sultanbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-25 04:07:52

خارۋارت ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى تېمىغا يېزىلغان ئاگاھلاندۇرۇش

1. مۇشۇ چاغدا مۈگدەپ قالسىڭىز چۈش كۆرىسىز، مۈگدىمەي ئۆگىنىش قىلسىڭىز چۈشىڭىز ئەمەلگە ئاشىدۇ.
2. مېنىڭ ئىسراپ بولۇپ كەتكەن بۈگۈنۈم، تۈنۈگۈن جان ئۈزگەن ئادەمنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى يەتمەكچى بولغان ئەتىسى.
3. تولىمۇ كېچىكتىم، دەپ قارىغىنىڭىز بىلەن ئەمەلىيەتتە بالدۇر باشلىدىڭىز.
4. بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماڭ.
5. ئوقۇۋاتقان چاغدىكى ئازاب ۋاقىتلىق، ئۆگىنەلمىگەندىكى ئازاب مەڭگۈلۈك.
6. ئۆگىنىش قىلىشتا ۋاقىت يوق ئەمەس، بەلكى سىزدە تىرىشچانلىق كەمچىل.
7. بەختنىڭ رەت تەرتىپى يوق، بىراق مۇۋەپپەقىيەتنىڭ رەت تەرتىپى بار.
8. ئۆگىنىش ھاياتلىقتىكى ھەممە ئەمەس، بىراق ھاياتلىقنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۆگىنىشكىمۇ بويسۇنالمىغان ئادەم يەنە نېمە ئىش قىلالىسۇن؟
9. ئەسلەشكە بولمايدىغان ئازابتىن بەھرىلىنىڭ.
10. باشقىلاردىن بالدۇر، باشقىلاردىن كۆپرەك تىرىشسىڭىز، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ تەمىنى تېتىيالايسىز.
11. ھېچكىم ئۆز مەيلىچە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن ئەمەس، ئۇ پۈتۈنلەي ئۆزىنى باشقۇرۇش ۋە ئىرادىدىن كېلىدۇ.
12. ۋاقىت سۇدەك ئېقىپ كېتىدۇ.
13. بۈگۈن ئاققان شۆلگىيىڭىز ئەتىدىكى كۆز يېشىڭىزدۇر.
14. بۈگۈن ماڭمىسىڭىز ئەتە يۈگرەيسىز.
15. كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغان ئادەم بۈگۈنگە سادىق ئادەمدۇر.
16. تەربىيەلىنىش دەرىجىڭىز كىرىمىڭىزگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
17. بىر كۈن ئۆتسە ھەرگىز قايتىپ كەلمەيدۇ.
18. رەقىبىڭىز ھېلىھەم كىتابتىن باش كۆتۈرمەي ئۆگىنىۋاتىدۇ.
19. جاپا – مۇشەققەت بولمىسا، ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيسىز.
20. قۇلدەك تىرىشىپ، بەگدەك ياشاڭ.


مەنبە:بارمۇ بىلوگى

sarsanroh يوللانغان ۋاقتى 2014-1-25 10:37:49

ياخشى گەپلەركەن.

kirimulla يوللانغان ۋاقتى 2014-1-25 11:23:49

ياخشى گەپ ئىكەن،رەھمەت،

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-1-25 13:22:47

ياخشى مەزمۇنلۇق سۆزلەر ئىكەن

zeheri يوللانغان ۋاقتى 2014-1-25 15:45:53

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خارۋارد ئۇنۋېرستېتىدا ئۇنداق بېغىشلىما ياكى ئۈزۈندىلەر يوق.بۇ خەنزۇچە مۇنبەرلەردە ئاللىقاچان تەنقىدلەندى ھەم جوڭگۇلۇق ئاتا ئانالارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.باھا تەلشۇرۈش تامام ۋەسسالام.:handshake:D:o:lol:lol:lol

زەربار يوللانغان ۋاقتى 2014-1-26 01:45:12

ياخشىكەن
بەت: [1]
: خارۋارت ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى تېمىغا يېزىلغان ئاگاھلاندۇرۇش