ADiL يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 23:14:51

تېما ئىنكاس يوللىغاندا دىققەت قىلىڭ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار.
بىز ئەسلى بۇ ھەقتە قايتا-قايتا تېما يوللاپ ئەسكەرتىپ تۇرمىساقمۇ بولاتتى، ئەمما نۇرغۇنلىغان تورداشلار يېڭىدىن سېپىمىزگە قوشىلىۋاتقان بولغاچقا پات-پات يېڭى تېما شەكلىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىۋاتىدۇ.

يېقىندىن بۇيان تور بىخەتەرلىكى كۈچىيىپ، توردىكى سەزگۈر مەزمۇنلار قاتتىق تەكشۈرىلىۋاتىدۇ، گەرچە روھلان تور بېكىتىمىز ئىزچىل بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولساقمۇ بىر قىسىم يېڭى، چۈشەنمەيدىغان ئەزالار ئىچىدە سىناپ بېقىش غەرىزىدە بولىدىغانلارنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ، شۇڭا تېما ئىنكاس يوللاش، باشقۇرغۇچىلار ئۈچۈن تەستىقلاش، ئۆچۈرۈش ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتىش بېرىپ ئۆتمەكچىمىز:

1. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن-نىزاملىرىغا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ تۈرلۈك نىزام، سىياسەت، ئۇقتۇرۇشلىرىنىڭ روھىغا خىلاپ ھالدا قانۇنسىز، بۆلگۈنچىلىك، قۇتراتقۇلۇق تۈسىنى ئالغان، مىللىي زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، دىنىي ئەركىنلىككە تەسىر يەتكۈزىدىغان، قوش تىل مائارىپىغا قارشى بولغان ، شەھۋانى تۈس ئالغان ماقالە، شېئىر، رەسىم، ئاۋازلىق ئەسەر، ئېلكىتاب،كىنو، ناخشىلارنى يوللاشقا يول قويۇلمايدۇ. شۇنداق تېما-ئىنكاسلارنى يوللىغان ئەزالار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، شۇنداق ئەزالارنىڭ ئۇچۇرى ئېنىقلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلىنىدۇ.

2. بولۇپمۇ تور دېسكىلاردا ئېقىپ يۈرگەن بىر قىسىم ئېلكىتاب، فىلىم، «ئاۋازلىق ئەسەر» نى يوللىغۇچىلار ئاۋال ئۆزى كۆرۈپ بېقىپ، ئاڭلاپ بېقىپ ئاندىن يوللىشى لازىم، ھازىر مۇشۇ خىلدىكى بىر قىسىم قۇتراتقۇلۇق، بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىنى ئالغان ماتىرىياللار تور دېسكىسىدا بىر قەدەر كۆپمىش.

3. روھلان تور بېكىتىدىكى بىر قىسىم سەھىپىلەر تەدرىجىي قىسقارتىلىدۇ ياكى يىغىلىدۇ ۋە ياكى يوقىتىلىدۇ، شۇڭا روھلان تورىنىڭ ئاساسىي خاسلىقىغا ماس كەلمەيدىغان تېمىلارنى يوللىماسلىق كېرەك، بولۇپمۇمەنبەسى ئېنىق بولمىغان خەۋەرلەر(جىددى بىزگە مۇناسىۋەتلىك، مەنبەسى ئىشەنچىلىك ئۇچۇرلار بۇنىڭ سىرتىدا)، دىنى، ئىسلامىي مەزمۇنلار (بېكىتىمىز ئىسلام تورى بولمىغانلىقتىن بۇ تۈرگە سەھىپە تەسىس قىلىنمىغان).



باشقۇرغۇچىلارغا:
1. ھەر قانداق تېمىدا تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يازىدىغان، قەستەن مىللى زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا ئۇرۇنغان مەزمۇندىكى ئىنكاسلارنى بىردەك ئاۋال ئاگاھلاندۇرۇش ئۇلانمىسىنى بېسىپ، ئاندىن ئۆچۈرۈش كېرەك. بۇنداق بولغاندا بۇ ئەزا ئۈچ قېتىملا ئاگاھلاندۇرۇشقا ئۇچرىسا سىستېما ئاپتۇماتىك ئەزانىڭ بارلىق ھوقۇقىنى چەكلەيدۇ.

2. بىر قانچە رەت ئۆچۈرۈپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنىڭ ip ئادرىسىنى خاتىرىلەپ، ئەزالارنىڭ يېزىش، يوللاش ھوقۇقىنى چەكلىۋېتىش لازىم.

3. يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان تېما ئىنكاسلاردىن باشقا، تېمىنىڭ ماۋزۇسىغا « ياردەم»، « ياردەم قىلڭىلار»، « كىم ياردەم قىلىدۇ» دەپلا تېما يوللايدىغان، تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى قويالمىغان تېمىلار قانچىلىك جىددى تېما بولۇشىدىن قەتئىينەزەر باشقۇرغۇچىلار تەستىقلىماسلىقى كېرەك، تەستىقلاشقا توغرا كەلسە چوقۇم تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى تەھرىرلىۋېتىشى لازىم.

4. ئانا تىلغا ھۆرمەت قىلىنمىغان، ئىملا خاتالىقى ئېغىر تېما ئىنكاسلار بىردەك ئۆچۈرۈلسە بولىدۇ، تېما ئىنكاس يوللىغۇچى قارشى چىقسا ئەزالىق نامى چەكلەنسە بولىدۇ.

يۇقارقىدەك قانۇنسىز، قۇتراتقۇلۇق خاراكتىرىدىكى، ماۋزۇسى تۇترۇقسىز تېمىلارنى يوللىغانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى ئېگە بولغاندىن باشقا، شۇنداق تېمىلارنى تەستىقلىغان باشقۇرغۇچىلارمۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ.



ئاخىرىدا تورداشلارغا يەنە بىر تەۋسىيەم: ھازىر مۇشۇ ئۈندىدار دېگەن نەرسىدە، دوستلار چەمبىرىكىدە كۆرگەنلا نەرسىنى يوللايدىغان، ئايلاندۇرۇپ يوللايدىغان ئەھۋاللار بەك ئەۋج ئېلىپ كېتىپتۇ، خەق يوللاپتۇ شۇڭا مەنمۇ مۇنداقلا يوللاپ قويغان دەپ تارقىتىپ يۈرىدىغان ئىشنى قىلىپ، ئۆزۈڭلارغا ئىش تېپىۋالماڭلار، مەنبەسى يوق، ئىشەنچىسىز، قۇتراتقۇلۇق خاراكتىرىدىكى مەزمۇنلارنى يوللىماسلىقىڭلارنى ۋە ئايلاندۇرۇپ تارقاتماسلىقىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھېسامكامنى ئاۋال ئۈندىداردا ئۆلتۈرۈپتى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىز بىلەن خوشلىشىپ كەتتى، بۇنىڭغا دائىر مىساللار بەكلا كۆپ، ئۆزۈڭلاردا مۇستەقىل مەيدان ۋە ئىشەنچ بولسۇن.

قالغىنى ئۆزۈڭلارنىڭ چۈشىنىشىگە قالدى

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 23:22:10

تورداشلار ۋاقىت چىقىرپ بۇ مەزمۇننىمۇ كۆرۈپ قويارسىلەر

جۇڭگودا تورداشلارنى كۈزۈتىدىغان 2 مىليون «تور ساقچىسى» بار
http://news.okyan.com/news/china/2013/1008/2972.html

bahit8 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 23:26:24

قوللايمەن مەۋجۈدلوق بولغاندىلا تەرەققىياتبولىدۇ.

azat007 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 23:35:21

تولىمۇ ئورۇنلۇق پىكرى بوپتۇ مەن قوللايمەن

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-10-19 23:37):
توغرا دەيسىز مەن كۆرگەن 2مىليۇن تور ساقچىسىنى

ئاسۇق يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 23:46:20

‹‹ پۇت يۈگرىكى ئاشقا ، ئېغىز يۈگرىكى باشقا ››دېگەن ماقال-تەمسىلنى ئەسلەتتىڭىز .

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-10-19 23:48):
سۆز ئېغىزدىن چىققۇچە ئادەم سۆزنى باشقۇرىدۇ ، ئېغىزدىن چىققان سۆز ئادەمنى باشقۇرىدۇ .

شاھيار88 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 00:26:06

ۋوججججۇن نىمە ئانداق كۆپ.

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 10:40:53

پۇت يۇگىركى ئاشقائىغىز يۇگىركى باشقا{:5_163:}

zulpikar0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 21:18:37

ئىسىمىزدە مەھكەم تۇتايلى!

AKYAR يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 22:03:40

ئىشقىلىپ روھلان مىنىڭ بىر بىلىم باغچام بولۇپ قالدى شۇنىڭ ئۇچۇن باغچامنى قوغداشتا بىركىشلىك ھەسسەمنى قوشىمەن

ئۈمۈد2 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 23:07:55

ئادىلجاننىڭ ئەسكەرتىش بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت. دىققەت قىلايلى دوسلار.
بەت: [1] 2
: تېما ئىنكاس يوللىغاندا دىققەت قىلىڭ