abduweli.osman يوللانغان ۋاقتى 2013-11-15 00:15:37

Microsoft office2013نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى

Microsoft office2013نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى

«Microsoft Office Language Interface Pack 2013 – ئۇيغۇرچە» تۆۋەندىكى Microsoft Office 2013 ئەپلىرىنى تەرجىمە قىلىنغان ئارايۈز بىلەن تەمىنلەيدۇ:

Microsoft Excel® 2013

Microsoft OneNote® 2013

Microsoft Outlook® 2013

Microsoft PowerPoint® 2013

Microsoft Word 2013


«Microsoft Office Language Interface Pack 2013 – ئۇيغۇرچە» ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىلەر Office ئەپلىرىنى ئەسلى قاچىلانغان تىلدا ئىشلىتەلىگەندىن باشقا، بۇيرۇق ۋە تاللانمىلارنى ئۇيغۇرچە كۆرەلەيدۇ.

Microsoft Office Language Interface Pack 2013 نى قاچىلاش جەريانىدا، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئارايۈز تىلىنى ئۆزگەرتىشىنى تەمىن ئېتىدىغان ھۆججەتلەر نىشان قاتتىق دىسكىغا كۆچۈرۈلىدۇ. قاچىلاش تاماملانغاندىن كېيىن، Office 2013 ئەپلىرى ۋە Microsoft Office 2013 نىڭ تىل تەڭشەش ئورنىدا «Microsoft Office Language Interface Pack 2013 - ئۇيغۇرچە» نى ئىشلەتكىلى ۋە تاللىغىلى بولىدۇ.

قوللايدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى:
Windows 8
Microsoft Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى - 32 ياكى 64 بىتلىق
ئەسكەرتىش: مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تىلىڭىزنى كۆڭۈلدىكىدەك قوللىشى ئۈچۈن، ئەڭ يېڭى مۇلازىمەت بولىقىنى قاچىلاڭ.

يۇمشاق دېتال Office 2013 نىڭ Microsoft Excel, Microsoft OneNote, Microsoft Outlook, Microsoft PowerPoint ياكى Microsoft Word نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ياكى «Microsoft Office Language Interface Pack 2013 - ئۇيغۇرچە» نى قوللايدىغان ھەرقانداق يۈرۈشلۈك ياكى مۇستەقىل نۇسخىسى. دىققەت: Microsoft Office مەھسۇلاتلىرىغا Microsoft Office نىڭ ئەڭ يېڭى مۇلازىمەت بولىقىنىڭ قاچىلانغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ. بۇ ياخشى ئىشلىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشىشنىڭ كاپالىتى.

كومپيۇتېر ۋە مەركىزىي بىرتەرەپ قىلغۇچ SSE2 نى قوللايدىغان 1 GHz لىق ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەركىزىي بىرتەرەپ قىلغۇچ؛ 2 GB لىق ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى RAM بولۇشى كېرەك

دىسكا بوشلۇقى قاچىلانغان Office 2013 ئەپلىرى ئىشلەتكەن قاتتىق دىسكا بوشلۇقىدىن باشقا،
3 GB بوشلۇق بولۇشى كېرەك.

باشقا تەلەپلەر سىز «Microsoft Office Language Interface Pack 2013 - ئۇيغۇرچە» بىلەن ئىشلىتىۋاتقان Office 2013 ئەپلىرىنىڭ سىستېما تەلەپلىرى بىلەن ئوخشاش.


Windows Language Interface Pack مەشغۇلات سىستېمىسى ھەمدە ئەپلەرنىڭ تىلىنى كۆڭۈلدىكىدەك كۆرسىتىش ئۈچۈن، Windows 7 ياكى Windows 8 نىڭ ئەڭ يېڭى Language Interface Packs نى قاچىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئېكران ئېنىقلىقى ۋە DPI تەڭشىكى كۆپلىگەن خەت نۇسخىلىرى 1366x768 لىق ئېكران ئېنىقلىقىغا ماسلاشتۇرۇپ ياسالدى. ئەگەر ئۆز تىلىڭىزدىكى خەتلەرنى ئوقۇشتا قىينالسىڭىز، ئېكران ئېنىقلىقىنى شۇنىڭغا، ياكى زۆرۈر بولسا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى ئېنىقلىققا تەڭشەڭ. دىققەت قىلىڭ: Office 2013 نى Windows نىڭ باش DPI تەڭشىكىدە 96 DPI گە تەڭشەپ ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. 120 DPI گە تەڭشىگەندە بەزى Office ئەپلىرىنىڭ كۆزنىكى بەك چوڭ ئېچىلىپ، قوللانچىلار Office نى ئىشلىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈنۈمىگە ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن.

رايون ۋە تىل تاللانمىلىرى يەنە شۇنى تەۋسىيە قىلىمىزكى، «تىزگىن تاختا» دىكى «رايون ۋە تىل تاللانمىلىرى» «Microsoft Office Language Interface Pack 2013 - ئۇيغۇرچە» نىڭ تىلىغا تەڭشىلىشى كېرەك.



Microsoft ئورگان تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈڭ.

http://www.microsoft.com/ug-CN/download/default.aspx

بۇ چۈشۈرۈلمىنى قاچىلاش ئۈچۈن:
ئۈستىدىكى «چۈشۈرۈش» كونۇپكىسىنى چېكىپ، LanguageInterfacePack.exe نى چۈشۈرۈڭ ۋە ھۆججەتنى قاتتىق دىسكىڭىزغا ساقلاڭ.
ئاندىن قاتتىق دىسكىڭىزدىكى LanguageInterfacePack.exe پىروگرامما ھۆججىتىنى قوش چېكىپ، قاچىلاش پىروگراممىسىنى قوزغىتىڭ.
ئېكراندىكى كۆرسەتمىلەر بويىچە داۋاملاشتۇرۇپ، قاچىلاشنى تاماملاڭ.
قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، Microsoft Office 2013 Language Interface Pack نىڭ چۈشەندۈرۈش ھۆججىتىنى C:\Program Files\Common Files\microsoft shared\OFFICE15\1152\LIPread.htm دىن تاپالايسىز.
Office 2010 نى Office 2010 Language Interface Pack بىلەن يېڭىلاشقا ياكى Office 2013 Language Interface Pack بولغان Office 2013 تىن ئىلگىرىكى نۇسخىلارغا يېڭىلاشقا بولمايدۇ. ئەگەر Office 2010 نى Office 2013 Language Interface Pack نى ئۆز ئىچىگە ئالغان Office 2013 كە يېڭىلىماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك قىلىڭ:
Office 2010 Language Interface Pack نى ئۆچۈرۈڭ.
Office 2013 نىڭ قاچىلىغۇچىسىنى قوزغىتىپ، يېڭىلاش تاللانمىلىرىنى تاللاڭ.
Office 2013 نى قاچىلاش تاماملانغاندا، Office 2013 Language Interface Pack نى قاچىلاپ تەڭشەڭ.

مەنبە: مىكروسوفت تور بېكىتى

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2013-11-15 00:25:58

مۇشۇ كۈنلەردە تولىمۇ ئېسىل ئىشلار بارلىققا كېلىۋاتىدۇ جۇمۇ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان ئالىم مۇئەللىم باشچىلىقىدىكى ئەزىمەتلەرنىڭ تېنى ساغلام، ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي.

KaxkarPs يوللانغان ۋاقتى 2013-11-15 00:26:10

Yahxi boptu ata torha qikipila quxurwalmisam rahmat kirindixim man tot kozum bilab saklawatkan

خاككىر927 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-15 00:37:27

ADiL يوللىغان ۋاقتى2013-11-15 00:25 static/image/common/back.gif
مۇشۇ كۈنلەردە تولىمۇ ئېسىل ئىشلار بارلىققا كېلىۋاتىدۇ ...

بايام بۇ تىمىنى كۆرمەيلا مەنمۇ يوللاپتىمەن ئوخشاش بىر تىمىنى ....كىيىن قاپتىمەندە....:ow

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2013-11-15 00:43:57

买买提艾力 يوللىغان ۋاقتى2013-11-15 00:26 static/image/common/back.gif
Yahxi boptu ata torha qikipila quxurwalmisam rahmat kirindixim man tot kozum bilab saklawatkan

office2013 نى سېتىۋالغانما؟

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2013-11-15 00:44:22

خاككىر927 يوللىغان ۋاقتى2013-11-15 00:37 static/image/common/back.gif
بايام بۇ تىمىنى كۆرمەيلا مەنمۇ يوللاپتىمەن ئوخشاش بى ...

شۇڭا تەكرار تېما دەپ ئۆچۈرۈپ سالدىمغۇ :lol

خاككىر927 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-15 00:55:19

ADiL يوللىغان ۋاقتى2013-11-15 00:44 static/image/common/back.gif
شۇڭا تەكرار تېما دەپ ئۆچۈرۈپ سالدىمغۇ

ھى ھى،،ھېچقىسى يوق،ئېتىم بىرقەدەم كېيىن قاپتۇ ئەمەسمۇ..:ow:ow:ow

KokZat يوللانغان ۋاقتى 2013-11-15 03:28:46

رەخمەت.ئانا تىلنىڭ ھوزۇرىنى بىر سۈرۋالايجۇمۇ.

مارىس يوللانغان ۋاقتى 2013-11-15 03:56:11

ئانا تىل توغىرسىدىكى تېمىلار مىنى ھەققەتەن خۇشال قىلىدۇ~!ئاناتىل تەتىققاتى توغىرسىدا ئەۋلاتلارنى تەربىيەلەشكە ئەھىميەت بىرلسە تېخمۇ ياخشى ئۈنۈمىگە ئىگەبۇلاتتۇقتە~~!

KaxkarPs يوللانغان ۋاقتى 2013-11-15 08:25:08

ADiL يوللىغان ۋاقتى2013-11-15 00:43:57 static/image/common/back.gif


office2013 نى سېتىۋالغانما؟
 hanzularnigi tor bitidin quxurup koyhan hanzuqa tili bolikini kaqlisam normal tunihan amdi uyhurqa tili bolikini kaqilap bakiman .
بەت: [1] 2
: Microsoft office2013نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى