Meptun يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 11:21:21

دېھقانچىلىق دورىلىرىنى قۇدۇق سۈيىدە سۇيۇلدۇرماڭ

روھلان بىلىم تورى بولغاندىكىن بۇنىڭغا خاس سەھىپىلەرمۇ باركەن. شۇڭا سەھىپىنىڭ ئاۋاتلىشىپ قېلىشى ئۈچۈن ۋە روھلانغا ئەزا دېھقان دوستلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تۆۋەنكى تېمىنى تەڭرىتاغ تورىدىن ئەكەلدىم. تەپسىلى مەزمۇنى:
قۇدۇق سۈيىدە كالتسىي، ماگنىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار. ئەگەر لېگو، مارافون، شازاۋمېي، قۇرت يوقاتقۇچ، ئاتسېفاتېمېت قاتارلىق ئاقمايلىق دېھقانچىلىق دورىلىرى قۇدۇق سۈيىدە سۇيۇلدۇرۇلسا، سۇدىكى كالتسىي ۋە ماگنىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار ئاقماي بىلەن بىرىكىپ، چۆكمە ماددا ھاسىل قىلىۋېلىپ، دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئېمۇلسىيەلىشىش ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. سۇميېۋېي(تېز يوقاتقۇچى دورا)، يوپۇرماق دورىسى قاتارلىق نەملەشتۈرۈپ چېچىلىدىغان دېھقانچىلىق دورىلىرى قۇدۇق سۈيىدە سۇيۇلدۇرۇلسا، دورىلارنىڭ تەكشىلىك دەرىجىسى تۆۋەنلەپ، زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ.

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى ،ئابلەت ئابلىز تەييارلىغان

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2013-7-17 21:30:22

روھلاندا دېھقان ئوغلى بۇرادەرگە ئوخشاش دېھقانلارمۇ بار، يوللاپ قويغىنىڭىز ياخشى بولۇپتۇ، سەھىپىمۇ شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىدى.

anwarabla يوللانغان ۋاقتى 2013-8-8 00:14:22

بۇمۇ بىلىۋالىدىغان مۇھىم ساۋاتلارنىڭ بىرسى ئىكەن .

tapan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-8 00:29:32

بۇنىمۇ بىلىۋالدۇق . بىراق ھازىر كۆپىنچە يەردە تامچىلىتىپ سۇغۇرىلىدىغان بوللغاچقا تاغ سۈيى ئەكىلىش تەس. دورا ياكى خېمىيىۋى ئوغۇت دىگەننى شۇ قۇدۇقتىكى يوغان باكقىلا قۇيىدىغان گەپكەن ئەمدى....

Meptun يوللانغان ۋاقتى 2013-8-10 17:19:39

بۇ تەرەپتە تېمىتىپ سۇغىرىپ يەر ياخشى قانماي ھوسۇل تۆۋەنلەپ كېتىپ ، چىقىم چىقىيىپ كەتكەچكە ئاممىنىڭ ھەممىسى قارشى تۇرۇپ ئاخىر بۇ ئىش تۈگىدى.
بەت: [1]
: دېھقانچىلىق دورىلىرىنى قۇدۇق سۈيىدە سۇيۇلدۇرماڭ