روھلان تورىغا قانداق تەكلىپ-پىكرىڭىز بار؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار.روھلان تورى كىچىكلىكتىن چوڭىيىپ، ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ بەلگىلىك ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكىنىگىمۇ خېلى ۋاقىتلار بولۇپ قالدى، شۇڭا روھلاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ۋە زىيارەتچىلەرگە تېخىمۇ قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن تەكلىپ-پىكرىڭىزنى ئايىماي، كۆڭلىگە كېلىپ قالارمۇ، مەندىن رەنجىپ قالارمۇ دېمەي، يۈرەك سۆزىڭىزنى قالدۇرۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بۇ تېمىدىكى ئىنكاسنى پەقەت مەنلا كۆرەلەيدىغان قىلىپ قويدۇم، خاتىرجەم بولۇپ، تەكلىپ-پىكرىڭىزنى يوللىسىڭىز بولىدۇ.
تەكلىپ-پىكىر بېرىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى تۈرلەر بۇيىچە خالىغانچە ئوتتۇرىغا قويساڭلار بولىدۇ.
روھلاننىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق تەرەققىيات پىلانى ياكى تۈر پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار بولسا بەلگىلىك جۇغلانما ۋە تۆھپە نۇمۇر بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
تەكلىپ-پىكىر بېرىش دائىرىسى:
1. بېكەتنىڭ سەھىپىلىرى(كەمچىلمۇ، ئارتۇقمۇ، قايسىلىرىنى قوشۇش، قايسىلىرىنى چىقىرىۋېتىش كېرەك)
2. بېكەتنىڭ كۆرۈنمە يۈزى (قايسى رەڭنى ئاساس قىلىش كېرەك، قاي ئورۇننى ياقتۇرىسىز، يەنە قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلسا تېخىمۇ مۇۋاپىق)
3.بېكەتنىڭ قوشۇمچە ئىقتىدارلىرى( سىز بېكەتنىڭ قايسى ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشنى ئۈمىت قىلىسىز، سىزگە قايسى ئىتقدارنى ئېچىپ بەرسەك بولىدۇ)
4. ئەزالار دەرىجىسى، ھوقۇقى ۋە جۇغلانما تۈزۈمى
5. ئوردىن تارقىتىش ۋە ئوردىن تۈرى
6. باشقۇرغۇچىلار ۋە تاللاش، شاللاش.
7. تېما، ئىنكاس تەستىقلاش، تەھرىرلەش تۈزۈمى
8.بېكەتكە ئېلان قۇيۇشقا قارىتا پىكرىڭىز بارمۇ؟
9. روھلاننىڭ يانفۇن تېرمىنالىغا قارىتا تەكلىپىڭىز بارمۇ؟
10 روھلاننىڭ يانفۇن web بېتىگە قارىتا تەكلىپىڭىز بارمۇ؟
11. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق شەخسىي تەكلىپ-پىكىرلەر بار؟
سىز يۇقارقىلاردىن بىر قانچىسىگە ياكى بىرسىگە ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارشى ياكى تەكلىپ-پىكرىڭىزنى، يېڭىلىق ۋە تۈر پىلانىنى قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.
ھەممەيلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، روھلان تور بېكىتىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەلىشىشىگە تۆھپە قوشايلى.