AKYAR يوللانغان ۋاقتى 2013-11-20 22:01:49

ھەقسىز سېستىما ئەخلەتلىرىنى تازىلاش ۋە ئەلالاشتۇرۇش قورالى-CCleane

بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرىدىغان قورال CCleaner بولسا بىر خىل سېستىما ئەخلەتلىرىنى تازىلاش ۋە ئەلالاشتۇرۇشتا يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن ھەقسىز يۇمشاق دېتال! CCleaner سېستىمىڭىزدىن ئىشلىتىلمەيدىغان كېرەكسىز ھۆججەت ۋە ئەخلەتلەرنى ئىزدەپ تېپىپ تازىلاپ بېرەلەيدۇ، Windows مەشغۇلات سېستىمىڭىزنى تېخىمۇ تېز، ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرۇپ، قاتتىق دېسكا سىغىمىنى زور دەرىجىدە تېجەپ بېرەلەيدۇ!
سىناپ ئىشلىتىش جەريانىدا CCleaner بىردەمدىلا 2GB تىن ئارتۇق ئەخلەت ھۆججەتلەرنى تازىلاپ بەردى، ھەقىقەتەن قالتىس قورالكەن، Windows7 نى مۇكەممەل قوللايدىغان بولۇپ، ناھايىتى ياخشى خىزمەت قىلىدىكەن
CCleaner نىڭ يەنە بىر چوڭ ئىقتىدارى بولسا، ئىشلەتكۈچىنىڭ تورغا چىقىش خاتىرىسىنى تازىلاش. CCleaner نىڭ سىغىمى كىچىك، قوزغىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، ۋاقىتلىق ھۆججەت، مەشغۇلات خاتىرىسى ھۆججەتلىرى، ئەخلەت ساندۇقى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ھۆججەت تازىلاش ئېلىپ بېرىپلا قالماستىن يەنە، Windows نىڭ تىزىملاش جەدۋېلى(RegEdit)گە نىسبەتەن كېرەكسىز ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە تازىلاش ئىقتىدارى بار، قوشۇمچە يۇمشاق دېتاللارنى سېستىمىدىن چىقىرىپ تاشلاش ئىقتىدارى قوشۇپ قويۇلغان، Cookies تازىلاشتا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى، بىرلا ۋاقىتتا FireFox، IE قاتارلىق قاتارلىق تور كۆرگۈلەرنى قوللايدۇ. ھېچقانداق لۈكچەك قىستۇرما ياكى ئەخلەت پروگراممىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بولۇپ، نۆۋەتتە جەمئىي 26 خىل دۆلەت تىلىنى قوللايدۇ.
CCleaner ئەخلەت ھۆججەتلەرنى تازىلاشتا باشقا يەنە يۇمشاق دېتاللارنى Windows مەشغۇلات سېستىمىسىدىن چىقىرىپ تاشلاش ئىقتىدارىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان. بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان بىر قىسىم جاھىل قوراللارنى ئەخلەتلىرى بىلەن قوشۇپ تازىلىۋېتىشكە بولىدۇ.
CCleaner بىرلا ۋاقىتتا يەنە Opera،FireFox،IE قاتارلىق جاھاننامىلەرنى قوللايدۇ، ناھايىتى ئاسانلا زىيارەت خاتىرىسى، Cookies، ئاپتوماتىك تاماملاش خاتىرىسى قاتارلىقلارنى تازىلىيالايدۇ. ھەتتا بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللارغا نىسبەتەن "يېقىندا ئېچىلغان ھۆججەتلەر" تىزىملىكىنىمۇ تازىلىيالايدۇ! مەسىلەن: Media Player ، Netscape ،MS Office ،Adobe Acrobat ،WinRAR قاتارلىقلار .
مەنبە: تەدبىركار

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-11-20 22:04):
چۇشۇرۇش ئادىرسى
                           http://share.weiyun.com/5ae85d06c464f0cc5ecd9bf3db8013be

                        http://soft.hao123.com/soft/appid/3563.html

DiLL يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 03:02:57

360قىمۇ يوللا پ قۇيغان بولسىڭىز ، كۇت كوت تور دىسكام پەقەت ئىچىلمايۋاتىدۇ

KaxkarPs يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 06:12:22

Quxurup sibap baksak bolhidak

شىپا يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 10:24:37

ياخشىكەن   ياخشىكەن

ئەپ. يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 10:52:16

ھەقىقەتەن ياخشىئىكەن ، مەن سىناپباقتىم . رەخمەت سىزگە. بەك پەيزى ئىكەن .

armanjan181 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 13:50:54

360ياكى بەيدۇ توردىسكىسىغايوللاپقويسىڭىزبوپتىكەنقىرىندىشىم

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 14:31:18

مەندە بۇنىڭ خەنچىسى بارتى يەنە كىلىپ يىڭىسى، بۇنىڭ ئالدىدا مىنىڭكى پادىشاھكەن دەڭلا.

جام يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 13:17:57

NuRaLiJaN يوللىغان ۋاقتى2013-11-21 14:31 static/image/common/back.gif
مەندە بۇنىڭ خەنچىسى بارتى يەنە كىلىپ يىڭىسى، بۇنىڭ ئال ...

ئاشۇ «پادىشاھ» نى يوللاپ قويامسىز قانداق، بىزمۇ «پادىشا» نىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ باقايلى :lol
ھە راست بۇ تېمىدىكى ھەم سىز دېگەنلەرxp دا ئىشلەمدۇ- ئىشلىمەمدۇ؟

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 14:30:25

100دە200پېرسەنىت ئشلەيدۇ

zulpikar0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-23 15:14:53

ئۈنۈمى قانداقراقكەن؟ئەخلەت دەپ بىرقىسىم سېستىما ھۆججەتلىرىنىۇ تازىلىۋىتىپ ئاۋارچىلىققا قالىدىغان ئىش بوپ قالمىسۇن يەنە.....
بەت: [1] 2
: ھەقسىز سېستىما ئەخلەتلىرىنى تازىلاش ۋە ئەلالاشتۇرۇش قورالى-CCleane