ADiL يوللانغان ۋاقتى 2009-5-22 00:27:54

مۇنبەر ئىشلىتىشتىن ساۋات-جۇغ تېما

تورداشلارنىڭ مۇنبەرگە بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇش، مۇنبەرنىڭ ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى بىلىشى ئۈچۈن بۇ جۇغلانما تېما يوللاندى، تۆۋەندە ئوتتۇرغا قۇيۇلغانلىرىدىن باشقا ئۆزىمىز بىلىدىغان مۇنبەرنى ئىشلىتىشكە ئائىت كىچىك تۈرلەر بولسىمۇ ئاستىغا ئالىي ئىنكاس يوللاش ھالىتىدە ئايرىم ماۋزۇ قۇيۇپ يوللىساق بولىدۇ، بۇ تېما مەڭگۈلۈك جەۋھەر ۋە چوققا ھالەتتە مۇنبەر ئۈستىگە چىقىرىلىدۇ . (مۇشۇ بىرلا تېمىنى كۆرۈپ مۇنبەر ھەققىدە تولۇق چۈشەنچىگە ئېگە قىلىش مەقسەت قىلىندى )
بۇنىڭدىن بۇرۇن يوللانغان مۇنبەر ئىشلىتىش ھەققىدىكى تېمىلار ئۆچۈرۈلىدۇ .
ئەمىسە مەن باشلاپ بىرەي .
بەزى تورداشلارنىڭ باشقىلارنىڭ تېمىسىغايازغان جاۋاب ئىنكاسىمۇ بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىندى، ئەسلى تېما ئۆچۈرۈلدى
============================================================================================
مۇنبەرگە تېز كىرىشتىكى ئاددى ئۇسۇل
روھلان مۇنبىرىمىز تۇنجى قېتىملىق مۇنبەر سىستېمىسىدا تىزىملىتىش كۆزنىكىگە لاتىنچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە تەڭشەكلىك ئىدى، بۇ ۋاقىتتا مۇنبەرگە تىزىملاتقانلار كۆپىنچە ھاللاردا لاتىن يېزىقى بۇيىچە تىزىملىتاتتى ھەم مۇنبەرگە كىرەتتى، كىيىن مۇنبەر سېستىمىسىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ۋە مۇنبەر نەشرىنى ئۆستۈرگەندىن كېيىن مۇنبەرگە بىۋاستە ئۇيغۇرچە ئىسىسىمدا تىزىملىتىش ۋە كىرىش شەكلىدە تەڭشەپ قويدۇق، بۇ جەرياندا بەزى يېڭى ئۆگەنگۈچى تورداشلىرىمىز ئىلگىرىكى لاتىن يېزىقى ھالىتىدە كىرەلمىگەنلىكى ياكى قايتىدىن تىزىملاتقانلىقى ھەققىدە بىر قانچە قېتىم ئۇچۇر يوللىدى، ئەمەلىيەتتە بۇ ۋاقىتتا Ctrl+kبىرلەشمە كۇنۇپكىسى ئارقىلىق لاتىنچە ۋە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇشقا بولسىمۇ بىلمەسلىك سەۋەبىدىن شۇنداق بولۇپ قالغان ئىدى .
تۆۋەندە تورداشلارغا مەيلى Ctrl+kئارقلىق كىرگۈزۈش ھالىتىنى ئالماشتۇرۇشنى بىلىدىغانلار ياكى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن بولسۇن بىر ئاددى ئۇسۇلنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي ( ئەمەلىيەتتە بۇنى نۇرغۇن تورداشلىرىمىز بىلىدۇ ھەم ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ )
سىز مۇنبەرگە كىرگەندىن كېيىن ئۆزىڭىزنىڭ ئارخىپىنى كۆرسىڭىز ياكى خالىغان تېما ئىنكاسىڭىزغا قارىسىڭىز UID دېگەن بىر نۇمۇرنىڭ بارلىقىنى كۆرىسىز ، سىز مۇشۇ نۇمۇرنى ئەستە ساقلىۋېلىپلا مۇنبەرگە كىرىدىغان ۋاقىتتا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك UID نى تاللاپلا مۇنبەرگە كىرسڭىىز بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا Ctrl+kبىرلەشمە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ ، كىرگۈزۈش ھالىتىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ .

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2009-5-22 00:47:53

روھلان تەڭگىسىنى مۇنداق ئىشلىتىمىز
كۆپىنچە تورداشلار مۇنبەردە ئاجايىپ ئېسىل ماتىرىيال ۋە بىلىملەرنى يوللاپ روھلان تەڭگىسىگە ئېرىشىۋاتىدۇ .
تورداشلار ئۇلارغا بولغان رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تېمىسىنى باھالاپ يەنە روھلان تەڭگىسىنى قوشۇپ بېرىۋاتىدۇ .
ئۇنداقتا بۇ تەڭگىلەرنى نېمىگە ئىشلىتىمىز؟ ئۇنىڭ قىممىتى بارمۇ - يوق ؟ دېگەن مەسىلە بەزىلەرگە نىسبەتەن تېخى ئايدىڭ ئەمەس.
ئالدىنقى قېتىملاردا بەزى بىر مۇھىم ماتىرىيال ۋە دەرسلىكلەرنى روھلان تەڭگىسىگە سېتىۋېلىپ چۈشۈرىدىغان قىلغان ئىدۇق، بۇ ۋاقىتتا كۆپىنچە تورداشلاردا روھلان تەڭگىسىگە ئېرىشىش ، كۆپرەك تەڭگە تېپىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ئىدى، بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قىممەتلىك ماتىرىيال، توردىن تاپقىلى بولمايدىغان دەرسلىك ۋە يۇمشاق دىتاللارغا قارىتا تەڭگە خەجلەپ چۈشۈرۈشنى داۋاملىق يولغا قۇيىمىز .
يەنە قارايدىغان بولساق مۇنبەردە كۈندە يېڭى تېمىلارنى يوللاپ ، نۇرغۇنلىغان تەڭگىگە ئېرىشكەنلەر بار، ئۇنداقتا بۇ تەڭگىنىىڭ ئىشلىتىش ئورنىنى بىلىۋېلىڭ .
مۇنبەرگە كىرگەندىن كېيىن ئۈستىدىڭى تىزىملىكلەر ئىچىدىن جابدۇق دېگەننى باسسڭىز نۇرغۇنلىغان قوراللارنى كۆرىسىز .
يەنى تۆۋەندىكى ئادرىس: http://www.rohlan.cn/bbs/magic.php
بۇلارنى كۆرسىڭىز ھەممىنى چۈشىنىۋاللايسىز، سىز ئۆزىڭىز قىزىققان ياكى ئېھتىياجلىق بولغان كارتىلارنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .
رولىنى مۇشۇ يەردىمۇ يېزىپ قۇياي .
رەڭ كارتىسى
تېما رەڭگىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ، 24 سائەتكىچە ئۈنۈملۈك باھاسى: 20 روھلان تەڭگىسى
IP كارتىسى
يازما يوللىغۇچىنىڭ IP ئادرىسىنى كۆرۈشكە بولىدۇ باھاسى: 15 روھلان تەڭگىسى
كۆتۈرۈش كارتىسى
تېمىنى كۆتۈرگىلى بولىدۇ باھاسى: 20 روھلان تەڭگىسى
چوققىلاش كارتىسى
تېمىنى چوققىلىغىلى بولىدۇ، 24 سائەتكىچە ئۈنۈملۈك باھاسى: 30 روھلان تەڭگىسى
ئۆچۈرۈش كارتىسى
ئۆزى يوللىغان يازمىنى ئۆچۈرگىلى بولىدۇ باھاسى: 10 روھلان تەڭگىسى
ئاپشاركا كارتىسى
يۇشۇرۇن چىققان ئەزالارنى بىلگىلى بولىدۇ باھاسى: 15 روھلان تەڭگىسى
يۇشۇرنۇش كارتىسى
ئۆزىنىڭ يازمىسىنى نامسىز قىلىپ يوللاشقا بولىدۇ . باھاسى: 20 روھلان تەڭگىسى
ئەسلىگە كەلتۈرۈش
كارتىسى نامسىز يوللىغان يازمىنىڭ ئەسلى ئېگىسىنىڭ ئىسمىنى چىقىرىپ بېرىدۇ . باھاسى: 15 روھلان تەڭگىسى
يۆتكەش كارتىسى
ئۆز يازمىسىنى يۆتكىيەلەيدۇ باھاسى: 20 روھلان تەڭگىسى

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2009-5-22 23:11:58

ئۆزى ياقتۇرغان تېمىنى ساقلىۋېلىش ئۇسۇلى
مۇنبەردە دەرھاللىققا ئېسىڭىزدە تۇتۇپ بولالمايدىغان ياكى مۇھىم تېمىلارنى ئۇچراتسىڭىز ئۇ تېمىنى كېيىنچە ئىزدەپ تېپىشىڭىزغا قولايلىق بولۇشىنى ئويلىسڭىز مۇنداق قىلىڭ .
شۇ تېما ئاستىغا قارىسىڭىز    ساقلاش   تەۋسىيە      باھا   دەپ 3 دانە كۇنۇپكىنى كۆرىسىز.
بۇنىڭدىن    ساقلاشكۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز شۇ تېما ساقلىغۇچىڭىزغا قوشۇلىدۇ .
تەۋسىيە       دېگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز   باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىش ئادرىسى چىقىدۇ .
باھا            دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق تېما يولىغۇچىغا جۇغلانما ۋە تەڭگە سوۋغا قىلىپ رەھمىتىڭىزنى بىلدۈرەلەيسىز . (جۇغلانما ۋە تەڭگە سىزنىڭكىدىن ئايرىپ بېرىلمەيدۇ، سېستىما بېرىدۇ )
ئەمدى سىز ساقلىۋالغان تېمىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز مۇنبەرنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى تىزىملىك ئىچىدىن   شەخسلەر مەركىزى      دېگەن خەتنى بېسىپ چىققان تۈرلەر ئىچىدىنسول تەرەپتىكى   ساقلىغۇچۇمدادېگەننى باسسىڭىزلا سىز ساقلىۋالغان بارلىق تېما تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ، شۇ يەردىن بېسىپلا ساقلىۋالغان مۇھىم تېمىلىرىڭىزنى ئاسانلا تاپالايسىز .

ئويرۇك يوللانغان ۋاقتى 2009-5-23 13:31:33

ئۆزىنىڭ تەڭڭىسىنى باشقىلارغا قۇشۇپ بېرىش ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز! دېمەكچى بولغىنىم تەڭگەمدىن باشقىلارنىڭ يازغان نادىر تېمىسغا تارتۇق قىلغىلى بولامدۇ؟

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2009-5-23 20:34:55

ئۆزىڭىزنىڭكىنى بەرمىسڭىزمۇ بولىدىغۇ، مۇكاپاتنى باسسىڭىزلا سىستېما بېرىۋېرىدۇ .
ئەگەر چوقۇم ئۆزەمنىڭكىنى بېرەتتىم دېسىڭىز ئۇسۇلى:
شەخىسلەر مەركىزى- جۇغلانمايەنى تۆۋەندىكى
http://www.rohlan.cn/bbs/memcp.php?action=creditsبۇ ئادرىستىنئاستىدكى جۇغلانما يۆتكەش تىن يۆتكىمەكچى بوغان تەڭگە سانىنى ئالدىدىكى كاتەككە ، يۆتكەيدىغان كىشى ئىسمىنى كەينىدىكى كاتەككە يېزىپ يۆتكەش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ .

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2009-5-25 18:44:16

تېما كۆرگەندە بەت بېشىغا قايتىش ئۇسۇلى
بەزىدە كۆپرەك ئىنكاسلىق تېمىنى كۆرىۋېتىپ بەت ئاستىغا بېرىپ قالىمىز، بۇ ۋاقىتتا بىز مائۇسنىڭ چاقىنى پىرقىرىتىپ يەنە ئۈستىگە قايتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا مۇنبەرنىڭ سول تەرەپ ئاستىدىكى TOPدېگەن خەتنى بىر باسىڭىزلا مۇنبەر بېشىغا قايتالايسىز .

HAKAS يوللانغان ۋاقتى 2009-6-23 01:44:06

ئۆگىنىۋېلىشقا تېگىشلىك بىلىملەر ئىكەن،رەھمەت.كېرەكلىك بىلىملەر ئۆكسۈپ قالمىسۇن،بىزگە ئوخشاش يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىلىملەر بۇ.

arzu يوللانغان ۋاقتى 2010-7-7 15:20:59

مۇنبەرگە دىتال ياكى ماتىريال يوللاش ساۋادى(بۇلاق ئەپەندى تېمىسى)

بۇ تېمىدىكى رەسىم چۈشەندۈرۈشلىرىنى تەھرىرلەپ قويغان بولساڭلارچۇ، بىر قېسىم مەزمۇنلىرى تازا ئايدىڭ بولماي قالدى.

nureli010 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-23 14:38:14

مۇنبەرگە دىتال ياكى ماتىريال يوللاش ساۋادى
تېمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:روھلان بىلىملىرى(http://bilim.rohlan.biz/)، تېما ئادرىسى: http://bilim.rohlan.biz/thread-2200-1-1.html

nureli010 يوللانغان ۋاقتى 2010-9-24 22:56:38

ماڭا ئەسەر يېزىپ يۇللاشنى ئۈگۈتۈپ قويساڭلار بىر قىسىم دەرسلىكلەر بارئىدى يوللاپ بەرسەمياردىمىڭلارنى ئايىماڭلار دوستلار
بەت: [1] 2
: مۇنبەر ئىشلىتىشتىن ساۋات-جۇغ تېما