تېما تەستىقلاش تۈزۈمى (چوقۇم كۆرۈڭ)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك روھلانداشلار.نۆۋەتتە روھلان تور بېكىتىگە يوللىنىدىغان تېمىلارمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقان، ئەزالارمۇ كۆپىيىۋاتقان شۇ مەزگىلدە تېمىنىڭ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئەزالىرىمىزمۇ، باشقۇرغۇچىلىمىزمۇ كۆپىيىپ قېلىۋاتىدۇ، شۇڭلاشقا بۇا تېما يوللىغۇچىلار ۋە باشقۇرغۇچىلارغا ئورتاق يوللاندى، مۇشۇ تېمىنىڭ روھى بۇيىچە تېما، ئىنكاس تەستىقلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، مۇشۇ تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغان تېمىلارغا قارىتا، تېما ئېگىسىگە تەستىقلانماسلىق سەۋەبى يوللانمايدۇ ۋە ئەسلى ئورگىنال تەمىنلەپ بېرىلمەيدۇ.
روھلان تور بېكىتىدە تەستىقلانمايدىغان تېمىلار ۋە تېما مەزمۇنى:
1. ماۋزۇسىغا «ياردەم، جىددى ياردەم، ياردەم قىلىڭلار....» دېگەندەك مەزمۇندىكى تېمىنىڭ مەزمۇنى بىلەن ماۋزۇسى ماسلاشمىغان تېمىلار قانچىلىك جىددى، ئېھتىياجلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تەستىقلانمايدۇ.
2. تېمىسىنىڭ ئىملا خاتالىقى بىر قەدەر كۆپ، ئانا تىلنى بۇزۇپ ئىشلەتكەن، ماۋزۇسىنى خەنزۇچە قويغان، تېما مەزمۇنىدىمۇ بىر تال ئۇيغۇرچە مەزمۇن بولمىغان تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ.
3. دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-سىياسەتلىرىگە زىت بولغان، بۆلگۈنچىلىك، قۇتراتقۇلۇق تۈسىنى ئالغان، مىللىي زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، دىنىي ئەركىنلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان، قوش تىل مائارىپىغا قارشى بولغان ، شەھۋانى تۈس ئالغان،ماقالە، شېئىر، رەسىم، ئاۋازلىق ئەسەر، ئېلكىتاب،كىنو، ناخشىلارنى يوللاشقا يول قويۇلمايدۇ. تېما ئىنكاسلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ ۋە يولىغۇچىنىڭ ئەزالىق نامى چەكلىنىدۇ.
4. بېكەتكە ئىلگىرى يوللىنىپ ھەل قىلنغان ياردەم تېمىلىرىمۇ تەستىقلانمايدۇ، روھلاننىڭ ئىزدەش ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ بېقىپ، تاپالمىغاندا ئاندىن يوللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بەتنىڭ ئۈستىدىكى چوڭ بىر قۇرغا ئىزدەش رامكىسى شۇنىڭ ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەگەر شۇنچە چوڭ ئىزدەش رامكىسىنىمۇ تاپالمىغان بولسىڭىز بۇ ئىزدەش ئادرىسىغا كىرىپ، مۇنبەردىن ئىزدەڭ: /search.php
5. تەكرار تېمىلار تەستىقلانمايدۇ.
6. بىر تال يۇمۇر، بىر تال تېپىشماق، بىر كۇبلىت شېئىرنى بىر تېما قىلىپ يوللىغان بولسا تەستىقلانمايدۇ.
7. تېمىنىڭ ماۋزۇسى بىلەن مەزمۇنى ماس كەلمىسە تەستىقلانمايدۇ، مەسىلەن: جىددى خوش خەۋەر، ئۇيغۇر بولسىڭىز كۆرۈپ بېقىڭ، قانداق قىلسام بولار؟ ماڭا مەسلىھەت بەرسەڭلەر...... دېگەندەك.
8. تەركىبىدە دىنى مەزمۇن بار بولغان ئېلكىتاب، سۈرەتلىك، سۈرەتسىز ناخشا، رەسىم، شېئىر ماقالە،.... قاتارلىق دىنى مەزمۇنلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ، دىنى مەزمۇنلارنىڭ دىنى تور بېكەتلەردە، مائارىپ، كومپيۇتېر تېمىلىرىنىڭ تېخنىكا، مائارىپ تور بېكەتلىرىگە يوللانغىنى ئەۋزەلدۇر.
9. باشقا تور بېكەتلەردىن كۆچۈرۈپ كەلگەن تېمىلار، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان تېمىلار تەستىقلانمايدۇ، مۇھىم تېمىلار بولسا چوقۇم ئەسلى مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن بولسا تەستىقلىنىدۇ. بايقالماي تەستىقلىنىپ قالغان بولسا كېيىن بايقالغاندا ھەسسىلەپ جۇغلانما تارتىلىپ، ئاندىن تېما ئۆچۈرۈلىدۇ.
10. سەھىپىسى توغرا تاللانمىغان تېمىلار تەستىقلانمايدۇ، مەسىلەن: مائارىپ دېتاللىرى سەھىپىسىگە تور بانكا بىلىملىرىنى، تور بىلىملىرى سەھىپىسىگە شېئىرنى، باشلانغۇچ دەرسلىكى سەھىپىسىگە ناخشىنى يوللىسىڭىز دېگەندەك.
11. ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش قوشۇلمىغان، چۈشۈرۈش ئۇلانمىسى نورمال ئەمەس تېمىلار تەستىقلانمايدۇ، مەسىلەن: سىزگە بىر تال ئەپ ئېلپ كەلدىم ، ئىچىدە نېمە بارلىقىنى چۈشۈرسىڭىز بىلىسىز دېگەندەك تورداشلارنىڭ ۋاقتىنى ئالىدىغان تېمىلارتەستىقلانمايدۇ.
12. روھلان تور بېكىتى قۇرغۇچىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ھەر قانداق سودا خاراكتىرىدىكى تېمىلىرى تەستىقلانمايدۇ.
(سەۋەبى: بۇرۇنلاردا روھلانغا سودا-سېتىق، ھەقلىق مۇلازىمەت تېمىسى يوللاپ، روھلاندىكىلەر ئالدامچىلىققا ئۇچرىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت، شۇڭا روھلاندىكى ئەزالارنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكى ۋە تور بېكىتىمىزنىڭ ئىناۋىتىگە تاقىشىدىغان بۇ خىلدىكى تېمىلار ئاۋال كېلىشپ، مۇانسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەمىنلىگەندىن كېيىن ، ئاندىن تەستىقلىنىدۇ)
13. ئادەم ئويلاپ قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىپ يىتەلەيدىغان تۇرۇپمۇ يوتقاندىن چىقىپلا يوللىغان تېمىلار تەستىقلانمايدۇ، مەسىلەن: كومپيۇتېرىمنىڭ قاتتىق دېسكىسى كۈيۈپ كەتتى قانداق قىلىمەن؟ (ئالماشتۇرىسىزدە)، يانفۇنۇم يەرگە چۈشۈپ چېقىلىپ كەتتى قانداق قىلىمەن؟ (يېڭىدىن سېتىۋېلىشنىمۇ مەسلىھەت سورامتىڭىز) دېگەندەك تېمىلار.
14. تېمىغا ئىملاسى ئىنتايىن خاتا ھالدا ئىنكاس يوللىغان، خەنزۇچە ئىنكاس يوللىغان، ئادەم تىللىغان، ھاقارەتلىگەن، قۇتراتقۇلۇق قىلغان ئىنكاسلار بىردەك ئاگاھلاندۇرۇشقا ئۇچرايدۇ، بىر ئايدا 3 قېتىمغا يەتسە سىستېما ئاپتۇماتىك ئەزالىق ھېساباتىنى بىر ھەپتىلىك توختىتىدۇ، ئېغىرلىرىغا باشقۇرغۇچى بىر ئايلىق ياكى مەڭگۈلۈك يازما يوللاشنى چەكلەش جازاسى بېرىدۇ.
15. روھلانغا بىر تېما يوللاي دېگەن تېمىنى قانداق يوللايدۇ دەپ تېما يوللايدىغانلارمۇ بار ئىكەن، بۇنى دېمىسەممۇ بولاتتى، خۇددى «ئادىلجان ئىسمىڭىز نېمە؟»دېگەندەكلا ئىش قىلىدىغانلار بار ئىكەن.
16. ئەزالارنىڭ تەستىقلىنىپ بولغان تېمىسىنى تەھرىرلەش ھوقۇقى چەكلىنىپ مەزمۇن تولۇقلاش ئىتىقدارى ئېچىلىدۇ، ئەزالار تەستىقلىنىپ بولغان تېمىسىغا مەزمۇن قوشماقچى ياكى تەھرىرلىمەكچى بولسا تولۇقلاش ئقتىدارى بۇيچە مەزمۇن تولۇقلىسا بولىدۇ. (بۇ ئارقىلىق تېمىسى تەستىقلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئىچىدىكى مەزمۇننى ئۆزگەرتىۋېتىشىنىڭ ئالدى ئېلنىدۇ)
17. ھەر قانداق شەكىلدىكى ئىسپاتسىز، ئالدامچىلىق خاراكتىرىنى ئالغان، سىناقتىن ئۆتمىگەن پۇل تېپىش تېمىلىرى، چ چ قاتارلىق باشقىلارنىڭ ھېساباتىنى ئوغرىلاش تېمىلىرى، چەكلەنگەن تور بېكەتلەرگە چىقىش(تام ئاتلاش) تېمىلىرى تەستىقلانمايدۇ.
18. windows8 گە ئوخشاش ئۆز ئانا تىلىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان مۇھىم سىستېما ، ئۇيغۇرچە ھەقلىق تارقىتىلغان يۇمشاق دېتاللار، دەرسلىكلەر قاتارلىقلارنى ھەقسىز ئىشلىتىش ھەققىدىكى تېمىلار تەستىقلانمايدۇ.
19. بېكەتتىكى مەلۇم كىشى يەنى بېكەت باشلىقى، مەلۇم باشقۇرغۇچى ياكى مەلۇم بىر ئەزاغا دەيدىغان سۆزىنى تېما قىلىپ يوللىغان بولسسا تەستىقلانمايدۇ، ئۇ سۆزنى سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى ياكى قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە يوللىشى لازىم.
20. قوشنا بېكەتلەر مەخسۇس تۈر قىلىپ تۇتىۋاتقان ھەم شۇ بىكەتلەردە ئاللىقاچان ھەل بولغان تېمىلار روھلاندا قايتا مۇزاكىرە قىلىنمايدۇ، مەسىلەن: Discuz مۇنبەر سىستېمىسىغا دائىر تۈرلۈك مەسىلىلەر دېگەندەك.
بۇ تۈزۈم بۇنىڭدىن كېيىنئىزچىل مۇكەمملەشتۈرۈلىدۇ.
بۇ تېما تەستىقلاش تۈزۈمى ئىلگىرىكى تۈزۈم ئىجرا قىلىنغان ئاساستا 2013-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تولۇق ئىجرا قىلنىدۇ، باشقۇرغۇچىلارۋە ئەزالارنىڭ بۇ ئىشقا ئورتاق ئەھمىيەت بېرىپ، تور بېكىتىمىزدىكى تېمىلارنىڭ سۈپىتىگە ئەھميەت بېرىپ، جەمىيەت مۇقملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.
روھلان تور بېكىتى
2013-يىل 10-ئاينىڭ 28-كۈنى رەھمەت بىلىۋىلشقا تىگىشلىك مەسىلەر ئىكەن بۇندىن كىيىن مەنمۇ{:5_163:}دىققەت قىلسام بولغۇدەك بۇ تىما ياخشى بۇپتۇ ئەخلەت تىمىلارنىڭ كۆپ بولغىنىدىن ئاز بولسىمۇ پايدىلىنىش قىممىتى بۇلىشى كىرەك ئەگەر باشقۇرغۇچىلار تەستىقلاشقا تېگىشلىك ئىكەن، ئۆزۈم تۈزىتىپ قوياي دەپ قارىسا چوقۇم تېمىنى سەھىپىسى خاتا بولسا يۆتكىشى (تەستىقلاپلا تېمىغا كىرىپ يۆتكىۋەتسە بولىدۇ)، ئىملا ۋە ماۋزۇنى تەھرىرلىشى لازىم، ئەگەر ئۇنداق قىلىشقا ۋاقىت شارائىت يار بەرمىسە بىردەك تەستىقلاشقا بولمايدۇ. ناھايىتى ئەتراپلىق،ئورۇنلۇق تەكلىپ-پىكىر بوپتۇ. مۇنبەر تېمىللىرىنىڭ پاخاللىشىپ،مۇنبەرنىڭ ئابرۇيىغا تەسىر يەتمەسلىكى ئۈچۈن مېغىزلىق ئىنكاس-تىمىلارنى يوللايلى. توغرا ھەر بىر ياردەمگە مۇھتاج بولغۇچى ئالدى بىلەن مۇنبەرنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ،ئىزدەپ تاپالمىغاندا ئاندىن ياردەملىق تېما-ئىنكاسلارنى يوللىسا ناھايىتى ياخشى بولاتتى، ئەگەر ئىزدەپ باقمايلا جاۋاپ ئالىمەن دەپلا تېما يوللىسا، تېمىلىرى بىراقلا ئۆچۈرۈلىدۇ. شۇڭا ھەممەيلەن ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنايلى. روھلان تور بېتىنى ھەممىمىزنىڭ قوغداش مەجبۇرىيىتىمىز بار. ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق تەكلىپ-پىكىر بوپتۇ. مۇنبەر تېمىللىرىنىڭ پاخاللىشىپ،مۇنبەرنىڭ ئابرۇيىغا تەسىر يەتمەسلىكى ئۈچۈن سۈپەتلىك ئىنكاس-تىمىلارنى يوللاشقا ھەممەيلەن بىردەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. مەن ئىزچىل تەستىقلىغان تېمىلارنى ئالدى بىلەن بىر ئوقۇپ تەستىقلاپ يوقۇرىدا ئېيتىلغان نوقتىلارنىڭ بىرەرسى بايقالسا تەستىقلىماي ئۆچۈرۈپ تېما ئىگىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلىپ كەلگەن ئىدىم. ھەتتا بەزى تېما ئىگىلىرى ماڭا ئايرىم ئۇچۇر قىلىپ سەن قانچىلىك نىمىدىڭ........دىگەندەك زىتىمغا تېەىدىغان سۆزلەرنىمۇ قىلغان ئىدى. بۇ يەنىلا روھلاننىڭ ئەمىنلىگى ئۈچۈندە. قوللايمەن، ئاۋۇ 15 . ئەسكەرتىشنى مەنلا ئۈچۈن يوللاپسىز ھە ، مىنىڭ بلەمىگەن يىرىم بەيدۇ بوشلۇقىغا ساقلاپ قويغان بىرقانچە ئەپ بار دىسەك شۇ ئەپنىڭ ئورننى قانداق قىلىپ كۆرسىتىپ بىرمىز .…
بىلدىغانلا ئۈچۈن بەك ئاسان بىلمەن بىلمەيدىغانلاچۇ ، ؟؟؟ سىز بۇ ياقتىن بۇ تۈزۈمنى چىقىرىپ بولغۇچە بەزىلەر ئۇ ياقتىن 7. مەزمۇنغا خىلاپلىق قىپتۇ (مەن ئۇ تىما ئىگىسدىن كەچۈرۈم سورايمەن)