zamandash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 16:00:17

كىپەنلىكتە يانچۇق بولمايدۇ

   كېپەنلىكتە يانچۇق بولمايدۇ

مۇنداق بىر كىشىنى تونۇشتۇ-
رۇشۇمنى سەۋىر قىلىپ ئاڭلاڭ.
ئۇ بۇ يىل 76ياشتا.ئامېرىكىنىڭ سان فرانسېسكو شەھىرىدە
خوتۇنى بىلەن بىر ئېغىزلىق ئۆينى
ئىجارىگە ئېلىپ تۇرىدۇ.ئۇ
ئەزەلدىن داڭلىق ماركىلىق
كىيىملەرنى كىيىپ باقمىغان،
كۆزەينىكى تولىمۇ كونىراپ
كەتكەن قول سائىتىنى كوچىدىكى
يايمىچىلاردىن سېتىۋالغان. ئۇ
ئېسىل تائاملارنى ياخشى كۆر-
مەيدۇ.ياقتۇرۇپ يەيدىغىنى
ئەرزان باھالىق قاقلانغان پىشلاق بىلەن ئارىسىغا پەمىدۇرئېلىنغان
بولكا،ئۇنىڭ پىكاپى يوق.سىرتقا چىققاندا دائىم ئاممىۋى ئاپتۇ-
بۇسقا ئولتۇرىدۇ.ئۇنىڭ ھۆججەت
سومكىسى ئاددىيلا بىر پارچە
رەختتىن تىكىلگەن .ئۇنىڭدىن
باشقا، ئەگەر سىز ئۇنىڭ بىلەن
كىچىك قاۋاقخانىلاردا ئولتۇرۇپ
قالسىڭىز ، ئۇ ھېسابات تالۇنىنى چوقۇم ئىنچىكىلىك بىلەن كۆرۈپ چىقىدۇ.ئەگەر ئۇنىڭ ئۆيىدە
قونۇپ قاسىڭىز ، ئۇ سىزگە
ئۇخلاشتىن بۇرۇن چوقۇم چىراغنى
ئۆچۈرۈۋېتىشىڭىزنى ئەسكەرتىدۇ.
تولىمۇ نامرات ھەم بېخىل بۇ
ئامېرىكىلىق بوۋاي توغرىسىدا
سۆزلەشنىڭ نېمە ھاجىتى،دەپ
ئەجەپلىنىشىڭىز مۇمكىن.ئۇنداقتا،ئۇنىڭ قانداق ئىشلارنى
قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
ئۇ ئىلگىرى كوننېل ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچۈن 588مىليون ئامېرىكا
دوللىرى،كالىفورنىيە
ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچۈن125مىليون ئامىرېكا دوللىرى،ستانفورد
ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچۈن60مىليۇن
ئامىرېكا دوللىرى ئىئانە قىلغان.
ئۇ ئىرېلاندىيىدىكى يەتتە
ئۇنىۋېرسىتېت ۋە شىمالى
ئىرېلاندىيىدىكى ئىككى
ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قايتا
ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىرمىليارد ئامېرىكادوللىرى ئىئانە
قىلغان.ئۇ 《تەبەسسۇم
ھەرىكىتى》خەير-ساخاۋەت
فوندى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ،
تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى يېرىق تاڭلاي بالىلارنىڭ
ئوپېراتسىيە ھەققىنى كۆتۈرگەن.
ئۇ يەنە ئافرىقىدىكى ۋابا ۋە باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى
تىزگىنلەش ئۈچۈن غايەت زور
مەبلەغ ئاجراتقان… بۈگۈنگە
قەدەر،ئۇ تۆت مىليارد ئامىرېكا
دوللىرى ئىئانە قىلدى.ئۇ يەنە تۆت مىليارد ئامىرېكا دوللىرى ئىئانە
قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.
مۇشۇنداق ئۆزىگە بېخىل،باشقىلارغا سېخى بولغان،
پۇل تېپىشقا قىزىقىدىغان،ئەمما پۇلغا يالغۇز ئۆزى
ئىگە بولۇشنى ئويلىمايدىغان بۇ ئالىيجاناپ
شەخىس دەل چۇك فېرنېيدۇر .
شۇنچە يىللاردىن بېرى،ئۇ نام-شۆھرەت قوغلاشماي،
خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدا ھامان ئۆز ئىسمىنى
ئاشكارىلىماي كەلگەن.ھەتتا سەككىز مىليارد ئامىرېكا
دوللىرى خەجلەپ ئۆز قولى بىلەن قۇرغان 《ئاتلانتىكئوكيان خەير-ساخاۋەت فوندى》جەمئىيىتىنىمۇ
ئۆزىنىڭ نامى بىلەن ئاتاشنى رەت قىلغان.كىشىلەر
مۇشۇنداق بىر ئالىيجاناب ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى
بايقىغاندىن كېيىنلا،پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭغا ھەيرانلىق
كۆزى بىلەن نەزەر سالدى.
نۆۋەتتە،چۇك فېرنېينىڭ يەنە ئىككى ئارزۇسى بار.
بىرى،2016-يىلىغىچە قالغان تۆت مىليارد ئامىرېكا
دوللىرىنى ئىئانە قىلىشتۇر.《پەقەت شۇنداق
قىلغاندىلا خاتىرجەم كۆز يۇمالايمەن》دەيدۇ ئۇ.
ھازىر بۇ پۇللار يىلىغا تۆت يۈز مىليون ئامىرېكا
دوللىرىلىق نىسبەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى
جايلىرىدىكى ئېھتىياجلىق ئورۇنلارغا ئىشلىتىلمەكتە.
ئۇنىڭ يەنە بىر ئارزۇسى بايلارغا ئۈلگە بولۇشتۇر.
نۆۋەتتە بېل گايتس ۋە ۋاررېن بۇففىتمۇ ئۇنىڭ
تەسىرىدە ئەمەلى ئىشلارنى قىلماقتا.
ئاخبارات ۋاستىلىرى چۇك فېرنېيدىن:《نېمە
ئۈچۈن ھەممىنى ئىئانە قىلىۋېتىشكە رازى بولىسىز》
دەپ سورىغاندا ، ئۇ:《كېپەنلىكتە يانچۇق
بولمايدۇ》دەپ ئاددىيلا جاۋاب بەرگەن.
(تەرمىلەر ژورنىلىنىڭ
2008.12 سانىدىن
كۆچۈرۈلدى)

zamandash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 16:37:07

رەتسىز بولۇپ قاپتۇ، قايتا يوللاپ باقاي،يۆتكەپ قو
ياسىلە
كېپەنلىكتە يانچۇق بولمايدۇ

مۇنداق بىر كىشىنى تونۇشتۇرۇشۇمنى سەۋىر
قىلىپ ئاڭلاڭ. ئۇ بۇ يىل 76ياشتا.ئامېرىكىنىڭ  سان فرانسېسكو شەھىرىدە خوتۇنى بىلەن بىر
ئېغىزلىق ئۆينى ئىجارىگەئېلىپ تۇرىدۇ.ئۇ
ئەزەلدىن داڭلىق ماركىلىق
كىيىملەرنى كىيىپ باقمىغان،كۆزەينىكى تولىمۇ
كونىراپ كەتكەن،قول سائىتىنى كوچىدىكى
يايمىچىلاردىن سېتىۋالغان. ئۇ ئېسىل تائاملارنى
ياخشى كۆرمەيدۇ.ياقتۇرۇپ يەيدىغىنى ئەرزان
باھالىق قاقلانغان پىشلاق بىلەن ئارىسىغا پەمىدۇر
ئېلىنغان بولكا،ئۇنىڭ پىكاپى يوق.سىرتقا چىققاندا
دائىم ئاممىۋى ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرىدۇ.ئۇنىڭ ھۆججەت
سومكىسى ئاددىيلا بىر پارچە رەختتىن تىكىلگەن .
ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر سىز ئۇنىڭ بىلەن كىچىك
قاۋاقخانىلاردا ئولتۇرۇپ قالسىڭىز ، ئۇ ھېسابات
تالۇنىنى چوقۇم ئىنچىكىلىك بىلەن كۆرۈپ چىقىدۇ.
ئەگەر ئۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قاسىڭىز ، ئۇ سىزگە
ئۇخلاشتىن بۇرۇن چوقۇم چىراغنى
ئۆچۈرۈۋېتىشىڭىزنى ئەسكەرتىدۇ.
تولىمۇ نامرات ھەم بېخىل بۇ ئامېرىكىلىق بوۋاي
توغرىسىدا سۆزلەشنىڭ نېمە ھاجىتى،دەپ
ئەجەپلىنىشىڭىز مۇمكىن.ئۇنداقتا،ئۇنىڭ قانداق
ئىشلارنى قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
ئۇ ئىلگىرى كوننېل ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچۈن 588مىليون
ئامېرىكا دوللىرى،كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچۈن
125مىليون ئامىرېكا دوللىرى،ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى
ئۈچۈن60مىليۇن ئامىرېكا دوللىرى ئىئانە قىلغان.
ئۇ ئىرېلاندىيىدىكى يەتتە ئۇنىۋېرسىتېت ۋە شىمالى
ئىرېلاندىيىدىكى ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قايتا
ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىر مليارد
ئامېرىكادوللىرى ئىئانە قىلغان.
ئۇ《تەبەسسۇم ھەرىكىتى》خەير-ساخاۋەت
فوندى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ،تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى يېرىق تاڭلاي بالىلارنىڭ
ئوپېراتسىيە ھەققىنى كۆتۈرگەن.
ئۇ يەنە ئافرىقىدىكى ۋابا ۋە باشقا يۇقۇملۇق
كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش ئۈچۈن غايەت زور
مەبلەغ ئاجراتقان… بۈگۈنگە قەدەر،ئۇ تۆت
مىليارد ئامىرېكا دوللىرى ئىئانە قىلدى.ئۇ يەنە تۆت مىلياردئامىرېكا دوللىرى ئىئانە قىلىش
ئالدىدا تۇرماقتا.
مۇشۇنداق ئۆزىگە بېخىل،باشقىلارغا سېخى
بولغان،پۇل تېپىشقا قىزىقىدىغان،ئەمما پۇلغا
يالغۇز ئۆزى ئىگە بولۇشنى ئويلىمايدىغان بۇ
ئالىيجاناپ شەخىس دەل چۇك فېرنېيدۇر .
شۇنچە يىللاردىن بېرى،ئۇ نام-شۆھرەت قوغلاشماي،
خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدا ھامان ئۆز ئىسمىنى
ئاشكارىلىماي كەلگەن.ھەتتا سەككىز مىليارد
ئامىرېكادوللىرى خەجلەپ ئۆز قولى بىلەن
قۇرغان 《ئاتلانتىك  ئوكيان خەير-ساخاۋەت
فوندى》جەمئىيىتىنىمۇ ئۆزىنىڭ نامى بىلەن
ئاتاشنى رەت قىلغان.كىشىلەرمۇشۇنداق بىر
ئالىيجاناب ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى
بايقىغاندىن كېيىنلا،پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭغا
ھەيرانلىق كۆزى بىلەن نەزەر سالدى.
نۆۋەتتە،چۇك فېرنېينىڭ يەنە ئىككى ئارزۇسى
بار.بىرى،2016-يىلىغىچە قالغان تۆت مىليارد
ئامىرېكادوللىرىنى ئىئانە قىلىشتۇر.
《پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا خاتىرجەم كۆز
يۇمالايمەن》دەيدۇ ئۇ.
ھازىر بۇ پۇللار يىلىغا تۆت يۈز مىليون
ئامىرېكادوللىرىلىق نىسبەت بىلەن دۇنيانىڭ
ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېھتىياجلىق ئورۇنلار
غا ئىشلىتىلمەكتە.
ئۇنىڭ يەنە بىر ئارزۇسى بايلارغا ئۈلگە
بولۇشتۇر.
نۆۋەتتە بېل گايتس ۋە ۋاررېن بۇففىتمۇ ئۇنىڭ
تەسىرىدە ئەمەلى ئىشلارنى قىلماقتا.
ئاخبارات ۋاستىلىرى چۇك فېرنېيدىن:《نېمە
ھەممىنى ئىئانە قىلىۋېتىشكە رازى بولىسىز》
دەپ سورىغاندا ، ئۇ:《كېپەنلىكتە يانچۇق
بولمايدۇ》دەپ ئاددىيلا جاۋاب بەرگەن.
(تەرمىلەر ژورنىلىنڭ 2008.12 سانىدىن
كۆچۈرۈلدى)

روھلان يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 17:40:35

شېئىرمىكىن دەپتىمەن . قانداق يوللىدىڭىز بۇنى :lol

تۇلپار2 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 17:52:26

شۇنى دەيمە   شېئرغا ئوخشاش يوللاپسىز بۇنى                                                                                    

elyar1025 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 20:08:55

مەنمۇ چاچما شېئىر ئوخشايدۇ دەپ بېشىنى ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇپ كېتىپتىمە تېخى :lol

سادا0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 21:11:48

ئىسىل ئادەم ئىكەن. دەرىجىدىن تاشقىرى سىخاۋەتچىكەن.

zeheri يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 22:07:23

مېنىڭمۇ بايلىقىم ئشۇ كىشىنىڭ 1000دەن بىرىگە يەتسە ئېدى،مەنمۇ ئىئانە قىلىپ ھەقسىز مەكتەپ ئېچىپ،ھەقسىز ئوقۇيمەن دېگەننى باۇ-كەمبەغەل دېن
مەي ئوقۇتاتتىم،مەن ئۇيغۇرلاردىن يەنەمۇ كۆپ نۇرتايلارنىڭ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن،ئاۋۇ باغداش تورىدا خوتەنلىك بىر باي،40 سومغا 1 سوم سەدىقە-فېتىر ئايرىپ نەچچە مىليون فۇلنى تارقاتقان دەپ يېزىپتۇ،ئاراڭلاردىكى خوتەن دىيارىدىن ئەزا روھلان ئەزاسى بۇ سۆز راستمۇ ياكى يالغانمۇ بىرەر ئۇچۇرىنى بەرسەڭلارچۇ،خوتەنگە بارسام بىركۆرگۈم بار ئاشۇ بىزدىن چىققان سېخىي ھاتەم،سان نۇرتاي كىشىنى،قېنى دوستلار ئۇچۇرىنى بىرەرسىزلەر ھە!!!:handshake:kiss::D:):lol:lol

شاھيار88 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-13 22:23:58

تىمىسى ھىكمەتلىك تىما ئىكەن ياخشى ماقالە ئىكەن                     

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 09:51:19

elyar1025 يوللىغان ۋاقتى2013-12-13 20:08:55 static/image/common/back.gif
مەنمۇ چاچما شېئىر ئوخشايدۇ دەپ بېشىنى ئاھاڭغا سېلىپ ئو
ھاھاھاھنىمدا قىززىقچى سېز

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2013-12-14 09:52:48

zeheri يوللىغان ۋاقتى2013-12-13 22:07:23 static/image/common/back.gif
مېنىڭمۇ بايلىقىم ئشۇ كىشىنىڭ 1000دەن بىرىگە يەتسە ئېدى،
ئىشقىپ سېز مەندېن باي..مىنىڭ شەخسى تېلپۇنۇمدېن باشقا نىمەم با ?:Q:Q:Q:lol:lol
بەت: [1] 2
: كىپەنلىكتە يانچۇق بولمايدۇ