بۇ ئىشلارغا نېمە دېگۈلۈك.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! روھلاندىكى بارلىق دوستلار،جانابى ئاللاھتىن ھەممىڭلارنىڭ تىنىگە ساقلىق تىلەيمەن.مېنىڭ بېشىمغا يېقىندىن بىرى مۇنداق كۈلپەتلەر (كىچىك بولسىمۇ كۈلپەت دەپ ئاتاۋەردىم)كەينى كەينىدىن كەلگىلى تۇردى.
نەق گەپنى ئۇدۇللا دەۋېرەي.
8-ئاينىڭ24-كۈنى كەچتە مەن ئىشلىتىۋاتقان 1404717160 نومۇرلۇق QQ تۇيۇقسىز ئېچىلمىدى(باشقىلار تەرىپىدىن ئوغۇرلانغىنى ئېنىق)
8-ئاينىڭ25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 12ياشلىق ئوغلۇمنىڭ ياردىمى بىلەن(مەن خەنزۇچىدىن قارا ساۋاتسىز بولغاچقا ئوغلۇمنى ياردەمگە سالدىم)بۇ ئىگىسىدىن يۈز ئۆرىگەن QQ نى قايتۇرۇپ ئەكەلدىم.
8-ئاينىڭ25-كۈنى چۈشتن كېيىنھېلىقى نائەھلى تەرىپىدىن يەنە ئوغۇرلاندى.
ئوغۇرلانغان QQ نىڭ ماڭا كەلتۈرگەن زىيىنى تۆۋەندىكىدەك بولدى.
1.شايار مائارىپ توپىغا سېرىق مەزمۇندىكى رەسىملەرنى يوللاپ مېنى شەرمەندە قىلدى.(بۇنى بىر دوستۇمنىڭ تېلفۇن قىلىشى بىلەن بىلدىم)
2.خېلى كۆپ ساندىكى تونۇش-بىلىشلەرگىمۇ سېرىق مەزمۇندىكى رەسىملەرنى يوللاش،ھاقارەتلەش،يەنە قىز-ئايال تورداشلىرىمغا ئورۇنسىز تەلەپلەرنى قويۇش قاتارلىق قىلمىشلار بىلەن مېنىڭ يۈزۈمنى چۈشۈردى.بۇلاردىن باشقا يەنە تىلغىمۇ ئېلىشقا بولمايدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار.
ئەمدى يەنە قانداق قىسمەتلەر كېلىدۇ بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ.
تورداشلاردىن شۇنى سورىۋالسام:مۇشۇ يوقالغان QQبىلەن قانۇنسىز ئىش-ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلسا (ئاللاھ ئۇكۈنلەرنى ھارام قىلسۇن)مەسئۇلىيىتىگە مەن ئىگە بولىمەنمۇ؟ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك؟ئاقىلانە جاۋابىڭلارنى كۈتۈپ:
توردىشىڭلار ئەركىن جۈمە.
2013-يىلى 29-ئاۋغۇست
بۇنى مەن بىلمەيدىكەنمە ،لىكىن QQرىڭىزنى قايتۇرۇپ كىلشىڭزنى تەۋسە قىلمە سادىر بولغان ئەھۋاللاردىن قارىغاندا چوقۇم سىزنى تونۇيدىغانلار قىلدىمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن،ئاشۇنداق رەسىملەرنى يوللاش ئۈچۈن، QQ دوستلىرىڭىزغا ئاشۇنداق گەپ سۆزلەرنى قىلىش ئۈچۈن QQ رىڭىزنى ئوغىرلىغىنىغا قارىغاندا. مەن سىزگە بىر ئامال كۆرسىتەي سىز ئەڭ ياخشىسى يېڭى چ چ دىن بىرنى ئېلىپ ئۇزىڭىزنىڭ ئوغۇرلانغان چ چ نى قاچىلاڭ ئاندىن سېرىق مەزمۇن ئەۋەتكەن شۇ چ چ رىڭىزنى تېڭشۇنگە ئەرىز قىلىڭ ئاندىن تېڭشۇن تەرەپ شۇ چ چ نى توڭلىتۋىتىدۇ قانۇنسىز ئىشلارنى ئېنىقلاش جەريانىدا بەزى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگۈچى قاتارىدا ئازىراق ئاۋارە بولىشىڭىز مۇمكىن. بىراق مەسئۇلىيەت ھەرگىز سىزگە كەلمەيدۇ. IP دەيدىغان نەرسە بار، پەقەت سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنى ئىشلەتمىگەن بولسىلا، سىز خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ.
ئەڭ ياخشىسى يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى تور ساقچىلىرىغا مەلۇم قىلىڭ.
ئىم (مەخپى شىفىر) ئىشلەتكەندە ھەرپ، رەقەم ۋە بەلگىلەرنى ئارىلاش ئىشلىتىڭ. مۇھىم ئىشلار ياكى شەخسىي تۇرمىشىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىم قىلىپ ئىشلەتمەڭ. سىز نىمىشقا مەخپى نۇمۇرنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرمايسىز ؟
يەنە بىر ئىش تىلفۇنغا ئولاپ قويۇڭ ، ئاندىن تېلفۇنغا چۈشۈردىغان بىر سىستىما بار كىيۇ كىيۇ شىركىتىنىڭ ئۆزىنىڭ شۇنى تىلفۇنغا قاچىلاپ نۇمۇرىڭىزنى تىزىملىتىپ قويۇڭ ، ئاندىن توغرا بەلگىسى قويۇڭ كىيىنكى قىتىم كىيۇ كىيۇ رىڭىزنى ئىچىش ئۈچۈن سىز چۇقۇم تىلفۇندىكى سىستىما چىقىرىپ بەرگەن نۇمۇرنى كىرگۇزۇپ ئاچىسىز بولمىسا ئاچالمايسىز .. ئۇ نا ئەھلىمۇ ھەرگىز ئاچالمايدۇ ئۇ ۋاقىتتا قانداق قىلاكى ... بۇ خىل ئەھۋال ماڭىمۇ ئۇچىرىغان، لىكىن بۇ ئوغىرى مىنىڭ نامىمدا باشقىلاردىن پۇل قەرىز سوراپتۇ، ياخشى يىرى دەسلەپتە بىر مەكتەپتىكى خىزمەتداشلاردىن قەرىز سورىغان بولغاچقا ۋاقتىدا بايقلىىپ دوسىتلارغا خەۋەر قىلىپ قويدۇم. بۇ ئوغىرى يەنە داۋاملىق مەخپى نۇمۇرنى يىشىپ چ چ رىمنى ئىچىۋاتىدۇ. ئاخرى بولماي چ چ نۇمۇرۇمنى بىكار قىلىۋىتىشكە ئىلتىماس قىلدىم. بۇ ئوغرىلارغا نىمە دىگۇلۇك.مەنمۇ ئامراقچ چرىمدىن ئايرىلىپ قالدىم ئەمەسمۇ . مەن دېگەنىدىم،ئۆزگەررسىڭىز يانا شۇنداق بوپتۇدە، ئۇ ئۇيغۇر ئەمەسمىكىن، پۇل تاپقاننىڭ ، ياتقاننىڭراسىمىنى ماڭىمۇ يوللىدى ،تور ئادىرسى خەنزۇچە . بۇرۇن مېنىڭمۇ شۇنداق بولۇۋېلىپمەخپى نومۇرنى مۇرەككەپ ئۆزگەرتكەندىن كېيىنئۇنداق بولۇپ باقمىدى. سىستېمىڭىزدا ۋىرۇس ئۆلتۈرگەچ پارول قايرۇرۇپ ھەرپ سان ۋە بەلگە ئارلاش شىفىر سېلىپ بېقىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۇ چ چنى پاش قىلىپ توڭلىتىۋتىڭ ، بىزمۇ قولمىزدىن كىلىشچە ياردەم قىلمىز . بىز مۇ سىز ئۈچۈن ئىزدىنىپ باقايلى
بەت:
[1]
2