پەرى11 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 14:07:24

ساخاۋەت ئىشلىرىدىن قۇرۇق قالماڭ


         


 
      ساخاۋەت ئىشلىرىدىن قۇرۇق قالماڭ

         
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق مۆھتىرەم ئاكا -ئىنى ، ھەدە - سىڭىللار ياخشىمۇ سىلەر ؟ رىئاللىقنىڭ قەدىناسى بولغان مەۋھۇم دۇنيا قىتىغا سىڭىپ كىرىپ ، مۇنبەر ھاياتىغا قەدەم قويغان خۇشچىراي مۇنبەرداشلار ! ئەۋۋىلى ھەممىڭلارغا ‹ ئۇلۇغ › ئاللادىن خاتىرجەملىك تىلەيمەن . ھەمدە ئۆزۈم چىن دىلىمدىن سىلەرگە قىرىنداشلىق سەمىمى سالىمى يوللايمەن!ھەممىڭلارنىڭ تىنىڭلار سالامەت، خىزمىتىڭلار ئۇتۇقلۇق، رىئاللىقىتىكى ھەم مەۋھۇمدىكى كۈنىڭلار خۇشاللىق ئىچىدەمۇنبىرىمىزدىكى نادىر-تىما ئىنكاسىڭلار ۋە سۈزۈك مۇلاھىزە پىكىرلىرىڭلارنىڭ ياخشى ئىلىپ بىرلىشىغا تىلەكداشمەن。
    ھۆرمەتلىك تورداشلار ، مۇنبەرداشلار دەۋىرنىڭ تېز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيەسى ئېشىپ ، كۆزقارىشى يېڭىلىنىپ ئۆزىگە، جەمىيەتكە جۈملىدىن جەمىيەت ئەزالىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشتەك ئېسىل كەيپىيات شەكىللەنمەكتە .پۈتكۇل دۇنيا مېھرىبانلىققا ، ئىللىقلىققا تولماقتا .
    ئەتىراپىمىزدا يەنە بىر تۈركۈم قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتىۋاتقان كىشىللىرىمىز يوق ئەمەس، بۇ خىل ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقان    مەۋھۇم دۇنيادىكى مېھرىبانلارئۆز- ئارا ئۇيۇشۇپ    « ھاۋاگۈل خانىمنىڭ ( توردىكى نامى گۈلزار)   »نىڭتەشكىللىشى   بىلەن «ئىللىق ئائىلەمېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى»ۋۇجۇتقا كەلدى ھەم دەسلەپكى لاھىيەسى ئاساسىدا ئىش باشلىدى。
    ئۇيۇشمىمىز كوللىكتىۋىزىملىق ئىديىنىمەركەز قىلىش ئارقىلىق قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم بېرىشتەك گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈپ.مۇزلىغان قەلىپلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىش ھەم ئۇلارغاقېرىنداشلىرىنىڭ ھەرجايدا ئۇلارنى ئەسلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇلار ئۈچۈن تەڭ يىغلاپ ، تەڭ كۈلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ، شۇنداقلا رايونىمىز تەۋەسىدىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەمدە بولۇپ، ئۇلارنى   غەم- ئەندىشىسىز ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇرۇش ھەم ئۇلارغا جەمىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ ، ئەمەلى خىزمەتلەنى ئىلمى ،سېستىمىلىق ئىشلەشنى قارارقىلدى
      دوستۇم سىزمۇشۇ قىيىنچىلىق سەۋەبىدىنئوقۇشسىز قېلۋاتقان ، خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتقانئاجىزلارنى قوللاشنى ،ساخاۋەتلىك قولىڭىزنى سۇنۇشنى خالامسىز ؟ئۇنداقتا بۇ ئۇيۇشمىمىزغا ئەزا بولۇڭ ، ئايدا 20 يۈەن پۇلنى چىقىرالايسىز ، 20 يۈەن سىز ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس، ئىشىنىڭكىشۇ 20 يۈەن پۇلىڭىز قىيىنچىلىق سەۋەپلىك مەكتەپتىن چېكىنىش ئالدىدا تۇرغانبىر ئوقۇغۇچىنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرەلەيدۇ ،
    سىز چوقۇم قىلالايسىز ، سىرتتابىر ۋاق تاماقنى كەم يىسىڭىز ، بىر قېتىملىق سورۇنغا بېرىشتىن ئۆزىڭىزنى تارتسىڭىز ،بىر قاپ تاماكىنى ئاز چەكسىڭىز ,قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئىڭراۋاتقان بىر جانغا ئىللىقلىق يەتكۈزەلەيسىز !!
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، تامچە سۇدىن دەريا ھاسىل بولىدۇ ، سىز ، بىز  بىر قاچا تاماقنىڭ پۇلىنى يىغساق ،.............قانچىلىك بولار ، قانچىلىك قىيىنچىلىقتا قالغان قېرىندىشىمىزغا ئىللىقلىق ئاتا قىلالارمىز ؟؟؟ بۇنى ئويلىنىڭ !!!ئەگەر 20 يۈەن ئېقتىسات قىلالمىسىڭىز ئۇنىڭدىن ئاز بولسىمۇ كۆڭلىڭىزنى ، مېھرىڭىزنى ،مېھرىبانلىقىڭىزنى يەتكۈزۈشنى ئۇنۇتماڭ !!!!!
  «ئىللىق ئائىلە   مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى » ساخاۋەت پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان ئەزالارنىڭپائالىيەتلەرنى مۇزاكىرلىشىشى ھەم ئالاقىلىشىشىگە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن مەخسۇس توپقۇرۇلدى . بۇ توپقا قوشۇلغان ئەزالارلا«ئىللىق ئائىلە   مېھرىبانلار ئۇيۇشمىسى » نىڭ ھەقىقى ئەزاسى بولىدۇ . شۇڭاساخاۋەت پائالىيىتىگە قاتناشماقچى بولسىڭىز تېزدىن بۇ نومۇرنى قوشۇپ سالاھىيىتىڭىزنى مۇقىملاشتۇرۇڭ .
     توپ نومۇرى :325445721
دەسلەپكى لايىھەنى كۆرماكچى بولسىڭىز مانا بۇ يەردىن كۆرۈڭ :



ئەسكەرتىش :توپقا قوشۇلۇش ئۇچۇرى يوللىغاندا ئۆزىڭىزنىڭپائالىيەتكە قاتنىشىدىغانلىقىڭىزنى ئەسكەرتىڭ .دوستلىرىڭىزغا ھاۋالە قىلىشنى ئۇنتىماڭ .

armanjan181 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 16:47:38

ياخشى بوپتۇ   مۇشۇنداقئورۇنلارنىڭقۇرۇلغىنىنىڭئۆزىبىر ياخشىئىش   مەنمۇ قاتنىشايچۇ

azat007 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 21:28:37

مەن قوللايمەن

توغراق520 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 22:03:20

مەنمۇ قاتنىشاي

2631618817 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 07:48:54

manmu katnixay

جام يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 11:56:22

ياخشى بوپتۇ، قوللايمەن ھەم قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىشنى خالايمەن.
بەت: [1]
: ساخاۋەت ئىشلىرىدىن قۇرۇق قالماڭ