سابىر1 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 00:01:26

تەپەككۇردىن تامچىلار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار سىلەرگە ئاددى بولسىمۇ تۆۋەندىكى تەرىملەرنى ئەپ كەلدىم ياقتۇرۇپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن
 1.  ئەرلەرنىڭ بىر قەدەم خاتالىقى ئاياللارنىڭ ئون قەدەم خاتالىقىغا ئىشىك ئاچىدۇ.
 2.ئەرلەر بۇزۇلسا باشقىلارغا ئىشلەيدۇ، ئاياللار بۇزۇلسا ئۆزىگە ئىشلەيدۇ.  
 3.ئوغلۇڭنى تۈزىيەلمەي تۇرۇپ قىزىڭنى تۈزەيمەن دەپ ئاۋارە بولما.
 4. دىلىڭنى يىغماي تۇرۇپ تىلىڭنى يىغالمايسەن.
 5.ئۆز ئىچىدىن بۇزۇلغان نەرسە ئەڭ تىز يوقايدۇ.
 6.ئاياللارنىڭ قولىدىكى شاراپ، پەرىشىلەرنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى كۆز يېشى.
7.ئاياللارنىڭ ئەخلاقىنى تويدىن بۇرۇن، ئەلەرنىڭ ساداقىتىنى تويدىن كىيىن سىنا.شۇ چاغدا خاتالاشمايسز               8.يىقىلىپ ياتقانلارنى يۆلىگىچە،يىقىلىپ قوپقوپقانلارنىڭ توپىسىنى قاق.
9.بىرىنجى سائەتلىك دەرستە ئوغلۇڭغا جاسارەتتىن،قىزىڭغا قانائەتتىن دەرس بەر.
10. ئوقۇتقۇچى روھىنىڭ زەئىپلىششى، مىللەت ئۇلىنىڭ شورلىششنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
11. قىلىچ كۆتەرگەن دۈشمىنىڭدىن، ئىتىقادسىز قوشناڭ يامان.
 12. ئىختىسادچىل بولۇش نامراتلارنىڭ بايلىقى،بايلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى.
 13. ئاجىزلارنىڭ پەلسەپىسىدە بىرىنجى سائەتلىك دەرس<ئەتە>دىن باشلىنىدۇ.
 14.دۇنيادا ئەڭ ئازاپ بىلەن ياشاپ،تىز ئۆلۈپ كىتىدىغان كىشى -يازغۇچى.
15.ئاتا-ئانىنىڭ ھاردۇقى پەرزەنتنىڭ، ئۇستازنىڭ ھاردۇقى شاگىرتنىڭ مۇۋەپپىقىيتىبىلەن چىقىدۇ.
 16.ئەنسىرەيدىغان ئادىمىڭ بولسىلا بەخىت دىگەن شۇ.
17. دوستىغا خىيانەت-مەڭگۈلۈك جىنايەت.
 18. ئاتا-ئاناڭنىڭ ئالدىدا يەرگەقاراپ قالماي دىسەڭ،مۇستەقىل ياشاشنى ئۈگەن.
مەنبە؛ مىسرانىم تورى

ئەلتبەر يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 09:53:10

ياخشى تەرمىلە كەن ...{:5_163:}
بەت: [1]
: تەپەككۇردىن تامچىلار