ADiL يوللانغان ۋاقتى 2013-11-24 17:31:26

تۆھپىكار ئەزالار مۇكاپاتىنى ئېلىۋېلىڭ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك روھلانداشلار.
بۈگۈن بىر ئايلىق تۆھپىكار باشقۇرغۇچى ۋە ئەالارغا بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشتى، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى يېڭى تىزىملاتقان ياكى مۇنبەردە پائالىيىتى ئاز بولغان «ئەزىز مېھمان» دەرىجىسىدىكى ئەزالارنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقى چەكلىنىپ، بېلەت سانى ئاز بولغان بولسىمۇ بېلەت تاشىغۇچىلار خېلىلا ئەستايىدىل بولغان دەپ قاراشقا بولىدۇ.

تۆۋەندە ئەسلى پىلان بۇيىچە بېرىلىدىغان ئىككى دانە windows8 ھەقىقىي نۇسخا ئاچقۇچ نۇمۇرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىككى نەپەر ئەزانىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىمەن.

باشقۇرغۇچىدىن: @Tursun007تاشلانغان بېلەت سانى 52 دانە
ئەزالاردىن: @شاشتېكىن    تاشلانغان بېلەت سانى 35 دانە

يۇقارقى مۇكاپاتلاردىن باشقا مۇنبىرىمىزدىن @ئىدرسجان ئەپەندى 80 يۈەنگە 200 سائەت تورغا چىققىلى بولىدىغان تور كارتىسىدىن بىرنى مۇكاپاتقا تەمىنلىگەن، شۇڭا بۇ مۇكاپات 48 دانە بېلەتكە ئېرىشكەن باشقۇرغۇچىمىز @yarkanboy غا بېرىلدى .

يەنە ئىككى نەپەر تۆھپىكارىمىزغا روھلان تور بېكىتى ئەزاسى @intizar88 ئەپەندى ھەر بىر ئەزا ئۈچۈن 50 يۈەندىن نەق پۇل مۇكاپات تەمىنلىدى.
بۇ نەق پۇل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغان ئەزالار تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:
باشقۇرغۇچىدىن: @ئوكيان ئەپەندى، ئەزالاردىن @باغۋەن ئەپەندى

ئەسكەرتىش: بۇ ئېلان قىلىنغان تۆھپىكارلار 2012-يىل 9-ئايدىن 2013-يىل 9-ئايغىچە بولغانلارنى كۆرسىتىدۇ.
windows8 ھەقىقىي ئاچقۇچ نۇمۇرىنىڭ بىر دانىسىنى روھلان باشقۇرغۇچىسى @intizar ئەپەندى تەمىنلىگەن، بىز intizar ئەپەندىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.

تۆھپىكارلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشپ مۇكاپاتىنى ۋاقتىدا ئېلىۋېلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

بۇنىڭدىن كېيىن بارلىق روھلانداشلارنىڭ روھلاننى ھەر قايسى جەھەتتىن قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

روھلان تور بېكىتى
2013-يىل 11-ئاينىڭ 24-كۈنى   

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2013-11-24 17:32:30

مۇكاپات تارقىتىلىش ئەھۋالى:
tursun007 غا windows8 نۇمرى ئەۋەتىپ بېرىلدى.
شاشتېكىن ئەپەندىگە windows8 نۇمۇرى ئەۋەتىپ بېرىلدى.
باغۋەن ئەپەندىنىڭ مۇكاپاتى ئەۋەتىپ بېرىلدى.
ئوكيان ئەپەندىنىڭ مۇكاپاتى يوللاپ بېرىلدى.

ئەسلدىكى بېلەت تاشلاش تېمىسى: روھلان تۆھپىكارلىرىغا بېلەت تاشلاڭ
/thread-25767-1-1.html

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-11-24 17:44:35

ناھايىتى ئوبدان ئىش بوپتۇ ئادىل ئەپەندىم

تۈرگۈن يوللانغان ۋاقتى 2013-11-24 17:56:10

مەن روھلانغا ئەزا بولۇپلا مۇشۇ تۆھپىكارلارغا بىلەت تاشلاش تىمىسىنى ۋە ئىنكاسلارنى كۆرۈپ روھلان ئەزالىرىنىڭ ئالىيجاناپ، كەمتەر خىسلىتىنى كۆرگەندەك بولغان ئىدىم. مانا، بۇ پائالىيەتنىڭ خۇلاسىسىنى كۆرۈپ پەرىزىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدىم .
مىننەتسىز مېھنەت قىلىۋاتقان روھلانداشلار ئامان بولسۇن .

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2013-11-24 18:08:59

MTV يوللىغان ۋاقتى2013-11-24 18:08 static/image/common/back.gif
بۇغۇ ياخشى ئىش بوپتۇ.لىكىن مىنىڭ تىمام نىمشقا تەستېقلا ...

تېما تەستىقلاش تۈزۈمى (چوقۇم كۆرۈڭ)
/thread-25888-1-1.html

MTV يوللانغان ۋاقتى 2013-11-24 18:18:20

ADiL يوللىغان ۋاقتى2013-11-24 18:08:59 static/image/common/back.gif


تېما تەستىقلاش تۈزۈمى (چوقۇم كۆرۈڭ)
/thread
10 تەڭگەمنى ئىلىپ ماڭا ياخشى ئەپ كۆرسەتكەيلا :victory:

ئەلتبەر يوللانغان ۋاقتى 2013-11-24 19:17:53

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تورداشلارنى   مۇبارەكلەيمەنبوبارەك بۇلسۇن :handshake

armanjan181 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-24 19:24:55

ھەسىلەرنىتەبرىكلەيمەن

arkinjuma يوللانغان ۋاقتى 2013-11-24 20:48:07

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۆھپىكارلارنى بارلىق روھلان ئەھلى نامىدىن قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

AKYAR يوللانغان ۋاقتى 2013-11-24 21:05:20

روھلاندا تىخىمۇ كوپ توھپىكار ئۇستازلارنىڭ يىتىشىپ چىقىشنى چىن كوڭلۇمدىن ئۇمۇد قىلىمەن
بەت: [1] 2 3 4
: تۆھپىكار ئەزالار مۇكاپاتىنى ئېلىۋېلىڭ