ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 23:02:14

ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىمنىڭ تەرجمھالى



ئابابەكرى مۇختەر ،ئەر، ئۇيغۇر ، 1987- يىلى 3- ئاينىڭ 5 – كۈنى غەربىي جەنۇبىي تارىم نېفىت بازىسى،يەنى پوسكام نېفىتلىكىدە شوپۇر ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان،ئائىلىسىدە 6 جان بولۇپ ،بالىنىڭ ئۈچىنجىسى ،،، 1987 - يىلى 12 ئايدا قىزىتىپ قېلىش باھانىسى بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان،قىزىتمىنىڭ زىيادىلىكى تۈپەيلىدىن ،شۇ چاغدىكى كۆپ كۆرۈلىدىغان بالىلار پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ مېڭىش ئەركىنلىكى تارتىۋىلىنغان.
1995- يىلى سىڭلىسىنىڭ مەكتەپكە بېرىشى بىلەن ،ئوقۇش ھەۋىسى قوزغۇلىپ مەكتەپكە بارغان ، مەكتەپكە كىرىشى بىلەنلا ئۆزىنىڭ تېتىكلىكى ،زىرەنلىكى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ،ساۋاقداشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ سىنىپ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، 2001- يىلغىچە نېفىت 4- باشلانغۇچ مەكتەپتە باشلانغۇچنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن.
1999- يىلى تاغىسى گۇاڭجۇدىن بىر 3 چاقلىق مىيىپلار موتسىكىلىتى ۋە بىر كومپىيۇتىر ئەۋەتىپ بەرگەن ،،شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئابابەكرى مەكتەپلەرگە ئۆزى مۇستەقىل بېرىپ كېلەلەيدىغان بولغان، ھەم دەرىستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كومپىيۇتىر بىلەن شۇغۇللىنىپ شۇ چاغدىكى نىفىتلىكنىڭ كومپىيۇتىر رېمونىتچىسى، ئائىللەرگىچە بېرىپ ھەقسىز كومپىيۇتىر ئوڭشاپ كومپىيۇتىر ساھەسىدىكى بىلىملىرىنى ئۈزلىكسىز چوڭقۇرلاشتۇرغان.
2001- يىلدىن 2006 – يىلغىچە نېفىت 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇقسىز ۋە تولۇق 2- يىللىققىچە ،2007- يىلى نېفىت 2- ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇق 3- يىللىقنى تاماملىغان.. 12 يىل سىنىپ باشلىقلىق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن..كۆپ قېتىم مەكتەپلەردە ئەلا نەتىجىلەرگە داخىل بولغان، كۆپ قېتىم مەكتەپ ۋە ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك ماقالە يېزىش مۇسابىقىسى، زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرى،نۇتۇق سۆزلەش ۋە ھۆسنىخەت مۇسابىقىلىرىدە ئىزچىل 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن .
2004- يىللىدىن باشلاپ خوتەندىكى دوستى ئادىلجان بىلەن بىرلىكتە چىننۇرى ناخشا چۈشۈرۈش بېكىتىنى بىرلىكتە باشقۇرغان .
2006- يىلى تەكلىماكان لوڭقىسىنى تالىشىش ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ، ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كۆلىمىنىڭ چوڭلىقى ،ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ سىنىپلارغا يۆتكىلىشچانلىقىدىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىدىن ۋاز كەچكەن،
2007- يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ بىر قانچە يەردىن كەسپىي كومپىيۇتىر تەربىيلەش مەركەزلىرىنى ئۇقۇشقان بولسىمۇ شارائىتنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىق سەۋەبلىك شىركەتلەرگە بېرىپ ئىشلەشنى قارار قىلغان،
ئىزچىل ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ تورچىلىق ھاياتىنى مۇستەقىل باشلىۋەتتى
2007- يىلى مىسرانىم تور نامىنى رەسمىي ئەنگە ئالدۇرۇپ مەخسۇس ناخشا چۈشۈرۈش بېكىتى ئاچقان .
2008- يىلىدىن 2009- يىلغىچە بىر يىل ئۆيگە قايتىپ ،شۇ يەردىكى كىشىلەرگە توردىن مال سېتىۋىلىپ ،توربەتچىلىك ۋە تور سودىسى بىلەن مەلۇم مەزگىل شۇغۇللانغان ..
2009- يىلى ئۈرۈمچىگە چىقىپ شىنجاڭ سودا تورىدا ،ماياك مېدىيا شىركىتىدە ۋە شۇنىڭدەك بىر قانچە شىركەتلەردە پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىشلىگەن .2009- يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ئۈرۈمچىدە مەخسۇس ئېلان باسمىچىلىق، تېلفونخانا، ۋە تاللا بازار بىرگەۋدە قىلىنغان دۇككان ئاچقان .2010- يىلى ھەممە ئىشلىرىنى تاشلاپ پۈتۈنلەي تورچىلىق ساھەسىگىلا كۈچىگەن ..
2010- يىلدىن باشلاپ نۇرغۇن ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى ئىشلىگەن ،100 گە يېقىن پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ بىر قانچە پائالىيەتلەردە ئاساسلىق رولىنى جارى قىلدۇرغان ..
2010- يىلى 5- ئاينىڭ 16- كۈنى مۇنبەرنى قايتا ئاچقان، شۇنداقلا ھازىرقى دىيارىمىزدىكى شۇنداقلا ئۇيغۇر تور تارىخىدىكى ئەزا سانى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ مۇنبەرگە ئايلانغان.
2011- يىلدىن 2012- يىلغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ھەر ساھە كەسىپ ئىگىلىرى ۋە يازغۇچى ،سەنئەتچى قاتارلىقلالر بىلەن 30 دىن ئارتۇق سۆھبەت ئورۇنلاشتۇرۇپ خەلقىمىزگە سۇنغان .
2011- يىلى مىيىپلار پىراۋىسىنى تۇنجى ئىلتىماس قىلىپ بىرلا قېتىمدا مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتۈپ رايونىمىزدىكى مىيپ ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى ماشىنا سېتىۋالغۇچى ۋە ھەيدىگۈچى بولغان .بىر قانچە قېتىم قاتناش قىززىق لىنىيلىرىگە تەكلىب بىلەن قاتنىشىپ مىيىپ دوستلارغا پىراۋا توغرىسىدىكى مۇھىم ئۇچۇرلاردىن مەسلىھەت بەرگەن.
2012- يىلى كۆڭۈلدىكى سۆز ۋە مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىنىڭ تۇرمۇش پىروگراممىسىدا ياشلارغا ئۈلگە قىلىنىپ زىيارەتلەر ئورۇنلاشتۇرغان.
2013- يىلى 3- ئايدا بىر قانچە توربېكەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىتتىپاق كومتىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ دۆلىتىمىزدىكى بىر قىسىم داڭلىق تورلاردىن ، سىنا، تېڭشۈن ،خەلىق تورى قاتارلىقلاردا تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ كەلگەن .
2013- يىلى 4- ئاينىڭ 27 – كۈنى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ئامرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لوجىياخۈي ئەپەندىم بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈش شەرىپىگە ئېرىشكەن .
2013- يىلدىن بۇيان ئىزچىل تېرىشىش نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ بايراقدارلىق رولىنى ياخشى ئويناپ كەلگەن .شۇنداقلا يەنە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا زىيارەت قىلىنغان .
2013- يىلى 12- ئاينىڭ 28 – كۈنى تىزناپ مەكتىپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بىر قېتىملىق 200 ئادەملىك لىكسىيە ئورۇنلاشتۇرلۇپ ،سەرگۈزەشتلەر بىرلەشكەن ئاساستا بىر قېتىملىق لىكسىيەدىكى ئاساسىي كىشى بولغان ،
2014- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى يىدۇ رېستۇرانىنىڭ ئىش باشلىغانلىقى ۋە مىسرانىم تورى قۇرۇلغانلىقنىڭ 7 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن رايونىمىزدىكى تونۇلغان جامائەت ئەربابلىرى ۋە داڭلىق سەنەتكارلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە كاتتا بىر پائالىيەت ئۆتكۈزگەن ،
نۇرغۇن مەزمۇنلار قالدى، ئەمما قىسقىچە تەرجىمالىغا خېلى كۆپ كۈچ چىقاردىم .تولۇقلايدىغان جايلىرى يەنە تۈزىتىلىپ يوللىنىدۇ ..
ئۇ داۋاملىق تېرىشىش جەريانىدا ھازىرقى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، ئۇنىڭ تېرىشچانلىقى ۋە ئىزچىللىقى نەتىجىسىدە ھازىرقى غەلبىلەرگە نائىل بولدى .. بىز دوستىمىز ئابابەكرىنىڭ يەنىمۇ ھارماي تېرىشچانلىق كۆرسىتىپ رايونىمىز تورچىلىقىنىڭ ھەقىقىي سەركىسى بولۇپ قېلىشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلمىز.

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 23:10:13

مەن مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ دائىملىق ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ئابابەكرىگە ئىچ-ئىچىمدىن قايىل بولىمەن، ئىلگىرىكى داڭىق چىقارغان بىكەتلەردىن دىيارىم، شەبنەم، سەلكىن قاتارلىق بېكەتلەر ئىچىدە مەن دىيارىمنىڭ قۇرغۇچىسىغا شۇنداق قايىل ئىدىم، ئەمما كېلىشمەسلىك بىلەن ئۇلار بېكەتنى داۋاملىق ئېچىشقا مۇمكىن بولمىدى.
2010-يىللىرىدىن باشلاپ روناق تېپىشقا باشلىغان مىسرانىم تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ تىرىشچانلىقى، يىراقنى كۆزلەش ئىدىيسىنىڭ كۈچلۈكلىكى ۋە ئۆزىنىڭ كەڭ قورساق، ئوچۇق مىجەزى بىلەن تور بېكەت ئاتامانلىرى ۋە تورداشلارنى قايىل قىلىشىدىن، ئۇنىڭ پەزىلىتىگە قول قوىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تور بېكەتچىلىكىدىكى مۇشۇنداق بىر شەخىسنىڭ تور بېكىتىمىزنىڭ شەخىسلەر سەھىپىسىدە ئورۇن ئېلىشى ھەقلىق دەپ قاراپ بۇ تېمىنى مىسرانىمدىن ئېلىپ كەلدىم.

خۇندا يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 23:16:39

مەن ئۇزۇندىن بىرى ئابا بەكرى مۇختەر مىسرانىمنىڭ توردىكى ھەرخىل ئاۋازلىق ئەسەر شىىئىرلىرنى ياختۇرۇپ ئاڭلاپ كىلۋاتمەن ئەمما بۇ كىشنىڭ مىيىپ ئىكەنلىكىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۇرۇپ باقماپتىمەن ئاپرىن .جىسمانى جەھەتتە مىيىپ بولسىمۇ روھى دۇنياسى بىجرىم كەن يەنە بىر قىتىم ئاپرىن بۇ قىرىندىشىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئشلىرغا ئۇتۇق تىلەيمەن

سادا0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 23:47:00

2009-يىلىغۇ دەيمەن (5-ئيول ۋەقەسى مەزگىلى) ھەممەيلان بىلمىز توردىكى ئالاقە ئۇچۇر توختاپ تورغا چىقساقمۇ ھېچنىمدىنپايدىلنالماسلىق ھاتىدە قالدۇق. شۇ چاغدا بىر ئىشقا ئەقلىم ھەيران نپەقەت مىسرانىم تورى تاقالمىدى يەنى ناخشى چۈشۈرۈش بىتى. شۇنۇڭ بىلەن تورغا چىقساممۇ مىسرانىم توردىن ناخشا تىڭشاپ يارغانلىرىنى چۈشۈرۈپ دىگەندە ئىچ پۇشقىمىزنى چىقاردۇق. مەن شۇ چاغدا بۇ ئىشقا رھمەت ئېيتىپ ھەم مەلۇم بىر يۇمشاق دىتالنى سۈرۈشتە قىلىپ ئابابەكرىگە تېلفۇن قىلغان. ئۇ چاغدا ئۇ پوسكامداكەنتۇق. پۇتنىڭ مېيىپلىقىنىمۇ كىيىن ئۇختۇم.

سادا0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 23:47:58

سادا0998 يوللىغان ۋاقتى2014-01-16 23:47:00 static/image/common/back.gif
2009-يىلىغۇ دەيمەن (5-ئيول ۋەقەسى مەزگىلى) ھەممەيلان بىلم
2008 يىلكەن

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 23:55:01

مەن يىقىن يۇرتلىقى تۇرۇپ بىلمەيدىكەنمەن بۇ كىشىنىڭ تەرجىمالىنى..رەھمەت ئادىلكا:handshake:handshake

بۈركۈت0 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 00:00:40

بەك تەپسىلى يېزىپسىز رەخمەت سىزگەئۇ ھەقىيقەتەن كوپكە قادىر بىرگە ماھىر ئادەمكەن

مسكىن886 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 00:24:48

ھە مەنمۇ بۇ ئاكمىزنڭ ئەسەرلىرنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايتتىم مەنمۇ ئۇنۇڭغا شۇنداق قايىل ،لىكن ھازرغچە ئنڭ قەيەرلىك ئكەنلكنى بىلئەيتتىم ئەمدى بىلۋالدىم رەخمەت سىزگە ،ئويلۇماپتىكەنمەن ، خوشنىكەنمىز مەن يەكەندىن ئدىم.

مسكىن886 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 00:40:01

ھە راس بىر ئشنى زادلا بىلەلمىدىم مىسرانىم مۇنبىرنىڭ ئاندىرويىت نۇسقسى بارمىدۇ مەنغۇ بىۋاستە تور كۆرگۇشتە زىيارەت قىلغانتىم ،ئاندىرۇتىت نۇسقسنى كۆپ ئزدەپ باقتىم لكن يوققەن زادى ئاندىرويىت نۇسقىسى بارمدۇ يوقمدۇ.

5230 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-17 01:18:39

مسكىن886 يوللىغان ۋاقتى2014-01-17 00:40:01 static/image/common/back.gif
ھە راس بىر ئشنى زادلا بىلەلمىدىم مىسرانىم مۇنبىرنىڭ ئا
يانفۇن نۇسخىسى بارمىكى دەيمە ئىلگىرى مۇشۇ مىۇنبەردىكى بىر تورداش بارلىق يانفۇن تېرمىلاللىرنى يوللاپتىكەنمەن مۇ چۈشۈرۋالغان لىكىن يانفۇن يۈتۈپ كىتىش سەۋەبىدىن بۇ تېرمىناللار نى تۇلۇقلاپ تېپپۇلامىدىم
بەت: [1] 2
: ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىمنىڭ تەرجمھالى