سابىر1 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 11:10:08

جاپاكەش ئۇستازلارنىڭ بايرىمىنى قۇتلۇقلايمەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Maarip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-9-10 12:22

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى مىللەتنىڭ ئۈمۈدى،كەلگۈسى ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان تۆھپىكار ئۇستازلار كەمىنەدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام;-) بۇگۈن سىلەرنىڭ بايرىمىڭلارنى چىن دىلىمدىن تەبىرىكلەيمەن،شۇڭا ئاددىي بولسىمۇ تۆۋەندىكى كۆڭۇل سوۋغامنى قوبۇل قىلشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن;-)


http://player.youku.com/player.php/sid/XNTg2Nzg2OTgw/v.swf

سابىر1 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 11:56:47

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باشقۇرغۇچىلار ئادىرىسنى تەھرىرلەپ قويساڭلار بوپتىكەن;-)

TURAN01 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 15:20:05

بارلىق روھلان تورىدىكى ئوقۇتقۇچىلانىڭ بايرىمىغا مۇبارەكبولسۇن!

abduweli.osman يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 20:31:55

ئوقۇتقۇچى ئۇستازلازنىڭ ئەجىر مېھنىتىدىن دەشتى-چۆل، قۇم بارخانلىرىمۇ يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بوستانلىققا ئايلىنىدۇ.
بۇ ئاساسلىقى بىلىم باغچىلىردىكى باغۋەنلەرنى يېتەكلەيدىغان يېتەكچىلەرگە باغلىق بولۇپ، ئەگەر يېتەكچى ئاشۇ باغۋەنلەرنىڭ بىلىم-ئىقتىدارى ھەم رولىدىن توغرا ئۇسۇل بىلەن پايدىلانماي، ئۇلارنى قانداق بۇيرۇق بەرسە شۇنى ئورۇنلايدىغان ماشىنا ئادەم قاتارىدا كۆرىدىكەن ياكى ئۇلارنى قەيەردە قويۇپ قويسا شۇ يەردە تۇرىدىغان نەرسە قاتارىدا كۆرىدىكەن تەبئىيكى، شۇ جاينىڭ مائارىپىنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قىلىشى ھەتتا ئارقىغا چېكىنىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ.
يېڭى ئوقۇتقۇچى پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنى ئۇستاز تۇتۇپ كەسپى جەھەتتىن كۆپرەك ئۆگەنسە، پىشقەدەملەر «يېڭى»لارنى قولىدىن كېلىشچە كۆپرەك يېتەكلىسە.......
ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!

arkinjuma يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 22:27:08

بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىنى قۇتلۇقلايمەن،تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن،
ئابدۇللا ئابدۇررەھىمنىڭ بۇ ناخشىسىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن،بۇ ناخشىنى ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت مېھنەت ئىگىسىگە بېغىشلانغان ئەڭ ياخشى ناخشا دېيىشكە بولىدۇ.

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2013-12-1 04:05:17

ئوقۇتقۇچېلارغا تەشەككۇر
بەت: [1]
: جاپاكەش ئۇستازلارنىڭ بايرىمىنى قۇتلۇقلايمەن