ئىنتىل تورى قۇرغۇچىسى ئابلەتجان ئىبراھىمنىڭ تەرجىمىھالى
ئابلەتجان ئىبراھىم، 1969-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنىقەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان.1- باشلانغۇچ، 1- ئوتتۇرا، قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا ( 6- ئوتتۇرا ) مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان.
1987- يىل 9-ئايدا شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد ئىنىستېتوتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1992- يىلىئوقۇش پۈتتۈرگەندىن بۇيان قەشقەر شەھەرلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەۋاتىدۇ.
2005- يىلى ئۆزىنىڭ Office ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئۆگىنىشتىكى ئوتتەك قىزغىنلىقى ۋە 《بىلىمنىڭمۇ زاكىتى بار》 دېگەننى ئۆزىگە مىزان قىلغان ئابلەتجان ئىبراھىم،ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى تورى ، بىلىك كۇلۇبى ۋە بىلگە تورىدىن باشقا كومپيۇتېر بىلىملىرىگە ئائىت ئۇيغۇرچە توربەتنىڭ 4- سىيۇلغۇنجان مۇنبىرى www.yulghunjan.com نى 《 بىلگەننى يوللاڭ بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن، بىلمىگەننى يوللاڭ، بىلگەنلەر دەپ بەرسۇن》 دېگەن مەنىلىك شۇئارى ئارقىلىق قۇرۇپ چىققان.
شۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ مول بىلىملىرى، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغان ئاجايىپ پەزىلىتى ئارقىلىق ئىنتايىن كۆپ كومپيۇتېر، تور ھەۋەسكارلىرى، Office ھەۋەسكارلىرىنى يۇلغۇنجان مۇنبىرىگە جەلىپ قىلغان ۋە ئاجايىپ قىزغىنلىققا چۆمگەن كومپيۇتېر، Office بىلىملىرى مۇنبىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
2007-يىلى ئەسلىدىكى يۇلغۇنجان مۇنبىرىنىڭ نامىنى ئىنتىل سەيناسىغا ئۆزگەرتىپ www.intil.cnنامى بىلەن 2009-يىلغىچە داۋاملاشتۇرغان.
2008-يىلى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئېگە يوليار ئۇلىنىش تورى http://www.yolyar.com نى قۇرغان، www.yolyar.com/rawaئادرىسىدا ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى تۇنجى ئۇچۇر تورىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ھەمدە 2009-يىلى مۇھتاج نامىدا ئايرىم http://muhtaj.com ئۇچۇر تورىنى قۇرغان.
2010- يىلىدىن باشلاپ خەلقئارالىق تور نامىwww.intil.biz نامىدا كومپيۇتېر،تور ۋە Office بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئىنتىل سەيناسى تور بېكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
بىز بۇ ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش روھىغا ئېگە، باشقىلارغا ياردەم بەرسە كۆڭلى ئېچىلپ قالىدىغان، مېھنەتكەش ئۇستاز ئابلەتجان ئىبراھىمنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇغلۇق بولۇشىنى تىلەيمىز.
ئىنتىل تورىدىن كېيىن قۇرۇلغان روھلان تور بېكىتى، قىياس تورى، ئادۇۋكات تورى،شەربەت تورى، بۇلاقجان تورى، ئالما ھەۋەسكارلىرى تورى، بىلىملەر تورى، توقسۇ تورى، بىجىرىم تورى، قاراسۇ تورى، قۇتيار تورى، تور كاتىپ، بەشتاش تورى، ئەتىرگۈل تورى، يۈكسىلىش تورى، ئۇچقۇن تورى، كوئىنلۇن تورى (ھازىر ئىنتىل سەيناسى بىلەن بىرلەشكەن) .... قاتارلىق تور بېكەتلەرنىڭ قۇرغۇچىلىرى مانا مۇشۇ ئىنتىل سەيناسىدا تۈرلۈك كومپيۇتېر ۋە تور بىلىملىرىنى ئۆگىنىش نەتىجىسىدە يىتىشىپ چىققانلاردۇر. ماۋۇ تېمىنى ھەجەپ ئوبدان يوللاپسىز. ئابلەت مۇئەللىم ھەققىدە تېخىمۇ كۆپرەك بىلگۈم باتى. ئۆزىدىن خىجىل بولۇپ سورىغىلى بولمايدىكەن.;P ناھايتى ياخشى چۇشەندۇرۇپسىز،بىلۋالدۇق،بۇتۆھپىكار ئۇستازنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلسىگە بەخىت تىلەيمەن. رەخمەت. ئابلەت مۇئەللىمدەك مۇشۇنداق ئۇيغۇر تۆپىكارلىرمىزنى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىمىزپەخىرلىنىشىگە ئەرزىدۇ سىز مۇ بار ئادىلكا سىزمۇ خېلى كۆزگە كۈرۈنگەن مائارىپچى گەرچە بەك ئالدىراش بولسىڭىزمۇ يەنىلا روھلان مۇنبىرىدەك ئىسىل ننر بىلىم بۇلىقىنى بىز دەك ئوقۇش نىسىپ بولمىغان پەن تېخنىكا ئىشلىرغا ھەۋەس قىلىدىغانلار ئۈچۈن چوڭ بىر سەھنە ھازىرلاپمىللىتىمىز ئۇچۇن ئازدۇر كۆپتۇر تۆھپە قۇشۇپ كىلىۋاتىسىزسىزگىمۇ كۆپ رەھمەت لىكىن بەك كەمتەر جۇما سىز سىزمۇ مىللىتىمىز ئارىسىدىكى چوڭ تۆھپىكار ھارمىغايسىز كۆپ رەھمەت بۇ ماتىرىياللار ئۆزۈمنىڭ ئابلەت ئاكىمىز بىلەن ئىنتىل سەيناسىدىكى ۋاقىتلاردا پاراڭلىشىش جەريانىدا ئېسىمدە قالغان مەزمۇنلار ۋە ئۆزىمىز كۆرۈپ تۇرىۋاتقان رىئاللىقتىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار بولۇپ، مەزمۇنلار كەم قالغان بولۇشى مۇمكىن.
ئۇنىڭدىن باشقا ئاستىدىكى ئىنتىل سەيناسىدا بىلىم ئۆگىنىپ يېتىشىپ چىققان تور بېكەت ئاتامانلىرى ئىچىدە قوشۇلۇپ قالغان ياكى ئايرىلىپ قالغانلارمۇ بولشىمۇ مۇمكىن، تورداشلار تولۇقلاپ قويسا بولىدۇ. ئابلەت مۇئەللىمنىڭ سالامەت بولۇشىنى،ئىشلىرېنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ADiL يوللىغان ۋاقتى2014-1-17 01:02
بۇ ماتىرىياللار ئۆزۈمنىڭ ئابلەت ئاكىمىز بىلەن ئىنتىل...
بولسا مىننەتسىز مېھنەتچى مۇختار روزى ئاكىمىزنىڭ تەرجىمھالىنىمۇ چىقىرىپ قويسىڭىزكەن . لېكىن بۇ ئىنتىل تورىدا يېتىشىپ چىققانلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر ئىنتىل تورىغا چىقىپ قويماسمۇ بولۇپ قالدى ، ھۈنەرنى ياخشى ئۈگەنگىنى بىلەن ئۇستازىنى ئۇنتۇپ قالدى ............................... كومپيوتىرساھەسىدىكى تۆھپىكار ئۇستازلاردىن بىزنى خەۋەردار قىلغىنڭىزدىن كۆپ رەھمەت