polatkalam يوللانغان ۋاقتى 2014-1-2 12:56:29

ئىقتىدارى كۈچلۈك ۋىدىيو تەھرىرلەش ۋە كېسىش قورالى

بولسا نۆۋەتتىكى ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ۋىدىيو تەھرىرلەش، پارچىلاش ۋە كېسىش قورالى بولۇپ، AVI、MP4、FLV、MOV、Divx、XviD、MPEG、WMV、ASF、RM、RMVB、3GP قاتارلىق كۆپ خىل فورماتتىكى ھۆججەتلەرنى قوللايدۇ.
Ultra Video Splitter نىڭ ۋىدىيو ھۆججىتىنى پارچىلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن جانلىق لايىھەلەنگەن بولۇپ، چوڭ-كىچىكلىكى، ۋاقىت ئوقى ۋە تەڭ ھالەتتە پارچىلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ.


http://www.turanim.com/data/attachment/forum/201401/02/120035mny2uz2ma6qmq6dt.png


ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى:
1. ئۆزىدە كۆپ قىسىم ۋىدىيو ۋە ئاۋاز ھۆججىتى فورماتىنى يېشىش پىروگراممىسى كودى قاچىلانغان بولۇپ، ئايرىم چۈشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.
2.ۋىدىيونى سىناپ كۆرۈش ئىقتىدارى قوشۇلغان، ۋىدىيو تەھرىرلەش قولايلىق.
3.ۋىدىيو ھۆججىتىنى تەھرىرلەش (پارچىلاش ۋە كېسىش) ئىقتىدارىدىن باشقا، يەنە ياخشى بولغان ۋىدىيو فورماتىنى ئۆزگەرتىش قورالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئەگەر يەككە ۋىدىيو ھۆججىتىنى كەسمەكچى ياكى پارچىلىماقچى بولسىڭىز، ئۇ ھالدا ھۆججەتنىڭ ھاسىل قىلىش فورماتىنى Same As Sourcel Video يەنى ئەسلىدىكى ھۆججەت كودى بىلەن ئوخشاش قىلىپ تاللاش كىرەك. بۇنداق قىلغاندا، پارچىلىغاندىن كىيىنكى ھۆججەتنى قايتا فورماتلاشنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ شۇنداقلا ھاسىل قىلىش سۈرئىتى تېز بولىدۇ. ئەسكەرتىپ قويۇشقا تىگىشلىك يېرى شۇكى، مەزكۇر دېتال RM/RMVB فورماتىنى ئانچە ياخشى قوللىمايدۇ.
Ultra Video Splitter نى چۈشۈرۈش ئۇچۇرلىرى:
ئورگان بېكىتى: www.aone-soft.com
پىرىستىن يېشىش كودى: www.portablesoft.org
پىرىس ھۆججىتى MD5 سى: F740CE305E7407C8E3C433D674E33A82

چۈشۈرۈش بېتىگە كىرىش: (سېغىمى 9.32 MB)

http://www.bego.cc/file/47229380
ئەسكەرتىش : چۈشۈرۈش بىتىگە كىرگەندە ئەخلاقسىز ئىلانلار سەل كۆپشەيتاننىڭ كەينىگەكىرمەيھايال بۇلماي يىنىپ چىكىتىڭ ..!!

چۈشۈرۈپ پىرىستىن يەشكەندىن كىيىن، ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى UltraVideoSplitterPortable.exe نى ئىجرا قىلسىڭىزلا بولىدۇ.

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-1-2 13:58:29

بۇ تىمىنى بۇرۇنمۇ كۆرگەندەك قىلىمەن.تەكرار بوپ قالمىغاندۇ ?

rabbiy يوللانغان ۋاقتى 2014-1-2 14:05:06

نەپرەت007 يوللىغان ۋاقتى2014-01-02 13:58:29 static/image/common/back.gif
بۇ تىمىنى بۇرۇنمۇ كۆرگەندەك قىلىمەن.تەكرار بوپ قالمىغ
مەنچىمۇ ئاشداراق.
بەت: [1]
: ئىقتىدارى كۈچلۈك ۋىدىيو تەھرىرلەش ۋە كېسىش قورالى