باش سۈرىتى يوق ئەزالارغا باش سۈرەت تەييارلاندى
بىز روھلان تور بېكىتىمىزدە يېڭىدىن ئەزا بولغان تورداشلارغا قارىتا چوقۇم باش سۈرەت چىقىرىش تەلىپىنى قويمىغان بولساقمۇ خېلى كۆپ پائالىيەتچان ئەزالار ئۆزىگە خاس باش سۈرەتنى چىقىرىپ ئىشلىتپ كېلىۋاتقلى ئۇزۇن يىللار بولدى، ئەمما يەنە بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ۋاقتى يوقمۇ، رەسىم ياسىيالمىدىمۇ، رەسىم چىقىرىشنى بىلەلمىدىمۇ ياكى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي باش سۈرىتىنى چىقىرىشنى خالىمىدىمۇ ئىشقلىپ سۈرەت چىقارمىدى، شۇڭا بىز 20 دانە خانىم -قىزلىرىمىز ۋە ئەرلەرگە لايىق كېلىدىغان باش سۈرەت ئىشلەپ تەييار قىلىدۇق، بۇ سۈرەتنىڭ رازمېرى 200*200 پىكسىل بولۇپ، باش سۈرەت ئۆلچىمى بۇيىچە ياسالغان، ئارتۇقچە چوڭايتىش-كىچىكلىتىش كەتمەيدۇ.تۆۋەندىكى ئادرىستىن باش سۈرەتلەرنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغاننى تاللاپ، بەت ئۈستىدىكى تەڭشەك دېگەن خەتنى چەككەندىن كېيىن، ئېچىلغان بەتنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى باش سۈرەت يېڭىلاش دېگەن ئۇلانمىنى چەكسىڭىز، باش سۈرەت يېڭىلاش ئۇلانمىسى ئېچىلىدۇ، شۇ يەردىن ئاستىدىكى 选择图片 دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ چىقارماقچى بولغان رەسىمنى تاللاپ بەرسىڭزلا بولىدۇ.
بۇ رەسىملەر سىزگە ماس كەلمىسە ياكى ياقتۇرمىسىڭىز، ئۆز كومپيۇتېرىڭىزدىكى ئۆزىڭىز ياقتۇردىغان سۈرەتلەرنى ياكى ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي رەسىمىڭىزنى باش سۈرەت قىلپ بەلگىلىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
دىققەت: باش سۈرەت مۇنبەردىكى ئورنىڭىز، دەرىجىڭىز، ئىناۋىتىڭىز ۋە تورداشلار بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا باش سۈرەتنى تاللاپ، بىرلا قېتىم چىقىرىڭ، كۆپ قېتىم باش سۈرەت ئالماشتۇرماڭ، دىنى سۈرەتلەرنى، ئېلان خاراكتىرىنى ئالغان سۈرەتلەرنى ۋە باشقا ئەخلاققا ماس كەلمەيدىغان باش سۈرەت چىقارغۇچىلارنىڭ باش سۈرىتى يىنىك بولسا ئەسكەرتمە بېرىلىدۇ، ئېغىر بولسا باش سۈرەت ئۆچۈرۈلىدۇ ياكى ئەزالىق ھېسابات چەكلىنىدۇ.
باش سۈرەتلەر توپلىمىنى چۈشۈرۈڭ:
rohlan bax surat.zip
rohlan bax surat.zip(600.66K)
قوللايمەن ناھايتى ياخشى بوپتۇ. كۆ رۈپ باقتىم .ئۇلۇغلىرىمىزنى ئەسلەپ تۇرالايدىكەنمىز. gulnar38 يوللىغان ۋاقتى2013-11-16 19:44 static/image/common/back.gif
يانفوندا باش سۈرەت يوللىغىلى بولمايدىكەن كومپيۋتېرخا ...
سىز روھلاننىڭ يانفۇن تېرمىنالىغا كىرىپ ، تېما كۆرۈپ، ئىنكاس يېزىپ بولۇپلا چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن ئوخشايسىز، تېخىمۇ كۆپ دېگەنگە كىرسىڭىزلا سىزنىڭ ھازىرقى باش سۈرىتىڭىز كۆرۈنىدۇ، شۇ يەردىكى باش سۈرىتىڭىزنى چەكسىڭىز يانفۇن ئاپاراتىدا رەسىمگە تارتىپ چىقىرىش ۋە يانفۇندىكى رەسىمنى يوللاشتىن ئىبارەت ئىككى تاللاش تۈرى بار، سىز مۇشۇ .ىككى تۈرنىڭ خالىغان بىرى ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ باش سۈرىتىنى بەلگىلىۋالالايسىز. مەشھۇر شەخىسلىرىمىزمۇ باركەن. باش سۈرىتى يوق ئەزالارنىڭ باش سۈرىتىنى تاللىۋېلىشى ئۈچۈن ياخشى يوللىنىپتۇ،ئاتامانغا كۆپ رەھمەت!شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئۆزۈمنىڭ بېشىنى ئىشلىتىۋېرەي. ھەممىمىز ئۆزىمىزگە ۋەكىل بولۇپ ئۆزىمىزنىڭ باش سۈرىتىنى ئىشلەتسەك ياخشى بولاتتى ئەسلى . بىز يا جىنايەتچى ياكى باشقىلاردىن قېچىپ يۈرگەن قۇيمىچى بولمىغاندىكىن .