سايىل يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 15:39:34

نېمە ئۈچۈن بالىلىرىمىز مەكتەپتىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىلىرىمىز مەكتەپتىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ؟
ئەخمەتجان ئابلىز
( يوپۇرغا ناھىيە ئاخۇنلۇقۇم يىزا مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتىن)
بالىلار –كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى.مەكتەپ –بالىلارنى تەربىيىلەيدىغان بۈشۇك،ئەدەب-ئەخلاق ، ئادەم بولۇش يوللىرىنى ئۆگىتىدىغان مەرىپەت باغىچىسى.بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ ئايرىۋىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ.لىكىن نۆۋەتتە ،يۈز بىرىۋاتقان بالىلارنىڭ مەكتەپىتىن يىراقلىشىپ كىتىش مەسىلىسى كىشنى ئويغا سالىدۇ. ئاتا-ئانىلار، ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلار بالىلارنىڭ مەكتەپتىن يىراقىلىشىپ كىتىش سەۋەبىنى ئەستايدىللىق بىلەن ئويلانمىساق ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. مىنىڭچە ،بالىلارنىڭ مەكتەپتىن يىراقلىشىپ كىتىش سەۋەبى تۆۋەندىكى بىر قانچە كونكىرىت تەرەپلەردە بولۇشى مۇمكىن.
1. مەكتەپ مۇھىتى ياخشى بولماسلىق؛ رايۇنىمىزنى مىسالغا ئالساق،1997-يىلدىن تارتىپ 2002-يىلغىچە‹‹ئىككى ئاساسەن›› خىزمىتى دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋىلىشى ئۈچۈنزور مەبلەغ سېلىنىپ ، مەكتەپلەرنىڭ ئىلگىرىكى كۇنا قىياپەتلىرىدەزور ئۆزگىرىش ھاسىلبولدى.بولۇپمۇ چەت-يىراق يىزا -قىشلاقلاردىكى ھويلا-قۇرۇسى، ئوقۇتۇش سىنىپ ،ئىشخانلىرى يوق ،ئوقۇتۇش ئەسلىھەللىرى كەمچىل مەكتەپلەر ئۈچۈن ئېيىتقاندا ، تېپىلغۇسىز شارائىت بىلەن تەمىن ئېتلىدى. بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ئازادلىقىتىن بۇيانقى ،مائارىپىمىز تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش دەپ ئېيىتساق خاتالاشمايىمىز. كەڭ خەلق ئاممىسىمۇ بۇ ئۆزگىرىشلەردىن سۆيۈنگەن ئىدى، مەكتەپلەرنىڭ قىياپەتىدىن پەخىرلىنىپ ، ئەۋلادىلىرىنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىد نەزىرى بىلەن قارىغان ئىدى.‹‹ئىككى ئاساسەن ›› خىزمىتى ئاخىرلىشپ ،ئون نەچچە يىل بولغان ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، مەكتەپلەرنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى دېگەندە ،ناھىيە( شەھەر) ئىچى مەكتەپلەر، يىزا ئوتتۇرا مەكتەپ ، مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە يىراق مۇساپىلىك تەربيىلەش ئۈسكۈنسى سەپلەش، كومپىيوتىرخانا قۇرۇش، ئاشخانا ، ياتاق بىناسىسېلىش بولدى. لىكىن يەنىلا كۆپ قىسىم مەكتەپلىرىمىز دۆلەتنىڭ ياردىمى ۋە مەبلەغ سېلىشقا ئېرشەلمەي كەلگەچكە ، بىر ئىزدا توختاپ قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۇلۋاتىدۇ.مەكتەپ قىياپىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت تۇرغۇن ھالەتتە تۇرۇشى كىشلەرنى چۇڭقۇر ئويلارغا سېلىپ قۇيماقتا. مەكتەپلەرىمىزنىڭ ئوقۇتۇش سىنپلىرى، قۇرۇ-تاملىرى ،ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرى يىللارنىڭ ئۆتۇشى بىلەن يېقىلىپ ، بۇزۇلۇپ ئىلىگىركى‹‹نامرات مەكتەپ›› قىياپىتىگە قايىتىپ كەلدى ۋە كىلۋاتىدۇ. نۆۋەتتە مەركەزنىڭ   دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش ،يېڭلىق يارتىش تىپىدىكى جەمىيەت قۇرۇشتەكىتلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنىدە، مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتى دەۋىر تەرەققىياتى بىلەنماسلىشىپ كىتەلمەيۋاتىدۇ .
ئۇنىڭ ئۈسىتىگە مەكتەپلەرنى يېشىللاشقان، باغىچىلاشقانمەكتەپ بەربا قىلىش دولقۇنى ھەر يىلى دىگۈدەك ئېلىپ بىرىلۋاتقان بولسىمۇ، ‹‹ئىش بار، ئۈنۈم يوق›› بولۇشتەك ھالەت ساقلىنىپ كىلۋاتىدۇ. بۇيىل تىككەن كۆچەت ،گۈل –گىياھلاركىلەر يىلى بېخ سۈرمەي تۇرۇپلا،باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىغا زىد كىلىپ،قۇمۇرۇپ تاشلىنىپ ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۆستۈرۈلگەن داڭلىق سۈرتىلىق مەنزىرە كۆچەتلىرىنى تېكتى ۋە تىكلىمەكتە. ئەمما بۇ كۆچەتلەر ھاۋا كىلماتى، سۇ ،تۇپراق،كۈن نۇرى قاتارلىقلار تەرەپلەر بىلەن ماسىلىشالماي،قۇرۇپ قاقشال بولۇپ ،بۇ يېڭى ماكاندىن زارلانماقتا. تىخى بىر قىسىم مەكتەپلەر ھەر يىلىدىكى كۆكەرتىش پىلانىدىن قۇتۇلۇش، ئىقىتىساد ۋە ئادەم كۈچىنى تىجەپ قىلىش ئىسىتىكىدە، سۈنئىي مەنزىرە دەرەخلىرىنى كىرگۈزۈپ ،مەكتەپ مۇھىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماقتا. مانا مۇشۇنداق بىر قاتار قارىغۇلارچە قىلىنغان ئىشلار سەۋەبىدىن بەش –ئالتە يىلغىچىمۇ مەكتەپنىڭ كۆكەرتىش ، يىشىللاشتۇرۇش خىزمىتى روياپقا چىقىنى يوق. شۇنداق بولغاچقامەكتەپلەر قىياپىتى ‹‹تىزتاز، مىزى ماز›› پىتىچە تۇرماقتا. ۋىلايەت، ناھىيە تەۋەسىدە بىرقىتىملىقنەق مەيدانئېچىش توغرا كەلسە ،رەھبىرى كادىلارنىڭ بېشىنى قاتۇردىغان مەسىللەرنىڭ بىرى بولۇپ قىلۋاتىدۇ .شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قسىم مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىسى كۆپ ،ئورنى كىچىك ، يەنە بىرقىسىم مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئاز ، ئورنى چوڭ بولۇشتەك ئەھۋاللارسەۋەبىدىن ‹‹ دۇتاردا بار قۇلاق ، ساتاردا يوق ،كىچىك مەكتەپ دېگەن قاتاردا يوق›› دېگەندەك يېڭى ئاتالغۇلار پەيدا بولماقتا.
مەكتەپلەر بالىلارنىڭ ئەقلى ، ئەخلاقىي ،جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئۆسۈپ –يېتىلىشى ئۈچۈن بىر تالاي خىزمەتلەرنى ئىشلەپئارخىپلاشتۇرۇپ ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ باھاللىشىدىن ئۆڭۈشلۇق ئۆتۇپ كەلگەن بولسىمۇ،ئەمەلىي تەربىيە ياخشى ئىشلەنمىگەچكە ،بالىلاردا ياخشى ئۈگۈتلەرنىڭ سېڭگەنلىكىدىن ئەسەرمۇ يوق.رايۇنمىز تەۋەسىدىكى ئاز ساندىكى مەكتەپلەر ئىچىكىرى ئۆلكە، رايۇنلارنىڭ ئىلغار مەكتەپ باشقۇرۇش ئۇسۇل- چارە، ئەندىزلىرىنى تەقلىد قىلىپ ئۆز مەكتەپلىرىدەسېڭدۇرۇش يوللىرى ئۈسىتىدە ئېزدىنىپ ، مەكتەپنىڭ قۇرۇ-تاملىرىنىڭ سىرتىدىن –ئىچىگىچە،سىنىپلاردىن–ئىشخانىلارغىچە، ئاشخانىلاردىن –ياتاقلارغىچە ، ئامبارلاردىن –ھاجەتخانلارغىچە، گۈل –گىياھ قاسناقلىرىدىن – مەيدان ئەتراپلىرىغىچە ئەقىليە سۆزلەر، ئىبىرەتلىك ھېكايەتلەر، مەشھۇر كىشلەرنىڭ سۆزلىرى، ماقال –تەمسىللەر،قۇرۇق شۇئارلار،رەسىملەر، مەكتەپلەر ئۆز ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ تۈزگەن قائىدە –تۈزۈملەرنى يۇپۇشتۇرۇپ ،بەلگىلىك ئۈنۈم ۋە ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى.ئەمما يەنە بىر قسىم مەكتەپلەر ماددىي كۈچ ،ئادەم كۈچى ئشىلىتىپ باشقا ئورۇنلارنىڭ ئەندىزسىنى ئۆز پىتىچە كۆچۈرۇپ كىلىپ ، مەكىتپىنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۇرمەي، قارىغۇلارچەقۇللانغاچقا ،مەكتەپلەرنىڭ ئىقىتسادىنى قېزىل رەقەم بىلەن بۇياپ،ئارقا سەپ خىزمىتىنى پالاچ ھالغا چۇشۈرۈپ قۇيماقتا . ئىقىتسادى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندا،بىر قسىم مەكتەپلەر ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئاچالماي ،مەكتەپتىكى ئىلغار شەخسىلەرنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن رېغبەتلەندۇرەلمەيۋاتىدۇ. ئىقىتسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىنمۇ ياكى ئادەم كۈچ يىتىشمەسلىكىتىنمۇ چەتناھىيە ،شەھەر ئىچىدىكى بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ ھاجەتخانىسىنڭ سۇيى راۋام ئەمەس، مەينەتچىلىك ، سېسىسقچلىقتىن كىرىشكىمۇ جۇرئەت قىلغىلى بولمايدۇ.
يىزا، كەنىتمەكتەپلەرنىڭ بولساھاجەتخانسى ئۆلچەمگە يەتمەيدۇ.ھەتتا بىر قسىم مەكتەپلەرنىڭ ھاجەتخانسى ئۆرۇلۇپ كەتكەن بولۇپ ،تاختاي،يەشىك قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن قورشاپياسىۋالغاچقا خاتىرجەم ھالدا ھاجەت قىلىغلى بولمايدۇ.بىر قسىم مەكتەپلىرىمىزدەئادىغىسى دوسىكىغا خەت يېزىش ئۈچۈن بورمۇ تېپىش قىيىن بولۇپ كىلۋاتىدۇ. راسىتىنى ئېيىتقاندا، بالىلىرىمىز ھىچقانداق بىر يىڭلىقى يوق ،بالىلارنى جەلىپ قىلالمايۋاتقان،ھاياتنىڭ ھەققىي مەناسىنى تاپقىلى بولمايدىغان ‹‹مەرىپەت باغچىسى›› دىن ئۆزىگە يېڭىچە مۇھىت ئېزدەش ھەلەكچىلىكىتە ،مەكتەپ سىرتىغا قاراپ ئاقماقتا.
2. كىشلىك مۇناسىۋەت ياخشى بىر تەرەپ قىلىنماسلىق؛ مەكتەپتە باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچى، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ، ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىدىن بىر ئىبارەت كىشلىك مۇناسىۋەت تورى مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ خىل كىشلىك مۇناسىۋەت تورى سەللا بۇزغۇنچلىققا ئۇچرايدىكەن ، مەكتەپنىڭ ئومۇمىي ھالىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.بۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت خۇددى ‹‹ قان بىلەن گۆشتەك›› بولسا بولدۇكى ھەرگىزمۇ ‹‹ گۆش بىلەن پىچاقتەك›› ئەھۋال كۆرۇلۇپ قالماسلىقى لازىم.باشقۇرغۇچىلار قول ئاسىتىدىكى خىزمەتچىلەرگە قۇپال بولماسلىقى ، ئۇلارنى ھۆرمەتلىشى ،ئېززەتلىشى، تەنىقىد،قول ئاسىتىدىكىلەرنىڭ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغىرىسىدا بەرگەن تەكلىپ –پىكىرلىرىنى سەممىيىلىك بىلەن قۇبۇل قىلىشى بۇلۇپمۇ پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنى ئاسرىشى، ياش ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بىرىشى، كىچىكىنەسەۋەنلىك سادىر قىلغانئوقۇتقۇچىلارنى خىزمەتداشلىرىئارسىدا تەنىقىد قىلماسلىقى لازىم.باشقۇرغۇچى خادىملار قول ئاسىتىدىكى خىزمەتداشلىرىنىڭ ئائىلە ، تۇرمۇش، خىزمەت ،داۋاللىنىش قاتارلىق تەرەپلەرگە كۆڭۈل بولۇشى لازىم.
ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرسىدا بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان ، كۆيۈندىغان ، قولدىن كەلگەن ياردىمىنى ئايمايدىغان روھ بارلىققا كەلگەن بولۇشى لازىم. ھەرگىزمۇ بىر-بىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلدىغان ،كىيۋالغان كىيىمى،ئىشلەتكەن گىرىمى، ئېسلۋالغان زىننەت بۇيۇملىرىنى كۆز-كۆز قىلش ئارقىلىق باشىقا خىزمەتداشلىرىنى كەمىتىمەسلىك،خىزمەتداشلىرى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا قولدىن كىلىشچە ياردەم قىلىشى ، قاراپ تۇرماسلىقى ، خىزمەتداشلىرىنىڭ قايغۇ –خۇشاللىقى بىلەن ئورتاقىلىشىپ كەتكەن بولۇشى كىرەك.
ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىدە ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئاتا-ئانىسىدەك كۆيۈنۇشى ، بالىلارنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەسلىكى ، شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بىرىشىتىن ساقىلىنىشى لازىم. داڭلىق پىداگوگ سۇخۇملىنسىكى :‹‹ قۇپاللىق كىشلەرنىڭ قەلبىدە پەسكەشلىك ماھىيىتنى ئۇيغىتىشى مۇمكىن›› دېگەن ئىدى .شۇڭا ئوقۇتقۇچى گۈزەل ئەخلاق –پەزىلىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىشى،ساغلام ئىنسانىي تەبئىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئادىمىيىلىكىنى ئۇيغىتىشى لازىم. بولۇپمۇ دەرستە ئاجىز ، تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەن ، مەكتەپكە سەھەردە كەلمىگەن ، سىنىپ ئىنتىزامىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدىغان ،ساۋاقداشلار بىلەن ئىناق ئۆتمەيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا سەممىي تەربىيە قىلىش ، قۇپاللىق قىلماسلىق ،ئۆز خاتاللىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ، تەسىرلەندۇرۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ قەلبى ئېتىزنى يۇمشىتىش لازىم. يىقىنىقى يىللاردىن بۇيان رايۇنمىز تەۋەسىدە ، ياش ، تەجىربىسى كەمچىل ئوقۇتقۇچىلاردا ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بىرىش قىلمىشلىرى كۆرۇلۇپ كىلۋاتىدۇ. بۇ خىل قىلمىشلارئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدا دۈشمەنلىشىش كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۇرمەكتە.
ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا ، ئوقۇغۇچىلار ئارسىداچوڭلار كىچكلەرنى ئېززەتلەيدىغان ، كىچىكلەر چوڭلارنى ھۆرمەيدىغان ، قىينچىلىققا ئۇچرىغاندا ئۆزئاراياردەم قىلىشدىغان ياخشى كىشلىك مۇناسىۋەت بەربا قىلىش لازىم. ‹‹قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرلەش›› ،‹‹ ھەممىمىز بىر مەكتەپ بالىلىرى››،‹‹ مەكتىپىمىزنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن ›› دېگەندەك شەكلى كۆپ خىل ،مەزمۇنى ، تەربىىيەچانلىقى كۈچلۈك بولغان پائالىيەتلەر ئارقىلىق بالىلارنىڭ قەلبىدە ئىتتپاقلىق گۈللىرىنى پورەكلەندۇرۇپ ئېچىلدۇرۇشىمىز لازىم. بولۇپمۇ ئۇقۇغۇچىلار ئارسىدا يۈز بەرگەن مەسىللەرگە قارىتا ئۆزلىرى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئىناقلىقىنىڭ مۇھىلىمىلىقىنى بىلدۇرۇش كىرەك. بالىلار ئارسىدا يۈز بەرگەن مەسىللەردە ،ئوقۇتقۇچىلار زورمۇ زورقىسىتىلىپ كىرىپ ،قۇپاللىق بىلەن ئۇرۇپ –تىللاپ ھەل قىلىسا ،بالىلارنىڭ قارشىلىققا ئۇچرىشى ، بالىلاردا مەكتەپتىن، ئوقۇتقۇچى –ساۋاقداشلىرىدىن بىزار بولۇشى پىسخكىسنى شەكىللىندۇرۇپ ،مەكتەپتىن يىراقلاپ كىتىشىكە سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ.
يۇقىرىدا ،تېلغا ئېلىپ ئۆتكەن كىشلىك مۇناسىۋەت بالىلارنىڭ مەكتەپتىن يىراقىلىشىپ كىتىشى بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يۇقتەك كۆرۇنگەن بىلەن ،سەگەكلىك بىلەن ئويلىغىنمىزدا ،بۇ خىل كىشلىك مۇناسىۋەتبالىلارغا ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز رەۋىشتە تەسىر كۆرسىتىپ ، بالىلارنىڭ دۇنيا قاراش،كىشلىك قىممەت قارشى ، تۇرمۇش قارشىنىڭ شەكىلىنىشگە سەلبى تەسىرلەنى ئېلىپ كىلىشى مۇمىكىن.
3. ئۆگنىش بېسىمى ئېشىپ كىتىش؛مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ چۇڭقۇرلۇشىغا ئەگىشىپ،دەرسىلىك پەنلەرنىڭ تۈرلىرى ئۈزۈكسىز كۆپەيدى. پەنلەرنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىمۇ ئاشىتى دەپ قاراشقا بولىدۇ.مەسىلەن : ئىلگىرى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۆتۇلدىغان دەرسىلەر نۆۋەتتە يەسىلى مەكتەپلەردە، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتۇلدىغان دەرسىلەرباشلانغۇچ مەكتەپلەردە ، تولۇق ئوتتۇرىدا ئۆتۇلدىغان دەرسىلەرتۇلۇقسىزدا ئۆتۇلۇپ كىلۋاتىدۇ.
لى ياۋئېر مۇنداق دەيدۇ:‹‹ ئادەمنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۇرۇققا ئوخشاش،تەبىئەت ئۇنڭغائاتا قىلغان تەرتىپ بۇيىچە بېخلاپ يېتىلىدۇ. بالىلارنى تەبىئەت رېتىمىدىن ھالقىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنماي،ئۇلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى خۇددى تەبىئەتنى ھۆرمەت قىلغاندەك ھۆرمەت قىلىشى لازىم.‹‹مايسىنى تارتىپ ئۆستۇرۇش››تەك .ىش قىلىشقا ياكى ئۆز ئارزۇسىنى ئاساس قىلغان ھالدا بالىلارغا ئالدىدىن يېتىلىش ئەندىزسىنى لاھيھىلەپ ،بالىنى مەجبۇرى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ›› ( شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى) يېڭى دەرسلىك ئىسلاھات تەلىپى بۇيىچە ، بىر قسىم پەنلەرنىڭ تۇزۇلۇشى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ بالىلارنى ئويلىنىشقا ،تەپەككۇر قىلىشقا ،گۇمانلىشىقا ئۈندىسە، يەنە بىر قىسىم پەنلەرتەرجىمە قىلىنىشى، رايۇن ئالاھلىكى ئەكىس ئەتتۇرمەسلىكى، مىللىي خاسىلىق ئىپادىلەنمەسلىكىقاتارلىق سەۋەبىلەر تۈپەيلدىن بالىلارنى جەلىپ قىلالمايۋاتىدۇ.
مائارىپ تارماقلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق مىقىدارى، قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۋەتمەسلىك توغرىسىدا ئوقتۇرۇش تارقاتقان بولسىمۇ،ئەمما بۇ مەسىلە تۈپتىن ھەل بولغىنى يوق. كۆپ قىسىم مەكتەپلەر ئوقۇتۇش سۈپتىنى يۇقىرى كۆتۇرۇشنىڭ ئالدىنىقى شەرتى –ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك ئۆگنىش قىلىشقا ، تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇش دەپ قاراپ، ئۆزى خالىغانچە تاپشۇرۇق بىرىش ئۆلچىمنى يولغا قۇيۇپ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگنىش بېسىمنى ئاشۇرۋەتمەكتە. دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ تاپشۇرۇق بىرىشتە ، بالىلارنىڭ بىلىش ئالاھلىكىنىتەھىلىل قىلماي قارىغۇلارچە تاپشۇرۇق بىرىش ئارقىلىق باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ كۆز ئالدىدىن ئاقار يۇلتۇزدەك ‹‹شاپپىدە›› ئۆتۈپ كەتمەكتە. باللىرىمىز تاپشۇرۇقنىڭ كۆپلۈكى، قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبىدىن ۋاقىتىدا تولۇق ئىشلەپ بولالماي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ،سىنىپ مۇدىرىلىرى تەرىپىدىن   تەنقىدكە ئۇچرىماقتا ، نەزەر بەنىد ئاسىتىغا ئېلىنماقتا. ئوقۇتقۇچىلار ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلارنىئورتاق تەربىيىلەشمەقسىتىدە ئائىلە تاپشۇرۇقى بىرىپ، ئۇلارنى ئىككىتەرەپتىن ئىسكەنجىگە ئېلىپ ،مىدىرلىغۇدەك بوشلۇقمۇ بەرمەيۋاتىدۇ.
كىشنى تىخىمۇ ئويلاندۇغىنى شۇكى، بىر قسىم دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىمۇ ھەل قىلالمايدىغان مەسىللەرنى تاپشۇرۇق بىرىش ئارقىلىق ، بالىلارنى تەتۈر قۇيۇنلار قاينىمىغا غەرق قىلماقتا.
باللىرىمىز مەكتەپتىن ئالالمىغان روھى ئازادىچلىكىنى ئۆيدىن ئىسىتىگەن بولسىمۇ ،ئەمما ئۆيگە كەلگەندىن كىيىن ئاتا-ئانىلارنىڭ دەۋەتلىرى، مەجبۇرلاشلىرى بىلەن يوققا چىقماقتا . تۇرمىدىن ھىچقانداق پەرقى يوق، غىرىبلىق تۇكۇلۇپ تۇرغان تۇرۇسقا قاراپ شىكەر شەنبە، ناۋات يەكشەنبە، تەتىل كۈنلىرىنىڭ كىلىشنى تەقەززالىق كۆتۇشنى ئارزۇ قىلاي دىسمۇ ، لىكىن ئاتا-ئانىلار،ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن شەنبە،يەكشەنبە، تەتىل كۈنلەرنىڭ ئالىقانداقتۇرتەتىل تاپشۇرۇقى ، تۈرلۈك كۇرسلارغا قاتناشتۇرۇش بىلەن ئىگىلىندىغانلىقىنى ئويلاپ ، نالە –پەرياد ئىچىدە ئاھ ئۇرماقتا.
باللىرىمىزنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقىتى تاپشۇرۇق ئىشلەش ،دەرس تەكرارلاش ،كۇرسلارغا قاتنىشىش بىلەن نابۇت بولغاچقا دوستلىرى ئەركىن ئازادە ئويناش، سەھرالارغا، يىزا قىشلاقلارغابىرىپ تۇرمۇش ئۆگىنىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ناۋادا بالىلىرىمىزنى بىرسائەتلىك ئويناشقا ، يىزا ،قىشلاقلارغا ئاپىرىشىمىزنى ئېيىتىدىغان بولساق،ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ.
نۆۋەتتە يۈز بىرىۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ ئۆگىنىش بېسىمنىڭ ئېشىپ كىتىۋاتقانلىق مەسلىسى ھەربىر ئاتا-ئانا، ھەربىر ۋىجىدان ئىگىسىنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا توغرا كىلىۋاتىدۇ.
4. دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماسلىق؛
مەكتەپلىرىمىزدە دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا ئەھىمىيەت بىرىپ ،دەرسىتىن سىرتىقى پائالىيەتلەرنىڭ رولىغا سەل قاراپ كەلمەكتە. دەرستىن سىرتىقى پائالىيەتلەر –بالىلارنىڭ دەرسخانىدا تاپالمىغان بىلىمىلەر جۇغلانمىسى، ئەدەب-ئەخلاق، مىھىرى-ۋاپا، دوسىتلۇق –مۇھەببەت، بۇرچ –مەسئۇلىيەت، ئىناق –ئىتتىپاقلىقنى يېتىلدۇردىغان ئورۇن . لىكىن كۈندىلىك دەرس سائىتىنىڭ كۆپ بولۇشى ، رەھبەرلەرنىڭ دەرستىن سىرتىقى پائالىيەتلەرگە بولغان تۇنۇشنىڭ ئېنىق بولماسلىقى سەۋەبىدىنئۆتكۈزۇلمەي كىلۋاتىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ‹‹قۇياش نۇرى تەنتەربىيسى››،‹‹1+2››نى يولغا قۇيۇش توغىرسىدىكى ئوقتۇرۇشلىرى ئىزچىل ئىجىرا قىلنىماي كىلۋاتىدۇ. مەكتەپلەردەتۈرلۈك كورژۇكلارنى قۇرۇپ ،بالىلارنىڭ ئالاھىلىكى بۇيىچە تەربىيىلەشتىنئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. رەسىم ،مۇزىكا ئوقۇتۇش ئەسلىھەللىرىبالىلارنىڭ بىلەن ئۇچراشماي تۇرۇپ ،بۇزۇلۇپبۇلۇڭ –پۇچتاقلاردا تاشلىنىپ تۇرماقتا. مەكتەپ مۇدىرى دەرستىن سىرتىقى ئوقۇش پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى بولۇشى كىرەك ئىدى. سوخوملىنىسكى مۇنداق دېگەنىدى: ‹‹ئوقۇغۇچىلارنى ئەقىللىق قىلىشنىڭ چارسى دەرس تۇلۇقلاش ئەمەس،تاپشۇرۇقنى كۆپەيىتىشمۇ ئەمەس،بەلكى كىتاب ئوقۇتۇش، كىتاب ئوقۇتۇش يەنە كىتاب ئوقۇتۇشتۇر.››كىتاب ئوقۇش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ مەنبەسى،ھەقىقەتكە ،ياخشىلىققا ،گۈزەللىككە ئىنتىلىش جەريانى. ئۇ بالىلارغا رەڭدار ،تىلسىماتلار دۇنياسىغا باشلاپ كىرىدۇ، تۇرمۇشنى سۆيۈشكە، مۇكەممەل قائىدە شەكىللەندۇرۇشكە،ئۆزنى ئۈزۈكسىز مۇكەممەللەشتۇرۇشكە ياردەم بىرىدۇ. لىكىن مەكتەپ كىتابخانا ،كۆتۇپخانىلىرى يىل بۇيى ئېچلىماي ،دۇۋە-دۇۋە كىتابلىرىمىز تۇپا چاڭ ئاسىتىدا بېسلىپ تۇرماقتا. يۇقىرىدىن كەلگەن تەكشۇرۇش ئۆمەكلىرىمۇ كىتاب،ماتىرياللارنىڭ ئارىيەت ئېلىش ،ئارىيەت بىرىش خاتىرسىنى كۆرۇپلا ،بالىلاردىن ھەققىي ئەھۋالىنى ئىگەللىمەي ،يوللىرىغا راۋان بولۇشىدۇ. بالىلىرىمىزدىن تاھازىرغىچەقانداق كىتابلارنى ئوقۇغانلىقىنى سۇرساق ،ئىككى –ئۈچ كىتابنىڭ ئىسمىنىمۇ ئېيىتىپ بىرەلمەيدۇ.
5. ئائىلە بىلەن مەكتەپنىڭ ئارلىقى يىقىن بولماسلىق؛مەكتەپلەرنى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، كۈچلۈك مەكتەپ بەربا قىلىش دولقۇنىدا ، رايۇنمىز تەۋەسىدە مەكتەپلەر ‹‹قۇشۇۋىتىش›› ›،‹‹ ئىخچاملاش››،‹‹ بىرلەشتۇرۇش›› نامىدا ،كىچىك كەنىت مەكتەپلەر ئۆزئارا قۇشۇۋىتلىدى. قۇشۇۋىتىلگەن مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئەزەلدىن كۆرۇپ باقىمىغان مۇھىت بىلەن ئۇچراشتى. ئەزەلدىنلا مەكتەپكە ئامراق بالىلار يېڭى مۇھىتقا ماسلىشالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۇلدى. ئۇلارنىڭ مەكتەپكە بىرىپ –كىلىشى ئىنتايىن مۇشاقەتلىك يول جاپاسىبىلەن باشلاندى.   ھەتتاكى بىر قسىم مەكتەپلەر 60-70 كىلومىتىر يىراقلىقىدىكى ناھىيە ئىچىگە قۇشۇۋىتىلگەچكە، بالىلارغا روھى ۋە جىسمانى بېسىم ئېلىپ كەلدى ۋە كىلۋاتىدۇ. بۇ مەسىللەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلىنغان بولسىمۇ ، مەلۈم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەل بولماي كىلۋاتىدۇ. يىزا تەۋەسىدە قۇشۇۋىتىلگەن مەكتەپبالىلىرىنىڭھەركۈنى ئەڭ يىراق دېگەندە ئون كىلومىتىر ئارلىقتىن مەكتەپكە كېلىشى بەكمۇ ئېغىر كىلۋاتىدۇ. بالىلىرىمىزنىمەكتەپكە بېرىپ –كېلىش جەرياندىكى يول جاپاسى ھالسىرىتىپ قويماقتا. بالىلىرىمىز قاچان ئارام ئېلىش ،قاچان تەتىل بولۇشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشنى ئىسىتمەكتە.ئۇلار ئۈچۈنمەكتەپكە كىلىش ، تەتىلدىن يىغىلىشنى ئەڭ ئۆچ كۆرمەكتە.
6. ئۆزئارا تەربىيە بىرلەشمەسلىك؛نۆۋەتتە ،مائارىپىمىزدا بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ –يېتىلىشى ئۈچۈنمەكتەپ ،ئائىلە ،جەمىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ ئۆزئارا ماسلىشش تەلەپ قىلىنۋاتىدۇ. بۇ ئۈچۈ تەرەپ بىر پۇتۇن ئورگانىك گەۋدىگە ئىگە بولۇپ ،ئاجىرىۋىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ ئۈچى بىر-بىرى بىلەن سىغشالماي ،چىقشالماي كىلۋاتىدۇ. مەكتەپ تەربىيسى- ئائىلە تەربىيىسدىن ،ئائىلە تەربىيسى- جەمىيەت تەربىيىسىدىن ئايرىلىپ قىلۋاتىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ مەكتەپ ،ئائىلە تەربىيسىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ‹‹ئاتا-ئانىلارمەكتىپى ›› قۇرۇشنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ ،بۇ ئىش قۇرۇق شەكىلگەئايلىنىپ ،ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىگە قارىتا ھىچقانداق رولى جارى قىلدۇرۇلمايىۋاتىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئائىلە سۆھىبىتى – ئانا-ئانىلاربىلەنئوقۇتقۇچىلار ،ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بالىلار، بالىلار بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلايدىغان ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرەتتى. لىكىن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز تالاي خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئۇرۇنداش ھەلەكچىلىكىتە ، ئېقى قەغەز،قارسى سىياھ بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقتا. شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئوقۇشئەھۋالىنىدىن يۇرمەكتە. ھەتتا كۆپ قسىم ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ سىنىپ مۇدىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇد. بالىلارغا ئائىلە تاپشۇرۇقى بىرىلىسە ،ئاتا-ئانىلار ۋاقىتىنىڭ يوقلىقى ،بىلمەيدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ ،ئۆزنى چەتكە ئالىدۇ.
قانۇن تۈزۈم مۇكەممەللەشكەن، جەمىيەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەكىتلىنۋاتقان بولسىمۇ، جەمىيىتىمىزدە نۇرغۇنلىغان ناچار قىلىمىشلار يۈز بىرىپ تۇرماقتا. ئاق بىلەن قارا، ھەق بىلەن ناھەق ، سەت بىلەن گۈزەللىك ،سەممىيىلىك بىلەن رەزىللىك بىللە مەۋجۇد بولۇپ تۇرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنىدە، بالىلىرىمىز بىلىپ بىلمەيتۇيۇق يوللارغا كىرىپ كىتىۋاتىدۇ. باللىرىمىزنى تورخانا، بىليارتخاخا، كۆڭۈل ئېچىش ئۇرۇنلىرى ھەدەپ چاقرىپ ،ئۆز چوندەكلىرىنى غەملەش بىلەن بولۇپ كەتمەكتە. جەمىيىتىمىزدە ھەربىر ئورگان ،ھەربىر گىراژدان ئىگىسى كۆكرەك كىرىپ چىقىپ ، بالىلارنى قۇتقۇزىۋىلىشقا جۇرئەت قىلالمايۋاتىدۇ.
قىسقىسى ، دەۋىرى تەرەققىياتى كۈنسىرى ئىلگىرلەۋاتقان ، رىقابەت كەسكىنلىشىۋاتقان ، يەرشارلىشىش قەدەممۇ قەدەم تىزلىشۋاتقان بۈگۈنكى كۈنىدە، ئەۋلادىلىرىمىزنىڭ ئەتىسى، دۆلتىمىزنىڭ كىلەچەكى ئۈچۈن ،باللىرىلىرىمىزنى مەكتەپتىن يىراقىلىشىش ئەمەس ،بەلكى يىقىنلاشتۇرۇشمىز زۆرۇر.

سايىل يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 15:48:25

مەن بۇ تىما ئۈسىتىدە ئېزدەنگىلى ئۈزۈن يىللار بولغان ئىدى. لىكىن تىخىمۇ ئىنىق گەۋدىلەندۇرۇش ئۈچۈن يەنىمۇ ئېزدەندىم . بۇ ئىزدىنشلىرىم بىكارغا كەتمىدى. ئاخىرى چولتا بولسىمۇ پۇتتۇرۇپ چىقتىم. كەڭ تورداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكىلىپ -پىكىرلىرى بولسا ،سەممىيىلىك بىلەن قۇبۇل قىلمەن.

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 16:20:56

رەھمەت..مەنمۇ مۇشۇ توغۇرلۇق بىر خەنچە ماقالىنى تەرجىمە قىلۋاتقانتىم..:):):)

erkin يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 19:00:09

ئاساسىي نۇقتىنەزەرنى گەۋدىلىك ئىپادىلەشكە كۈچ سەرپ قىلىڭ!
بەت: [1]
: نېمە ئۈچۈن بالىلىرىمىز مەكتەپتىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ؟