قەبىلىلەر ئۇرۇشى Clash of Clans ئويۇنى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەۋەسكارلار!Clash of Clans ئويۇنى ھازىر ئانچە مودا بولماي قالدى،شۇنداقتىمۇ ئويناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.شۇڭا تومتاقلا بۇ تېمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ئەتىيازدا بۇ ئويۇنننى ئەپ بازىرىدا كۆرگەن بولساممۇ تازا دىققەت قىلىپ كەتمەپتىكەنمەن،يانفوننى يېڭى ئالغان بولغاچ،ھېلى ئۇنى ھېلى بۇنى قاچىلاپ يۈرۈپ مەنمۇ ئۇستام بولۇپ قالدىم.شۇنىڭ بىلەن ئويۇنلارنى بىر باشتىن قاچىلاپ،ياخشىلىرىنى ئەپ قېىلىپ، ناچارلىرىنى يۇيۇپ يۈرسەم بۇ ئويۇن ئۇچراپ قالدى.ئويناپ باقسام يامان ئەمەس چىراي،شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە دوستلار بىلەن بىللە بىرەر ئاي ئويناپ باقتىم.ھازىر 40-دەرىجىگە يۈرۈش قىلىپ ئولتۇردۇق.
Clash of Clans ئويۇنى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي:
بۇ ئويۇنTravian ئەپ گورۇپپىسى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان،ئۆزگىچە ئويۇنلارنىڭ بىرى.ئويۇنننىڭ ئالما كۆچمە ئۈسكۈنىگە تەلىپى تۆۋەن،4.3 نۇسخىسىدىن يۇقىرى بولسىلا خاتىرجەم ئوينىسىڭىز بولىدۇ، ئېقىممۇ كۆپ كەتمەيدۇ(مەن سىمسىز تور سېگىنالى بولمىغان ئەھۋالدا ئويناپ باقسام 4 مىگا ئېقىم كېتىپتۇ بىر كۈندە)iPhone、iPod touch、iPad قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنى قوللايدۇ،ئاندىروئىد نۇسخىسىمۇ بار بولۇپ 4.0.3 نەشىرىدىن يۇقىرى نەشىرى (تۆۋەن نەشىرىدىمۇ سىناقتىن ئۆتتى)بولسا ئۆزىڭىزنى قويۇپ بېرىپ ئويناۋىرىڭ.
ئويۇننى ئويناش بەكلا ئاددىي،شۇ ئاۋۋال ئەپ بازىرىدىن چۈشۈرىسىز،ئاندىن قاچىلاپ ئويناپ كەتسىڭىز بولىدۇ.ئويۇننى ئوينىماق ئېنتايىن ئوڭاي،سىز پەقەت شۇ قەبىلە قۇرۇپ ئاندىن قەبىلىڭىزنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرسىڭىزلا بولىدۇ.مۇشۇتەرىقىدە قەبىلىڭىزنى كېڭەيتىسىز.ئاندىن قەبىلىلەر ئىتىپاقىغا قوشۇلۇپ،ئۆز-ئارا ئۇرۇش قىلىسىز. بۇ ئويۇن پۈتۈن دۇنيادىكى ئويۇن خۇمارلار بىلەن بىللە ئوينىغىلى بولىدىغان قالتىس ئېسىل ئويۇن...رايون چەكلىمىسى يوق دىيەرلىك.ئەگەر ئويۇن ئويناشقا قىزىقىپ قالغان بولسىڭىز،مېنىڭ تەۋسىيەم، بۇرۇن ئوينىمىغان بولسىڭىز ئامىركا idسىدا ئويناڭ،ئەگەر ئويناپ بولغان بولسىڭىز ئامال يوق،(ئوينىمىغان بولسىڭىز شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن).بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق-ئويۇندا بىزگە 2 ياغاچچىنى ھەقسىز بېرىدۇ.3- ياغاچچى 500 ئالماس،شۇڭا سىز ئامىركاidسىدا ئويناڭ دىيىشىم،3- ياغاچچىنى ئالماق تەس ئەمەس،ئۇرۇشتىكى نومۇرىڭىز(ئېرىشىدىغان لوڭقا سانى)1250كە يەتسىلا سىز 450 ئالماس ئالالايسىز.مۇشۇ ئالماسلار بىلەن سىزگە بەرگەن بىر پارچە يەرنى ئانچە-مۇنچە تۈزلەپ قويسىڭىز ئالماسلار 500گە توشىدۇ،ئاندىن ئالماسلارنى ياغاچچىغا خەجلىسىڭىزلا بولدى.
4-ياغاچچى1000 ئالماس،5- ياغاچچى 2000 ئالماس.بۇنچە كۆپ ئالماسنى ھويلىنى يىغىشتۇرۇپ تاپقىلى بولمايدۇ.شۇڭا قانداق قىلىمىز؟
بۇنىڭغىمۇ ئامال بار.
باياتىن دەپ ئۆتتۈم،سىزدە بىر تال ئامىركاidسى بولسا تۆۋەندىكى ئۇلانما ئارقىلىق كىرىپ،جۇغلانما كۆپەيتىپ ئاندىن،جۇغلانمىنى دوللارغا ئالماشتۇرالايسىز:
ئالمىنىڭ خالىغان كۆچمە ئۈسكۈنىسىدەسافارىيدا تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى چېكىڭ-
http://m.freemyapps.com/share/url/bf518f54
بۇ ئۇلانمىدىن بىر تور بېكەت چىقىدۇ.بۇ بېكەت ھەققىدىمۇ كىچىككىنە چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتەي-ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ،بۇ بەزى ھەقلىق ئەپلەرنى ياكى ئەپ بازىرىدىن تاپقىلى بولمايدىغان ئەپلەرنى سىزگە ھەقسىز تەمىنلەپ بېرىدىغان ئەپ، يانفون بېتىدىن كىرىپ خالىغان ئەپنى چۈشۈرسىڭىز،سىزگە جۇغلانما نومۇر قوشۇپ بېرىدۇ،3000 جۇغلانما نومۇر 10 دوللار،بۇ 10 دوللارنى سىز ئەپ بازىرىدا خەجلىيەلەيسىز، دېمەك ھەقلىق ئالىدىغان ئاشۇ ئالماسنى مۇشۇ دوللارغا ئالسىڭىز بولىدۇ،10 دوللارغا 1200 دانە ئالماس ئالالايسىز دېگەن گەپ.مۇشۇ 1200 ئالماس بىلەن 4- ياغاچچىنى ئالغىلى بولىدۇ.جۇغلانمىڭىز يەنە كۆپەيسە تېخىمۇ كۆپ دوللارغا ئالماشتۇرۇپ 5- ياغاچچىنىمۇ ئالالىشىڭىز مۇمكىن.
ئەمدى بۇ تور بېكەتتىن قانداق جۇغلانما ئېلىشنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي
باياتىن دېگەندەك، ئالمىنىڭ خالىغان كۆچمە ئۈسكۈنىسىدە يۇقىرىدىكى ئۇلانمنى بېسىپ كىرىسىز(ئۇلانمىنىڭ ساپ ئادرېسىنى كۆچۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ،ئاۋۇ ئاخىرىدىكىسى مېنىڭ جۇغلانما ئۇلانمام،ئەگەر بېۋاستە بېسىپ كىرسىڭىز ماڭا 200 جۇغلانما قوشۇلىدۇ،ئۆز-ئارا قوللاش بولسۇن ئۈچۈن قوشۇپ قويدۇم).
تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ-
http://img1.gamedog.cn/2013/07/08/64-130FP943510.jpg
get startنى چېكىپ كىيىنكى باسقۇچقا ئۆتىمىز.
okay نى بېسىپ چىققان كۆزنەكتىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن كۆرسىتىلگەن ئەپنى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز(wifi شارائىتىدا مەشغۇلات قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن).
بۇ باسقۇچ تور بەتنىڭ ۋەزىپسى بولۇپ،ئۇلارنىڭ بەلگىلەنگەن ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغاندىن كېيىن،ئاندىن مەن بايا دېگەن جۇغلانما نومۇر تاپىدىغان يەرگە كېلىمىز،شۇڭا بەك ئالدىراپ كەتمەڭ.
مۇشۇ باسقۇچ بويىچە، كۆرسىتىلگەن ئەپلەرنى بىر قۇر قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن،ئاچقۇچ بېرىدۇ، ئاچقۇچنى ئالسىڭىز ئاندىن جۇغلانما نومۇر تاپىدىغان باسقۇچقا كېلىسىز،جۇڭگونىڭidسىدا بەزى چاغدا بېكەت نورمال ئېچىلماسلىقى مۇمكىن،شۇڭا چوقۇم ئامىركاidسىنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.جۇڭگوidدا ئويناپ بولغانلارغىمۇ ئامال بار، ئەگەر سىزنىڭidرىڭىز جۇڭگونىڭ بولسا،بۇنى قانداق قىلىپ جۇغلانما نومۇر ئالماشتۇرۇش ھەققىدە ياكى ئىنكاستا ياكى باشقا بىر تېمىدا سۆزلەپ ئۆتىمەن،ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەنجۇغلانما نومۇر ھەققىدە مۇشۇنچىلىك سۆزلەي.
جۇغلانما نومۇرۇڭىز مەن بايا دەپ ئۆتكەن چەككە يەتكەندە،مۇشۇ تور بەت ئارقىلىق جۇغلانما نومۇرنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتى قىلسىڭىز بولىدۇ.سوۋغات مەركىزى(gifts)نى چىكىش ئارقىلىق،ئۆزىڭىزنىڭ جۇغلانمىسىنى كۆرەلەيسىز.
ئەمدى ئويۇننى ئويناپ بىر يەرگە بارغانلارغا گەپ يوق،يېڭىدىن ئوينىماقچى بولغانلار،بۇرۇن ئىشلەتكەنidئاستىدا ھەقلىق ئەپلىرىڭىز بولسا،مۇشۇ بىر تال ئويۇنننى دەپ،ئۇ ئەپلەردىن ۋاز كېچىش ھەقىچان كاللىڭىزدىن ئۆتمەيدۇ،ئۇنداق بولۇپ قالسىمۇ ھېچقىسى يوق،بۇنىڭ ئامالىنى كىيىنرەك دەپ بېرىمەن.
ئەمىسە ئويناشنى باشلاپ كېتىڭ.
بۇ ئويۇنغا قىزىقىدىغانلارنىڭ سانىغا ئاساسەن تېمىنى داۋاملىق داۋاملاشتۇرۇش ياكى مۇشۇ يەردە توختىتىشنى بەلگىلەيمەن.ئويۇن ئويناش ياخشى ئادەت بولمىسىمۇ،كاللىنى ئارام ئالدۇرىدىغان ئويۇنلارنى ئويناش ئارقىلىق بىردەم بولسىمۇ كۆڭۈل خوشلۇقى تاپىسىز،ئەمما ئويۇنغا بەك بېرىلىپ كەتمەسلىكىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. قىنى ئاندېرويىد نۇسقىسىنى قەيەردېن چۈشۈرېمىز
? نەپرەت007 يوللىغان ۋاقتى2013-12-20 10:25:14 static/image/common/back.gif
قىنى ئاندېرويىد نۇسقىسىنى قەيەردېن چۈشۈرېمىز
?
مانا
http://m.wandoujia.com/apps/com.supercell.clashofclans ئاچقۇچ بىرىدۇ دىگىنىڭىزنى تازا چۇشىنەلمىدىم ئاچقۇچ دىگىنىڭىز نىمىنى چۇشەندۇرىدۇ ؟
بەت:
[1]