭ تېمىسى

تېما يوللاش دېگەن كۆك رەڭلىك كۇنۇپكىنى سىز ھەر قايسى بەتلەردە ئۇچرىتالايسىز، شۇنىڭدىن ماس سەھىپىنى تاللاپ، تېما يوللاش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا تېما يوللاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ .
   

火心0995 يوللانغان ۋاقتى 2010-12-7 23:29:09

مەن نىمە ئۈچۈن 508ك ب سىغىمدىكى يېزىق ھۈججىتىنى نىمىشكە يوللىيالمايمەن؟ بوشلۇق يەتمەيدۇ دەپ چىقۋالدى؟
ھە -راستروھلانغا رەسىم يوللاشتا قانداق يوللايدۇ؟ماڭا ئۆگىتىپ قۇيامسىز ؟

baxtax يوللانغان ۋاقتى 2011-1-20 07:58:25

قانداق بۇ بوشلۇقتىن (يەنى qiannao دىن كىرىدىغان كىرىم) قانچىلىك كىرىم بولىۋاتىدۇ؟ مىنىڭچە ئايدا 200 سومدىن تۆۋەن ئەمەسقۇ دەيمەن؟

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2011-1-20 14:11:26

ئىنكاس قايتۇرۇش baxtax نىڭ يازمىسى

بوشلۇقتىن كىرىدىغان كىرىم؟...
مەن بوشلۇق تەمىنلىگۈچىلەرگە پۇل تۆلەپ VIP ئەزا بولۇپ يۈرسەم نېمە دەيدىغانسىز؟ 1000 قېتىم چۈشۈرۈلسە 1 مو بېرىدىغان بوشلۇقكەن بۇ .
ھېسابلاپ بېقىڭە 1000 قېتىمغا 1 مو بولسا سىزچە شۇنچە كۆپ ھۆججگت چۈشۈرىدىغان ئادەم بارما؟
مەن بۇ بوشلۇقنى 2008 دىن باشلاپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان، ھازىرغا قەدەر 18.6668 مۇشۇنداق بوپتۇ .

baxtax يوللانغان ۋاقتى 2011-1-24 23:08:17

ADiL يوللانغان ۋاقتى2011-1-20 14:11 static/image/common/back.gif
ئىنكاس قايتۇرۇش baxtax نىڭ يازمىسى

بوشلۇقتىن كىرىدىغان ك ...

شۇنداقمۇ،ئۇنداقتا بۇ تور بىكەتنىڭ يەنى qiannao نىڭ يەنە بىر تور بىتىنى كۆرۇپ بىقىڭ،يەنى qiannao نىڭ مۇنازىرە مۇنبىرىگە كىرىپ كۆرۇپ بىقىڭ.ياكى مۇشۇ بوشلۇقتىكى قىسمەن جايلارنى قايتا تەڭشەڭ.

ئوكيان يوللانغان ۋاقتى 2011-3-10 12:34:17

مەنمۇ ياخشى دېتاللارنى روھلان تورىغا يوللاپ تۇرىمەن .
بەت: [1] 2
: روھلانغا دېتال-دەرسلىكلەرنى خالىغانچە يوللاڭ-چوقۇم كۆرۈڭ