قادىر5 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 16:43:25

ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى سىناق) ئېلان قىلىندى

ئالدى بىلەن ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى سىناق)نى كۆرۈپ بېقىڭ، ئىشلىتىش، ئىزدەش جەھەتتە ھېچقانداق چەكلىمە يوق، پۈتۈنلەي ھەقسىز لۇغەت. ئېكران كۆرۈنۈشلىرى مانا:خەنزۇچە خەت، سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسى ئەۋەتسىڭىز، ھەرقايسى لۇغەتلەردىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
http://www.alimahat.com/wp-content/uploads/2013/12/udict_chinese.png
خەنزۇچە پىنيىن ئەۋەتسىڭىز، ھەرقايسى لۇغەتلەردىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
http://www.alimahat.com/wp-content/uploads/2013/12/udict_pinyin.png
ئىزدەش مەزمۇنى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش، پەرقى يوق.
تۈركچە ئەۋەتسىڭىز، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
(ئىنگلىزچە كۇنۇپكا تاختىسىدىن بىۋاسىتە چىقىرىشقا بولمايدىغان ئالاھىدە ھەرپلەرنى شۇنىڭغا شەكىل جەھەتتىن ئوخشايدىغان لاتىنچە ھەرپلەرنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە تۈركچە بىۋاسىتە يازالىسىڭىز، بىۋاسىتە يېزىپ ئىزدەڭ)
http://www.alimahat.com/wp-content/uploads/2013/12/udict_turkish-1.pngتۈركچە ئەۋەتسىڭىز، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
(ئىنگلىزچە كۇنۇپكا تاختىسىدىن بىۋاسىتە چىقىرىشقا بولمايدىغان ئالاھىدە ھەرپلەرنى شۇنىڭغا شەكىل جەھەتتىن ئوخشايدىغان لاتىنچە ھەرپلەرنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە تۈركچە بىۋاسىتە يازالىسىڭىز، بىۋاسىتە يېزىپ ئىزدەڭ)
http://www.alimahat.com/wp-content/uploads/2013/12/udict_turkish-2.png
ئەرەبچە ئەۋەتسىڭىز، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز. تەپسىلىي قاراڭ، زىر-زىۋەرمۇ كام ئەمەس تېخى.
http://www.alimahat.com/wp-content/uploads/2013/12/udict_arabic.png
ئىنگلىزچە خەت ئەۋەتسىڭىز، ھەرقايسى لۇغەتلەردىكى خەنزۇچە تەرجىمىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
http://www.alimahat.com/wp-content/uploads/2013/12/udict_english.png
ئىنگلىزچە ئىزدەش سىناق قىلىنىۋاتقان بولغاچقا، ئالدى بىلەن پىنيىنچە ئىزدەش ۋە تۈركچە ئىزدەشكە يول قويىدىغان بولغاچقا، بىرئاز مەسىلىە بار، بۇ سىناق نۇسخىسى ئەمەسمۇ؟ لېكىن بۇ مەسىلە رەسمىي نەشرىدە ھەل قىلىنىدۇ.
بۇ لۇغەت پۈتۈنلەي ھەقسىز، خاتىرجەم ئىشلىتىڭ، تېلېفونىڭىزغا مەخسۇس دېتال چۈشۈرۈپ قاچىلىمايسىز، ئارتۇق سىغىم ئېگەللىمەيدۇ. بۇ جەھەتتىنمۇ ئەنسىرەپ كەتمەڭ. تەرجىمە قىلالمىغان يېڭى سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسى نەچچە كۈندىن كېيىن قوشۇلىدۇ. شۇڭا بىرەر قېتىم تاپالمىسا، ئالدىراپ ۋاز كەچمەڭ، مەسىلەن: ئەڭ يېڭى سۆز-ئىبارە 殡葬改革 نى لۇغىتىمىزدىن تاپالايسىز. كۈندە ئاز-ئازدىن تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ، يېڭىلىق ئۈزۈلمەيدۇ، پات-پات يوقلاپ تۇرۇڭ.
========================================
بۇ لۇغەتنى قانداق قاچىلايمەن؟
(1) ئىككىلىك كودنى سايىلەش ئارقىلىق قاچىلاش
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى»نى قاچىلىۋېلىڭ.
http://www.alimahat.com/wp-content/uploads/2013/12/Uighursoft_ALIMAHAT.png


(2) ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ قاچىلاش
ئىزدەش ئىقتىدارى ئارقىلىق قاچىلىماقچى بولسىڭىز، مۇنداق قوشۇۋېلىڭ، دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
http://www.alimahat.com/wp-content/uploads/2013/12/register_1.pnghttp://www.alimahat.com/wp-content/uploads/2013/12/register_2.pnghttp://www.alimahat.com/wp-content/uploads/2013/12/register_3.pnghttp://www.alimahat.com/wp-content/uploads/2013/12/register_4.pnghttp://www.alimahat.com/wp-content/uploads/2013/12/register_5.pnghttp://www.alimahat.com/wp-content/uploads/2013/12/register_6.png
====================
ئەگەر دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلماقچى بولسىڭىز مۇنداق قىلىڭ.
http://www.alimahat.com/wp-content/uploads/2013/12/register_7.png
http://www.alimahat.com/wp-content/uploads/2013/12/register_8.png
=========================================
ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، Uighursoft نى ئىزدەپ تاپسىڭىز بولىدۇ.
http://www.alimahat.com/wp-content/uploads/2013/12/register_9.png
ياكى ئالاقە دەپتىرىدىن(通讯录) مۇلازىمەت نومۇرىغا(服务号) كىرىڭ.
http://www.alimahat.com/wp-content/uploads/2013/12/register_10.png


http://www.alimahat.com/?p=3520

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-12-22 16:45):
دوسلار پۈتۈنلەي ھەقسىزكەن جۇمۇ....

cokmoqu يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 19:43:34

قىنى كىرىپ كۆرۈپ بىقىپ ئاندىن بىر نەرسە دەيلى ؟

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 20:43:05

مەن بۇ سالۇننى قوشۇۋالدىم ، ھەقىقەتەن ياخشى ئۇچۇرلار باركەنتۇق.

altaxna يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 21:42:04

بەك ياخشىكە بۇ سالون

قادىر5 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-22 22:29:27

قۇلۇمدىكى ئىشنىڭ كۆپلىگىدە ماۋۇ تېمىنى تولۇق يوللاشقا ۋاقىت چىقماي قالغان ئىدى، شۇڭا ئۇلىنىشلا قىلىپ قويغان، ئاتامان قايتا يوللاپ ئوبدان قىپسىز. ( تورداشلارغا پايدىلىق تېما يەردە قالمىسۇن)

توغراقى يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 12:44:43

تور بولمىسا ئىشلىمەيدۇ دەڭلا بۇ. تورسىز مۇھىتتىمۇ قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە!

bualam يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 16:50:20

نېمىدىگەن قالتىس ئىش بۇ ،راستىنلا قالتىش ئىش بوپتۇ ،جاپا تارتتىڭىز مۇئەلللىم ئاللا تېنىڭىىزنى سالامەت ،ئائىلىڭىزن بەخىتىلىك ، كۆڭلىڭىزنى خاتىرجەم ، ئىشلىرىڭىزنى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق قىلسۇن ....

يۈسۈف0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-23 17:30:40

مەنمۇ ئۈندىدار سالونى قۇرغان ئىدىم 75000 دىن كۆپ بار مەنمۇ مۇشۇ ئىقتىدارنى قوشاي دىگەن ئىدىم قانداق قىلىشنى بىلەلمىدىم ... ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن ... ئۈندىدار نۇمۇرۇم 1622218954
بەت: [1]
: ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى سىناق) ئېلان قىلىندى