مىللىي مائارىپىمىزدا ساقلىنىۋاتقان مەسىللەر توغىرسىدا
ئۆزەم بىر مائارىپچى بولغانلىقىمدىن، بۇ توغىرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى كەڭئۇستازلار بىلەن ئورتاقلىشاي دىگەن مەقسەتتە ئۆز ۋاقتىدا ئۆز قەلىمىم بىلەن يازغان بۇ يازمىنى كۆپچىللككە سۇندۇم. بۇ پەقەت مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئوخشىمايدىغان پىكىردىكىلەرنىڭ تېمىنى ئوقۇپلا تىكىۋەتمەستىن، تارتىنماي مۇشۇ تېما ئاستىغا كۆز قارىشىنى دادىل ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! ئۆزەم بىر قانچە يىل خەنزۇ مەكتەپتە باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولغاچقا تۆۋەندە مەن كونكىرىتنى قىلىپ خەنزۇ مەكتەپلەر بىلەن مىللىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆزەم ھېس قىلغان پەرقىنى بىر قانچە نۇقتىلارغا بۆلۈپ ھېس قىلغانلىرىمنى دەپ ئۆتىمەن. بۇ ھەرگىز ئۆز مىللىتىمىزنىڭ مائارىپنى كەمسىتىپ بىراۋنىڭكىنى ماختىغان ئەھۋال ئەمەس بەلكى كۆز ئالدىمدا روشەن پەرق بولۇۋاتقان نۇقتىلاردۇر.1.باشقۇرۇش
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، مائارىپ بىر جەريان. ئۇ مەلۇم بىر باشقۇرغۇچىنىڭ بىر ياكى ئىككى يىللىق ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىدە مېۋە بەرمەستىن بەلكى شۇ ئىشنى قىلماقچى بولغان توپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا مېۋە بېرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىزدە ياخشى بولغان، ئۇزاق مۇددەت ئۆزگەرمەيدىغان باشقۇرۇش مىخاينىزىمى ئورنىتىش ئىنتايىن مۇھىم. باشقۇرۇش دىگەنلىك- ئۆزىگە تەۋە بولغان كوللىكتىپنى يېتەكلەش ۋە ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىش دىگەنلىك بولۇپ، ھازىر بۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ۋە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە مەخسۇس ئىلىم سۈپىتىدە تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ. دېمەك ئۇ بىر ئىلىم بولغانىكەن ئۇنى ھەر بىر باشقۇرغۇچى چوقۇم ئۆزلۈكسىز ئۆگىنىشى، ئۇچۇر ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيىسىنىئۆزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرۇشى، شۇ جەرياندا ئۆز- ئۆزىنى تولۇقلاپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ تۇرۇشى زۆرۈر.
ئەمدى بىز ئۆزىمىزنىڭ مىللى مەكتەپلىرىدىكى باشقۇرغۇچى بولغان مەكتەپ مۇدىرلىرىنى كونكىرىتنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ئايرىم بىر قىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرىدىن باشقا كۆپىنچىللىرى ئىلمى ئۇسۇلدا باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ئۆزلۈكىسز ئىزدەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ باشقۇرۇش تاكتىكىسى پەقەت ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، باشقىلارنى قورقىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئالدىدا مائارىپ قانۇنى، ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى ھېچقانچە نەرسە ئەمەس. ئۇلارنىڭ دىگىنى قانۇن. ھەتتا ھېچقانداق مەكتەپ مەمۇرىيەت يىغىنى ئېچىپ قارار قىلماستىن، يىغىن ئېچىۋېتىپلا ئۆز ئالدىغا قائىدە- قانۇنلارنى چىقىرىپ قويىدۇ. ئاندىن دىگىنى ئەمەلىيلەشمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر پۈتۈن توپنىڭ كوللىكتىپچانلىقتىن ئىبارەت مۇھىم رولىغا سەل قارىلىپ، ئەكسىنچە ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ.
مېنىڭچە بولغاندا ياخشى بىر مەكتەپ مۇدىرى بولۇش ئۈچۈن، ئۆزى ئىزدىنىپ يېڭى ، ئۆزى باشقۇرىۋاتقان توپقا پايدىلىق بولغان ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ تۇرۇشى، قانۇن ئۆگىنىپ ئۆزىنىڭ قانۇن ئېڭىنى يۇقىرى كۆتىرىشى، ئىلمى ئۇسۇلدا باشقۇرۇش تاكتىكىللىرىنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك.
2. تەشكىلىي قۇرۇلما
مەكتەپتىكى ھەر قايسى فۇنكىسىيىلىك تارماقلارنى ئۆز ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان ھالدا تەشكىللەش ئادەم ئىشلىتىشتە ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاش ۋە ئۇنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
بىر مۇكەممەل مەكتەپتە فۇنكىسىيىلىك تارماقلاردىن مەمۇرىيەت ئىشخانىسى، ئىلمى بۆلۈم، ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى، ئەخلاقى تەربىيە بۆلۈمى، سىياسى تەربىيە ئىشخانىسى،يىللىقلار گورۇپپا مەسئۇلى ئىشخانىسى، ئىتتىپاق كومتېتى ئىشخانىسى، قوغداش بۆلۈم،مەكتەپ دوختۇرخانىسى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشما ئىشخانىسى، مالىيە بۆلۈم، خوجىلىق بۆلۈم ۋە باشقا تارماقلار تولۇق تەسسىس قىلىنىشى، ھەر قايسى بۆلۈم ئىشخانا مەسئۇللىرىنى ۋە ئىشخانا ئەزالىرىنى تاللاپ ئىشقا قويۇشتا چوقۇم مەكتەپ مۇدىرى قابىلىيەتلىك، شۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئادەملەرنى قويۇشى ، ھەرگىز بۇنىڭغا ھېسيات ئارلاشتۇرماسلىقى، ھەر قايسى مەسئۇللارنىڭ ۋە ئىشخانا ئەزالىرىنىڭ خىزمەت دائىرىسى، مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى ئېنىق بېكىتىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش تۈزىمى ئورنىتىلىشى كېرەك.
بولۇپمۇ خەنزۇ مەكتەپتە بۇ ئىشلار ئاللىقاچان سېستىمىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئادەم ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ.ھەممەيلەننىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى ئىنتايىن ئېنىق. مەلۇم بىر تەكشۈرۈش قايسى ئورۇنغا مۇناسىۋەتلىك بولسا، شۇ ئورۇنلا بۇنىڭغا ماسلىشىپ قالغان ئورۇن ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.ھەممەيلەن پايپېتەك بولۇپ، ئوقۇتۇش سۈرئىتىگە تەسىر يېتىدىغان ئىش قەتئىي يۈز بەرمەيدۇ.
3. پىلان
مەكتەپتىكى بارىلىق خىزمەت ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىر مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ۋە سۈپەتنىڭ قانچىلىك ئۆسكەنلىكىنى سېلىشتۇرۇپ بىلىش ئۈچۈن، پىلان ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.پىلان بولغانىكەن چوقۇم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشى، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى پىلاننىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالىنى كىچىك گورۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ قەرەللىك ھالدا تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك.مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى چۆرىدىگەن ئاساستا تۈزۈلگەن چوڭ پىلانلار چوقۇم مەمۇرىيەتتە يىغىن ئېچىلىپ قاراردىن ئۆتىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا شۇ پىلاننى ئورۇندىغۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويىمىز.
خەنزۇ مەكتەپلەردە پىلان ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇنقى ئۈچ تۆت كۈنلۈك سىياسىي ئۆگىنىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ تۈرلۈك پىلان قارارغا قويۇلۇپ تۈزۈلۈپ بولىدىكەن. ھەر ھەپتىسى جۈمە كۈنى ھەر قايسى بۆلۈم ئىشخانا مەسئۇللىرى كېلەر ھەپتىسى نېمە ئىشلارنى قىلماقچى بولغانلىقىنى مەكتەپ مەمۇرىيەت ئىشخانىسىغا خەۋەر قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن جۈمە كۈنىدىكى يىغىننىڭ قارارىدىن ئۆتكەندىن كېيىن مەكتەپ مەمۇرىيەت ئىشخانىسىدىن مەخسۇس مەكتەپنىڭ تامغىسى بېسىلغان، پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ۋاقىت، پائالىيەتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى، مەسئۇل ئىشخانا، ئورۇن چۈشۈرۈلگەن"مانچىنىچى ھەپتىلىك خىزمەت پىلانى" دەپ ئىسىم قويۇلغان جەدىۋەل شۇ كۈنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تارقىتىلىپ بېرىلىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر ھەپتىسى ۋاقىت توقۇنۇشۇپ قالىدىغان، ھەممە ئورۇن ئۆز ئىشىنى قىلۋالاي دەپ، قىزىرىشىپ ۋارقىرشىپ كېتىدىغان ئىش ئەسلا يۈز بەرمەيدىكەن. مۇشۇ خىل يوسۇندا يەنە باشقا پىلانلارمۇ قەدەممۇ قەدەم ئوقۇش باشلانغان 1- ھەپتىسى تۈزۈلۈپ بولىدىكەن. ئالاھىدە ئىش بولمىسىلا پىلان شۇ بويىچە ئىجرا بولىدىكەن.
ئەمدى سېلىشتۇرساق، بىزنىڭ مەكتەپلەردە شۇ پىلاننىڭ مۇۋاپىق تۈزۈلمەسلىكى، ھەممەيلەننىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولماسلىقى، مەسئۇلىيەتنى ۋاقتى ۋاقتىدا سۈرۈشتۈرۈپ تۇرماسلىق سەۋەپلىك دائىم ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىرى ئوتتۇرسىدا ئىختىلاپ يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن. ۋاقىت كونكىرىتنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقتىن داۋاملىق ئوقۇتقۇچىلارنى سەۋەپسىز يىغىۋالىدىغان،يىغىن كۆپ بولۇپ كېتىپ دەرس قالىدىغان، پىلان ئورۇندالمايدىغان ئىش يۈز بېرىپ، بۇ ئاقىۋەتتە ئوقۇتۇش سۈپەت مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدىكەن.
4. مەسئۇلىيەتچانلىق
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، مەكتەپ مۇدىرى بىر باشقۇرغۇچى.ئۇنىڭ مەكتەپنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تەرتىپكە سېلىش مەجبۇرىيىتى ۋە پۈتۈن مەكتەپنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى بار. خۇددى شۇنىڭدەك، مەكتەپتىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئۆز ئالدىغا ئورۇنلايدىغان ۋەزىپىسى بار.بۇ يەردىكى گەپ- شۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ئېنىق ئايرىلماسلىقى . ئالايلۇق، بىر يىللىقلار گورۇپپا مەسئۇلىنى بىز شۇ يىللىقنىڭ ھەممە ئىشىغا مەسئۇل دەپلا گەپنى تۈگەتسەك بۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق ئايرىمىغان بولىمىز.ئۇنى بىز شۇ يىللىقتىكى بارىلىق سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ سىنىپ خىزمىتىنى ئىشلەش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشقا، شۇ يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى تەربىيە ئىشلىرىغا، دەرس ئوقۇتقۇچىللىرنىڭ ئىشقا قاتنىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلشقا مەسئۇل دىگەندەك كونكىرىت ئايرىپ چىقساق ئاندىن بۇ يەردىكى مەسئۇلىيەت ئېنىق بولىدۇ. يەنى بۇنىڭدىن يىللىقلار گورۇپپا مەسئۇلى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تەييارلىقى، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش ئەھۋالى،ئىمتىھان ئېلىپ خۇلاسىلەش ئەھۋالى قاتارلىقلارغا مەسئۇل ئەمەس ، بۇنىڭغا باشقا بۆلۈم مەسئۇل ، دىگەن خۇلاسە چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلار بۇنىڭغا ئاساسەن بىرەر ئىشى بولسا شۇنىڭغا مەسئۇل ئادەمنى تېپىپ ھەل قىلىدىغان بولىدۇ. ئارلىقتا ھېچقانداق ئۇقۇشماسلىق بولمايدۇ.
"ھەر قانداق ئادەمنى ماختىسا سەمرىيدۇ" دىگەندەك، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت بولغان يەردە چوقۇم شۇنىڭغا چۇشلۇق مۇكاپات ۋە جازا ئېنىق بولۇشى كېرەك. ئەگەر بىر ئادەم ھەقىقەتەن تىرىشىپ تىرمىشىپ بىر يىل ئىشلەپ، ئاخىرىدا ئەجرىگە چۇشلۇق ھېچقانداق مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەي قۇرۇق قول قالسا، چوقۇمكى ئۇ بۇندىن كېيىن شەكىلگە ئىشلەيدىغان بولىۋالىدۇ.ناچار ئوقۇتقۇچى بولمايدۇ بەلكى ناچار باشقۇرغۇچى بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى دەل تۈرلۈك فۇنكىسىيىلىك ئاپاراتلارنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرمىغانلىقى، ئېنىق لىللا بىر باھالاش مىخاينىزىمى ئورناتماي، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ تۇرمىغانلىقى، ھېسىياتقا تايىنىپ ئۆز بېشىمچىلىق قىلغانلىقى، ھەق ناھەقنى ۋاقتىدا تولۇق ئايرىمىغانلىقىدىن دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. بىزدە ياغاچ قازان ياغاچ قازان بولۇپ تۇرىۋېردىغان، ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىكى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي شەخسى ئۆچئاداۋەتنى خىزمەتكە ئارلاشتۇرىدىغان ئەھۋال خېلىلا ئېغىر.
مېنڭچە بولغاندا خىزمەتلەر چوقۇم قەرەللىك خۇلاسىلىنىپ مۇكاپات بېرىشكە تېگىشلىك ئادەمگە چوقۇم مۇكاپات بېرش، جازاغا لايىق ئادەمگە چوقۇم جازا بېرىش، شۇ ئادەمنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ياكى جازالانغانلىقىنى شۇ ئىشقا كونكىرىت مەسئۇل ئادەم چوقۇم رازى بولغۇدەك چۈشەنچە بېرەلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئاندىن رەھبەر خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلغان بولىدۇ.
5. دەرسخانا ئوقۇتۇشى
بۇ يەردە مەن ئارتۇقچە گەپ قىلماي پەقەت پەرقنىلا ئېيتاي. بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار دەرس تەييارلاش، تاپشۇرۇق بېرىپ تەكشۈرۈش جەھەتتە مىللى مەكتەپلەردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. دەرس ئاساسەن ھەپتە بۇرۇن تەييارلىنىپ بولۇنۇپ، شۇ پەننىڭ گورۇپپا باشلىقى ئىمزا قويۇپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ تامغىسى چۈشۈپ ماڭىدۇ، يېتىشىپ بولالمىغانلارنى ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ ماڭغانلىقتىن، تەييارلىقسىز دەرسخانىغا كىرىدىغان ئىش ئاساسەن بولمايدۇ. تاپشۇرۇق ئادەتتە دەرسخانا تاپشۇرۇقى ۋە ئائىلە تاپشۇرۇقى دەپ ئككىگە ئايرىلىپ، دەرسخانا تاپشۇرۇقىنى پەن ۋەكىللىرى گورۇپپىنى بىرلىك قىلغان ھالدا ئايرىپ يىغىپ، تاپشۇرۇق ئىشلەنگەن بەتنى ئوقۇتقۇچىنىڭ تەكشۈرۈشىگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئايرىپ قاتلاپ ئەچىقىپ بېرىدۇ. مۇئەللىم بۇنى شۇ كۈنىنىڭ ئۆزىدىلا تەكشۈرۈپ خۇلاسىلەپ بولىدۇ. بۇ جەھەتتە پەن ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى، ھەم باشقىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىنى يۇقىرى كۆتەرگىلى بولىدۇ. ئائىلە تاپشۇرۇقىنى ئوقۇغۇچىلار ئۆيىدە ئىشلەپ دەل ئەتىسى ئەتىگەن دەرسكە كىرىشتىن بۇرۇن تاپشۇرۇپ بولىدۇ. تاپشۇرۇق دەپتەر ئىككى دانە بولۇپ، ئوقۇتقۇچى ئۆزى ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ماڭىدۇ. شۇنداق بولغاندا ماتېماتىكا دەرسىنى ھەپتىدە 6 سائەت ئۆتۈلىدۇ دىسەك، بۇ پەندىن ھەپتىسىگە كامىدا 6 قېتىم تاپشۇرۇق تەكشۈرۈلۈپ بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا پەرىقلىق يېرى، بۇ مەكتەپتە ھەر بىر پەن ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ھەر مەۋسۈمدە ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ۋە ئىلمى بۆلۈمنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆزىگە خاس مۇسابىقە،زېھىن سىناش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: ئېنگىلىز تىلىدىن 7- يىللىقلار ئۈچۈن ئاڭلاپ يېزىش مۇسابىقىسى، 8- يىللىقلار ئۈچۈن ماتېرىيال ئوقۇپ كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يېزىش مۇسابىقىسى،تولۇق 1- يىللىق ئۈچۈن ئېنگىلىزچە ناخشا ، نوتۇق مۇسابىقىسى دىگەندەك ھەممە پەننىڭ ئۆز ئالدىغا مۇسابىقە شەكىللىك پائالىيىتى بار. ھەم ھەر بىر پائالىيەتنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ ئالدىدا چىققان ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاپ رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. مۇشۇ قېتىممۇ ئۆتكەن مەۋسۈملۈك ئوقۇ-ئوقۇتۇشىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا 2300 ئەتىراپىدا ئوقۇغۇچىسى بار مەكتەپ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 540 نەپەر ئوقۇغۇچىغا مۇكاپات تارقاتتى. بۇ مەكتەپتىكى ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانىنىڭ تەخمىنەن %24 ىنى ئىگىلەيدۇ.بۇنداق كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، تېخمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
6. يېڭى ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئىگەللەپ ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش.
بىلىم ئۆزلۈكىسز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.شۇنداق بولغانلىقتىن ھەر بىر ئۆگەتكۈچى بولغان ئادەم چوقۇم ئۆزلۈكىسز تۈرىدە ئۆگىنىپ تۇرۇشى، بىلىمنى توختىماستىن يېڭىلاپ تۇرۇشى كېرەك. ھازىرقى دەۋىر رىقابەت دەۋرى.كىمنىڭ قورسىقىدا ئۇمىچى بولسا شۇ يول تاپىدۇ. بۇنىسى ھەممىمىزگە ئېنىق.
بىزنىڭ مىللى مەكتەپلەردە شۇنداق بىر ئەھۋال باركى، ئىزدەنمەسلىك، ئۆزلۈكسىز ئۆگەنمەسلىك بىزنىڭ ئادىتىمىزگە ئايلىنىپ كەتكەندەك تۇرىدۇ. قارايدىغان بولساق، ئوقۇتقۇچىللىرىمىز ئۆزىنىڭ نەچچە ئون يىل بۇرۇن ئۆگىنىۋالغانلىرىنى تەكرار تەكرار ئىشلىتىۋەرگەن. سۆزلىگەن نەرسىللىرنىڭ ھەممىسى كونا ۋاقتى ئۆتكەن نەرسىلەر بولغاچقا ئاڭلىغۇچىنى قىزىقتۇرالمايدۇ. ئوقۇتقۇچى ئادەم تەربىيەلەيدۇ. كىشىگە بىر ئىستاكان سۇ بېرىش ئۈچۈن ئاۋال ئۆزىدە بىر چېلەك ھەتتا بىر دەريا سۇ بولغاندا ئاندىن خاتىرجەم ھالدا بەرگىلى بولىدۇ. تەپەككۈر يوق كاللىمىزنى مىڭ ئىشلىتىمەن دىگەن بىلەن يەنىلا ئۇنىڭدىن دىگۈدەك بىر نەرسە چىقمايدۇ. كۆزلىگەن مەقسىدىمىزگە يېتەلمەيمىز. بۇ ئەھۋال خەنزۇ مەكتەپلەردىمۇ ئوخشاشلا بار.
ھازىر ئېنتېرنىت دەۋرى. قانداقلا ئۇچۇر ئىگەللەي دىسەك ئۇ يېنىمىزدىلا بار. ۋاقتىمىزنى ئادەمنىڭ زېھنىنى خورىتىدىغان تۈگىمەس ئويۇنچۇقلارنى ئويناش، بىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، بىزگە بىر ئۆمۈر قىلچە پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغان ئەپقاچتى خەۋەرلەرنى كۆرۈش، كىنو كۆرۈش، رەسىم كۆرۈش، زومۇزو مال سېتىۋېلىش قاتارلىقلارغا سەرىپ قىلغاندىن كۆرە ھېچبولمىغاندا كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ دەرس تەييارلاش، تورىدىن پايدىلىق دەرسلىكلەرنى چۈشۈرۈشنى ئۆگەنسەك، تىل ئۆگىنىپ دۇنيادىكى ھەممىمىزگە پايدىلىق ئىلغار ئىدىيىلەرنى باللىرىمىزغا يەتكۈزسەك تامامەن بولىدىغۇ! خەقىنىڭ قىلىپ بەرگىنىنى بىر ئۆمۈر يېتىپ يەپ، ئەتراپىمىزدىكىلەر ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش قىلىپ بېرەلمەي دۇنيادىن كەتسەك، ئۇنداق ياشىغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى ! بىزنىڭ ھايۋان بىلەن نېمە پەرقىمىز بولسۇن!
مەكتەپ باشقۇرغۇچىلارمۇ شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ھازىر توردا مائارىپ بايلىقى ئاللىقاچان سېستىمىلىشىپ ئوتتۇرغا چىقىپ بولدى. بۇنىڭدىن ھەر بىر جوڭگۇ پۇقراسىنىڭ ئورتاق بەھىرلىنىش ھوقۇقى بار. شۇڭا ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە رەھبەرلەرنىڭمۇ ئوقۇتقۇچىلارنى ياخشى مائارىپ بايلىقى ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇلارنى تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتى بار!
7. ئىش بېجىرىش سۈرئىتى
بۇ يەنە شۇ مەسئۇلىيەتكە چېتىشلىق مەسىلە بولۇپ، بۇ جەھەتتىن مىللى خەنزۇ مەكتەپلەر ناھايىتى پەرىقلىنىدىكەن. مەن دەسلەپ ھەيران قېلىپ سەۋەبىنى ئۇقسام، بۇلار بولۇپمۇ ئوتتۇرا قاتلامدىكى ئادەملەرنى تاللاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممەيلەن كومپيۇتېردا ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلالىغانلىقتىن، باشقىلارغا ئېغىرچىلىق چۈشمەيدىكەن ، بۇنداق بولغاندا ئىشلار تېز يۈرۈشىدىكەن. يۇقىرىنىڭ ھۆججەتلىرى ھەممىسى خەنزۇچە چۈشكەنلىكتىن يەنە بىر سەۋەب ئۇلارنىڭ تىل جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەردە مەخسۇس سىرت بىلەن ئالاقە قىلىدىغان ئىشقا بىر مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇپ، باھا ئىدارىسىدىن نەرسە تەستىقلىتىش، مەكتەپ ئېھتىياجىلىق بولغان نەرسىلەرنى ۋاقىتىدا ئەكەلدۈرۈپ ئىشلىتىش، مەكتەپتىكى ئارقا سەپكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى قىلىدۇ. ئىش بېجىرىش سۈرئىتى ھەقىقەتەن تېز. تېخى قايسى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەن مەكتەپتىكى بۇزۇلغان ئوت ئۈچۈرۈش ، بېخەتەرلىككە مۇناسىۋەتىلىك خېلى جىق نەرسىلەرنى تەكشۈرۈپ دوكلات قىلغان. قارىسام ، چۈشتىن كېيىنلا كەم نەرسىلەر ئەكەلتۈرۈلۈپ دەل ۋاقتىدا رېمونت قىلىنىپ بوپتۇ. ئۆتكەندە قىشلىق تەتىلدىن بۇرۇن يەنە بىنا كۆچىدىغان ئىش بولۇپ قېلىپ، ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدە قىسقىغىنە 2 كۈن ئىچىدە ئومۇمىيۈزلۈك كۆچۈپ بولدۇق. بۇغۇ مەيلى ئەسىلى سىنىپتا كۆپ مۇھىتلىق يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر تامغا مۇقىملاشتۇرۇۋېتىلگەن بولۇپ، بۇلارمۇ تەتىل مەزگىلىدىكى قىسقىغىنە بىر ھەپتە ئىچىدە ئومۇمىيۈزلۈك كۆچۈرۈپ بولۇندى. بۇنى كۆرۈپ بۇرۇنقى مەكتەپتىكى بىزنىڭ سېلىنىپ بولۇپ ئاللىقاچان پۈتكەن ئوقۇتۇش بىناسىغا كۆچەلمەي بىر مەۋسۈم ساقلىغىنىمىز ئېسىمگە كەلدى.
8. ۋاقىت كۆز قارىشى
بۇ جەھەتتە بىز ھازىرغىچە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساقمۇ، بۇ بىزگە بۇرۇندىن تارتىپ سىڭىپ كەتكەن ئادەت بولغاندىن كېيىن، يەنىلا ئارقىدا تۇرىدىكەنمىز. بۇ مەكتەپتە قىشلىق ۋاقىت بويىچە شىنجاڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 5:50 تە نۆۋەتچى ئوقۇتقۇچىلار تۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنى ئويغىتىمىز. 6:20 دە ياتاقتا ياتىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئەتىگەنلىك گىمىناستىكا ئوينايدۇ. ئۆيىدىن قاتنايدىغان ئوقۇغۇچىلار 7:15 كە ئۈلگۈرۈپ كېلىپ بولىدۇ.ئەتىگەن 7:45 كىچىلىك يېرىم سائەت مەخسۇس ئېنگىلىز تىلىغا ئاجىرتىلغان.7:50 تە 1- سائەتلىك دەرسكە كىرىپ بولىمىز. بارىلىق ئوقۇتقۇچىلار 7:40 تىن بۇرۇن مەكتەپكە كېلىپ بولىدۇ. يوقلام قىلىنىدۇ. ئەتىگەنلىك مۇزاكىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار 7:15 تىن بۇرۇن ئومۇمىيۈزلۈك كېلىپ بولىدۇ. كىچىكىدىغان بىر ئىككەيلەننى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇنداق ئون نەچچەيلەن كېچىكىپ كېلىدىغان ئەھۋال قەتئىي يوق.
يۇقارقىللىرى ئەلىۋەتتە مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم. خەنزۇ مەكتەپلەرنىڭمۇ ئەخلاقى تەربىيە، ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش جەھەتتە مىللى مەكتەپلەرگە يەتمەيدىغان تەرەپلىرى نۇرغۇن. بۇنى بۇ يەردە دەپ ئولتۇرمىدىم. لېكىن يۇقارقى بىر قانچە جەھەتلەردىكى پەرقنى بىز ئېتىراپ قىلمىساق بولمايدۇ. گەپنىڭ قىسقىسى مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئارتۇقچىلىقلارنى ئۆز – ئارا ئۆگىنىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ ئۆزىمىزنىڭ مىللى مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇش- ھەر بىر مائارىپچىنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان بۇرچى.
تولۇق ئوقۇپ چىقتىم، ھەقىقەتەن بىز ھەل قىلىشقا، ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئەمەلى مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپسىز. توغرا قاراشلار ئىكەنقوللايمىز ھەممىدىن يامان زۇلۇم مۇشۇ كۈچۈرۈپ يازدىغان،بىر ئىككى ھەپتە ئالدىن يازىدىغان دەرىس تەييارلىقى...
يىزىپ بولالماي بوپ كەتتۇق ساراڭ،
ئارامھىلىق يوق كاللىسىكاللىسى گاراڭ.
پەقەت ئازلىماي ،ئاۋۇدى بۇ پاراڭ،
بىزنىڭ دەردىمىزگە كىم يىتەر قاراڭ.
......................................................
مائارىپتا ئاشۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلماي تۇرۇپ ،باشقا ئىشلاردىن ئېغىز ئېچىش ئۇنىڭ ئۈستىگە زۇلۇم پاراڭ....
بەش -ئالتە دەپتەرنى كۈچۈرۈپ يىزىپ بولالماي ،بەش ئالتە سىنىپنىڭ تاپشۇرىقىنى تەكشۈرۈپ بولالماي،شۇنداق جىلەپەز،شۇنداق سۇلغۇن .....بوپ كەتتىمكى ،نېرۋا كېسەل بۇلۇپ ،ئىشتاننى تەتۈر كىيىپ ،ساناتوريىگە بېرىپ قالغۇدەك بوپ كىتىپ بارىمىز باللا....
سىلىگە ئاشۇنچىلىك ئويلانغۇدەك ۋاقىت چىققىنىغا شۈكرى دەڭلار...
بەت:
[1]