ADiL يوللانغان ۋاقتى 2010-7-21 17:13:58

تېما يوللىغاندا Word تىن چاپلاشقا توغرا كەلسە مۇنداق قىلىڭ

تورداشلار بەزىدە بىكەتكە تېما يوللىغاندا ئىلگىرى ئۆزى Word تا يېزىپ ساقلاپ قويغان تېمىلارنى Word تىن كۆچۈرۈپ ئېلىپ يوللايدۇ، يەنە بەزى تورداشلار شېئىر، ھېكايە قاتارلىقلارنى يوللىماقچى بولغاندا بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئاۋال Word قا يېزىپ ساقلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن Word تىن كۆچۈرۈپ ئېلىپ بېكەتكە چاپلايدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا كۆڭۈلدىكى تېما يوللاش ھالىتىدە چاپلىغاندا (بىز تورداشلارنىڭ تور بىكەت ئۇلانمىسى ۋە رەسىم قىستۇرۇشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن مۇشۇ شەكىلنى كۆڭۈلدىكى قىسىمىغا تاللاپ قويغان) مەزمۇن يېزىش كۆزنىكىنىڭ سول تەرەپ ئۈستىدىكى <<ساپ تېكىست>> دېگەنگە بەلگە قۇيۇپ چاپلىسىڭىز Word تىكى مەزمۇن ئەينەن كۆچۈرۈلىدۇ، ئەگەر <<ساپ تېكىسىت>> دېگەننىڭ ئالدىدا بەلگە بار بولسا بىۋاستە چاپلىسىڭىز بولىدۇ .
<<ساپ تېكىسىت>> ھالەتكە تەڭشەپ چاپلاپ بولغاندىن كېيىن ئۈنۈمىنى <<ساپ تېكىسىت>> نىڭ ئالدىدىكى بەلگىنى ئېلىۋېتىپ كۆرۈپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ .
ئەگەر تورداشلار مەزمۇن يوللاش كۆزنىكىنىڭ كۆڭۈلدىكى شەكلىنى <<ساپ تېكىسىت>> ھالەتكە تەڭشەپ قۇيۇشنى تەشەببۇس قىلسا شۇنىڭغا تەڭشەپ قويساقمۇ بولىدۇ .

baharyamguri يوللانغان ۋاقتى 2010-7-21 17:32:55

« ساپ تېكىست » ھالەتكە تەڭشەپ قويساق ياخشى بولامدىكى ، دەيمەن .

arzu يوللانغان ۋاقتى 2010-7-21 18:09:56

مەنمۇ شۇ، ساپ تېكىست ھادلىتىگەتەڭشەپ قويسىڭىزچۇ؟ بولمىسا مەن تىنىگەندەك تىنەيدىغانلار كۆپ.

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2010-7-21 18:19:41

ئىنكاس قايتۇرۇش arzu نىڭ تېمىسى

ئىنكاس قايتۇرۇش baharyamguri نىڭ تېمىسى

ساپ تېكىست ھالىتىگە تەڭشەلدى .
بەت: [1]
: تېما يوللىغاندا Word تىن چاپلاشقا توغرا كەلسە مۇنداق قىلىڭ