جاۋابكار قانۇن سىرتىدا، ساقچىلار ئۇلارنى تۇتۇشنى كەينىگە سۆرىدى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! روھلان توربىتىدىكى باشقۇرغۇچى ۋە تورداشلار مەن يىڭى دوستۇڭلار ئەخمەتجان ،مەن سىلەرنىڭ ياردىمىڭلارغا جىددى مۇھتاج ماڭا قىممەتلىك تەكلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمۇد قىلىمەن .
گەپنىڭ مېغىزدىنلا سۆزلەي ، 2013 يىل 6 ئاينىڭ 11 كۈنى ئەتتىگەن سائەت 2بولغان ۋاقىتلار ئىدى ، مەن تۇرپاندىن يىڭى چىقىپ دوستۇم ئادىل بىلەن كۆرۈشتۇم . بىللە تاماق يەپ قايتىش يولىدايانى داۋان 1ئەتىرەت يېنىدىكى چۈرۈي ماشىنا مەخسۇس سېتىش قارشى تەرەپىدە3 نەپەر 16 ياشلار چامىسىدىكى ئۇيغۇرقىزنى 10نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز مەجبورى2 ماشىنغا سىلىپ ماڭدى ، دوستۇم ئادىل مەن ئىكىمىز ماشىنى ھەيدەپ ئىزىغا چۇشتۇق، ئۇلار خوڭيەنچى قەبرىستانلىق يول بولۈكىدە توختىدىكەينىدىن يېتىپ كەلدۇق . نەق مەيداندا 10 نەپەر ئوغۇلبالا3 نەپەر قىزنى ئۇرۇپ مەجبورى چېىقلماقچى بوپتىكەندۇق، ئادىل مەن ماشىندىن چۈشۇپ 10 نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز غا چىرايلىق نەسىھەت قىلدۇق . بىز ھەممىمىز بىر ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇيغۇر پەرزەنتى سىلەرنىڭمۇ ئاچا-سىڭىللىرىڭلار باردۇ مۇشۇ قىزلار كېيىن ئانا بولماسمائەڭ ياخشى بولدى قىلىڭلاردېدۇق ،ئۇلار كۆپ بولغاچقا قوللۇرىغا تەييار قىلۋالغان خىش تاش پىدەي قاتارلىق ئەسۋاپلار بىلەن ئادىل ۋە مېنى ئۇرۇپ قاتتىق يارلاندۇردى .ئادىل نەق مەيداندىن قېچىپ مېڭخۇجى ساڭچىخانىسغا بېرىپ دىلو مەلۇم قىلدى .مەن يەنىلا نەق مەيداندا ئىدىم .ئۇلار مېنى قاتتىق ئۇرغاندىن كېيىن ماشىنامنىڭ ئاچقۇسىنى ئېلىپ يەنى قول تېلفۇنىمنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى . مەن 2 ماشىننىڭ ماشىنا نۇمۇرنى يادلىۋالغان ئىدىم . بىر ماشىنا شوپۇرنى شۇكۈنى ئەتتىگەندە تۇتتى ، ھەممىسى بىر شايكا ئىكەن . بىزدىن سوراق خاتىرنى ئەپ بۇلۇپ ساقچىلار 3 كۈن دەم ئالدۇق 48 سائەت ئىشلەپ چارچاپ كەتتۇق دىگەن بانە سەۋەپ بىلەن بىزنى جۈمە كۈنى كېلىشنى ئېتتى . شۇكۈنى چۈشتىلا مىنى ئۇرغان 10 نىڭ بىرى بولغان شوپۇرنى كېپىللىككە قويۇپ بەردى .مەن ماشىنامنىڭ ئاچقۇچىنى ياسىتىپ ، دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالاندىم ،بۈگۈن ساقچىخانىغا بارسام ئىش باشقىچە ئەممىسى تىلىنى بىر قىلۋېلىپ سىېلەرنىڭ ئۇيەرگە بېرىپ ئادەم قۇتقۇزۇش مۇددا يىڭ بارمۇ ياكى ئۇلار بىلەن سوقاشقىلى بار دىڭلارمۇسولىساق بىرلا تەرەپنى سولىمايمىز سىلەرنىمۇ 2-3 كۈندىن سولايمىز دىدى، مەن بۇنىڭ گېپىدىن بەك غەزەپلاندىم، بىر غورورلۇق ۋىجدانلىق ئەركەكە ھاقارەت قىلۋاتىدۇ ، كەينىدىن مەن ئۇلارنى تۇتتۇڭلارمۇ قېنى ئادەم دىسەم دۈشەنبە كەل شۇكۈنى سورايمىز دەپ يەنە كەينىگە سۆرەپ كېلۋاتىدۇ . مەن بۇلارنىڭ خىزمەت بىجىرىش ئۇسۇلى ۋە خىزمەت پۇزىسسىدىن قەتتى رازى بولمىدىم . مەن سىلەرنىڭ خىزمەت بىجىرىش ئۇسۇلىڭلاردىن رازى ئەمەس ، سىلەردىن يۇقىرى دەرىجىگە بېرىپ ئەرىز قىلمەن دىسەم نەگە بېرىپ ئەرىز قىلساڭ قىلىۋە دىدى . شۇنىڭ بىلەن مانا بۇ ئىش كەينىگە سۆرلۈپ كېلۋاتىدۇ . ماڭا قانۇن جەھەتتىن جىددى مەسلىھەت بەرسەڭلار . ئەجىبا مۇشۇنداق ئىشلارنى كۆرۈپ كۆرمەسكە سالسام توغرا بولامتى ؟؟؟ ئەمدىلىكتە مەن زىيانلانغۇچىقانۇن جەھەتتە قانداق كاپالەتكە ئىگە بولىمەن ، 10 نەپەر قاچقۇن قانۇن سىرتىدا ئەركىن يۇرىدۇ ئۇلارنى نىمىشقا تۇتماي نىمىشقا كەينىگە سۆرەيدۇ ؟ ئۇلار قانۇننىڭ قانداق جاۋاپكارلىققا تاتىلدۇ ؟؟ بۇ ھەقتە دىگەنلىرىم راست قىلچە ساختىلىق ئارلاشتۇرمۇدۇم . مۇشۇ ھەقتە قېرىنداشلارنىڭ سەمىمى پىكرىگە مۇھتاجمەن . قانۇندىن مەسلىھەت بەرسەڭلار ....
تۇنجى قېتىم بۇنداق ئىشلارغا يولۇقۇشۇم ھەم بۇنى مۇنبەرگە يېزىشىم ئىملا خاتالىقى بولسا تۈزۈتۈپ ئوقۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن . رەخمەت ئىنكاسىڭلارنى يېزىپ باقساڭلار سۆيۈملۈك دوسلار مەنغۇ ئۇنچە بەك بىلىپ كەتمەيمەن . لېكىن مېنىڭچە سىزنىڭ بۇ بايان قىلغانلىرىڭىز ماددى ئىسپات بولمىسا ئاغزاكى بايان قىلغانلىرىڭىز ئەرز قىلسىڭىزمۇ ئاخماسمىكىن دەيمەن ماددى ئىسپات باربولدىلاماڭا كەلگەن بالا قازا دەيشۈكرى ھايات قالغىنىمغا. ئاللاھماڭا داۋاملىق سەبىر ئاتا قىلىشىنى ئۈمۈد قىلمەن.
رەخمەت ئىنكاس يازغان بۇرادىرىمىز گە heliki kizlar guwahliktin otup barsigu azrak ilgirlax bolgudak ھېلىقى ئۈچ نەپەر قىز نەدە؟ ئۇلار گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ بەرمەمدىكەن؟
سىلەر بارغان ساقچىخانىنى باشقۇرىدىغان ئورۇن يوقمىكەن؟ئەرز قىلىڭلار.
ھىندىستان كىنولىرىدەكلا ئىش كۆپىيىپ كىتىۋاتىدۇ ھازىر.
بەت:
[1]