ئەيساجان تۇردى ئاچچىق بىلەن سۆھبەت
http://player.youku.com/player.php/sid/XNjQyOTM0NjYw/v.swf
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق1972-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئاچال يېزىسىدا تۇغۇلغان.1993-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ جوڭگۇ تىل-ئەدەبىيات پاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن.1993-يىلىدىن 2013-يىلغىچە ئاچال، چىلان يېزىلىرىدا ئوقۇتقۇش ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان. ھازىر كەلپىن ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ، 1988-يىلى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى» دە «چېچەك» ناملىق ھىكايىسى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدىكى «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ مائارىپى»، «تەڭرىتاغ»، «تارىم»، «كىروران»، «تارىم غۇنچىلىرى» ،«جوڭگۇ مىللەتلىرى»ئاقسۇ ئەدەبىياتى» قاتارلىق گېزىت –ژورنالدا«ھىجران گۈلى»،«رەڭلىك ئەسلىمە» «سەھرادىكى مۇئەللىم»، «ئۆزىمىز»،«ئاسىيە»، «ئۆلۈم ناخشىسى»، «سەھرالىق» قاتارلىق 400 پارچىدىن ئارتۇق شئېرى ؛« قىز كوچىسى» ،«دىلبەرگە يېزىلغان خەتلەر»،«چەمبەر ئۈستىدىكى مۇھەببەت» ،«نورۇز شۇنداق دەيدۇ»، «شەيتان كۈلكىسى» ،«ئۇستاز قەسىدىسى» ،« باھار نەپەسلىرى» قاتارلىق 100 پارچىدىن ئارتۇق نەسىرلىرى «ئوقۇتقۇچى ھامان قەدىرلىك»، «ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەسرىتى ۋە تىلىكى» ،«ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇقەددەسلىكى ۋە مەسئۇليىتى» «ئوقۇتقۇچى ۋە قەدىر-قىممەت»، «يەكشەنبىنى قوغداش چاقىرىقى» قاتارلىق 200 پارچىدىن ئارتۇق ماقالا-ئوبزورلىرى؛«سۆيگۈ ئۇ ! ئالما ئەمەس»، «قىز دەيمۇ؟ جۇۋان دەيمۇ؟» ،«سۆيۈش ئۈچۈن سۆيۈلۈش»، «قىزلار بىز ئۇيغۇر، بۇ تەكلىماكان» ،«شېرىيەت كوچىسىدىكى مەينەتچىلىك»، «ئۇرۇق شەيتان ۋە سېمىز شەيتان» قاتارلىق 60 پارچە ئەدەبىي ئوچۇق خەتلىرى ئېلان قىلىندى. «مەينەت جايغا پەرىشتە كەلمەيدۇ»(12-قېتىملىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى)«شەكىلۋازلىققا ئوقۇلغان مەدىھە ناخشىسى» (ئىزچىلار لوڭقىسى1-دەرىجىلىك مۇكاپاتى)،«رەڭلىك ئەسلىمە» (1996-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە ئەدەبى بەتلەردىكى مۇنەۋەر ئەسەر مۇكاپاتى 1-دەرىجە)،«يېزىلمىغان شىئېر» (ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە مۇنەۋەر ئەسەر مۇكاپاتى)،«سەن نىمىشقا ئۆلىۋالدىڭ» (چوغلۇق ئەدەبىيات مۇكاپاتى 1-دەرىجە)قاتارلىق 15 پارچە ئەسىرى ھەر دەرىجىلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىغا ئىرىشتى. بىر تۈركۈم ئەسەرلىرى«تاغ بۇلاقلىرى», «شانلىق 40 يىل», «يۈرەك سوۋغىسى», « قەشقەردىكى يەر شارى »، « تارىمدىكى ئاي » دېگەن كوللىكتىپ توپلاملارغا ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. «نورۇز شۇنداق دەيدۇ» ،«بىز باھارنى تېپىۋالدۇق»، «سەھرالىق»،«سەھرا ۋە شەھەر»قاتارلىق ئەسەرلىرى ھەر دەرىجىلىك دەرىسلىك ۋە پايدىلىنىش كىتاپلىرىغا كىرگۈزۈلگەن.«ئەيدىز ۋەھىمىسى»، «ئولۇمپىك مارشى»، «ئۇستاز قەسىدىسى» ،«مەشرەپنىڭ ئاۋازى»، «كەلپىنىم»قاتارلىق 11 پارچە نەسىرى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن ئاۋازغا ئېلىنىپ تارقىتىلغان.قىز كوچىسى»، «ئەخلاق سەن نەدە» ،«شەيتان كۈلكىسى»، «گۇناھ رىسالىسى» ،«كېلىچەك سىزنى چاقىرماقتا» قاتارلىق كىتاپلىرىنى نەشىرگە تاپشۇردى ئۇ خىزمەت تارىخىدا ناھىيە ۋە ۋىلايەت تەرىپىدىن كۆپ قېتىم «ئىلغار شەخىس» «مۈنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىسى» «داڭدار مەكتەپ مۇدىرى »بولۇپ باھالانغان ۋە مۇكاپاتلانغان.2012 -يىلى 9-ئايدا(شىنجاڭ بويىچە 22 نەپەر ئوقۇتقۇچى قاتارىدا) « مەمىلكەتلىك ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى»بولۇپ باھالاندى. ئۇ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.
فىلىم ئىشلىگۈچى ئورۇن: كەلپىن ناھىيلىك تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى
مەنبە: ئانا تۇپراق مۇنبىرى
http://bbs.anatuprak.com/read.php?tid=21062
سۆھبەت فىلىمىنى چۈشۈرۈپ ساقلىۋالماقچى بولسىڭىز بۇ ئادرىستىن چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 86 مىگابايت
http://yunpan.cn/QUnjp8BaNSU7m
روھلاندىكى ئۆتكەن يىلى يوللانغان ئەيساجان تۇردى ئەپەندىنىڭ تەرجىمھالى
ياش شائىر- ئەيساجان تۇردى ئاچچىقنىڭ تەرجىمھالى
/thread-12987-1-1.html
روھلانغا ئەيساجان تۇردى ئەپەندىنىڭ ئەسلى ئورگىنالىنى تەمىنلىشى، مۇنبىرىمىزدىكى پاسىل، شام قاتارلىق دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ھەمدەمدە بولۇشى ئارقىلىق يوللانغان بىر قىسىم نادىر ئەسەرلىرى:
ئاچچىقنىڭ تاتلىق پاراڭلىرى
/thread-12775-1-1.html
ئابدۇللاغا گۈل تەقدىم قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى
/thread-14132-1-1.html
ئوقۇتقۇچى ۋە قەدىر - قىممەت【ئەيساجان تۇردى ئاچچىق】
/thread-20153-1-1.html
ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەسرىتى ۋە تىلىكى【ئەيساجان تۇردى ئاچچىق】
/thread-20154-1-1.html
تاھىرجانىڭ قارا بۇرۇتى (ئاچچىق)
/thread-19306-1-1.html
ياخشىلىق ئىزىڭدىن كەتسۇن چىچەكلەپ(ئاچچىق)
/thread-19382-1-1.html
ئانا شەجەرىسى (تېلىۋىزىيە نەسىرى) - ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
/thread-13069-1-1.html
مۇدىر مەن (ئەيساجان تۇردى ئاچچىق شېرىلىرىدىن)
/thread-12834-1-1.html رەھمەت بۇ كاتتا شائرنىڭ ئشئزلىرى ھەم ياخشى ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇشپۇرسىتى يارتىپ بەرەگنىڭىزگە،:P بەك ياخشى يوللاپسىز.....رەخمەت سىزگە!!! رەھمەت مەنمۇ بۇ كىشىنىڭ بىر نەچچە ماقالىسىنى ئوقۇغان ئىدىم. ئوتتۇرغا قويغان پىكىرلىرى تېرەن ۋە ئەمەلىيەتچىل ئىدى. روھلاندا ئۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر تۇنۇشۇۋالىدىغان بولدۇم .
رەھمەت سىزگە، تىما ئىگىسى. ناھايىتى ياخشى بىر توپلام بوپتۇ. شائىر ئەيساجان تۇردى ئاچچىقنىڭ ھايات مۇساپىسىنىڭ تېخىمۇ رەڭدار ئاسايىشلىققا تولىشىغا تېلەكداشمەن مۇشۇ كەلپىن ناھىيەلىك تېلىۋىزيە ئىستانسىنىڭ پىروگىراممىلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى، ھەم ئۆزگىچىلىكى بار. ياخشى ئىش بوپتۇ بۇ، داۋاملىق مۇشۇنداق تېمىلار يوللىنىپ تۇرسا
بەت:
[1]