كومپىيوتېر تونۇمىغان بارماق دىسكىنى ئوڭشاشنىڭ ئامالى بارمۇ؟
مەندە 2-3 دانە بارماق دىسكا بولۇپ، ئىچىدە مەن ئۈچۈن خېلى مۇھىم نەرسىلەر بار ئىدى، لېكىن يېقىندىن بۇيان بىرقانچە كومپىيوتېرغا سېلىپ باقتىم ھىچقايسىسى تونۇمىدى، زادىلا ئامال قىلالمىدىم،ياردەم سورايمەن ۋاقتىڭىز بولسا قېشىمغا ئېلىپ چىقسىڭىز مەن بىر ئېتىشىپ باقايمۇ، تېخى ئالدىنقى كۈنى توردىن بارماق دېسكا كاشىلىلىرىغا دائىر بىرقانچە دېتال چۈشۈرگەن ئىدىم، شۇلار كارغا كېلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس. Jam يوللىغان ۋاقتى2013-4-16 18:48 static/image/common/back.gifۋاقتىڭىز بولسا قېشىمغا ئېلىپ چىقسىڭىز مەن بىر ئېتىشىپ...
بولسا تېخنىكلىرىڭىزنى روھلاندىمۇ بايان قىلىپ ئۆتەرسىز ھە؟؟!!!!!!!!{:1_1:} كومپىيۇتېر تونومىغان ( ئىنكاس كۆرۈلمىگەن ) بارماق دېسكىغا ئامال يوق ، ئەڭ ياخشىسى ئاۋارە بولماڭ . بارماق دېسكىنى كومپىيۇتېرغا چاتقاندا كومپىيۇتېردا ئىنكاس كۆرۈلسە ، بۇنداق بارماق دېسكىلارنى ئومومەن ئوڭشىغىلى بولىدۇ .بۇنىڭدا قايتا ئۈزەك ھۆججىتىنى تىپىغا ئاساسەن شۇ ئۈزەك تىپىنى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ . مىنىڭچىمۇ ئوڭشىغىلى بولمايدۇ{:5_176:} مەندىمۇ بىر تال بار كومپىيوتېر تونۇيدۇ ، ئۆزەك تىپى DM8261 ئىكەن ، لېكىن 量产工具 سى ئوڭشىيالمايۋاتىدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Jam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-4-17 17:00
كومپيۇتېر تونۇمىغان بارماق دېسكىلارنى نوقۇل ئوڭشىغىلى بولمايدۇ دەپ كېسىپ ئېيتىشقىمۇ بولمايدۇ، پۈتۈنلەي ئۇنداق بولۇپمۇ كەتمەيدىكەن. تەخمىنەن 5-6 يىل ئىلگىرى مەن بىرسىنىڭ بارماق دېسكىسىنى ئوڭشاپ بەرگەن ئىدىم، بىراق چىققان كاشىلا قايسى خارەكتېردە بۇنىڭغا قاراش كېرەك.
ناۋادا فىزىكىلىق كاشىلا تۈپەيلىدىن كومپيۇتېرغا چاتىدىغان usb بېشى بىلەن ئاساسى تاختا قىسىمى قىسمەن بۇزۇلغان بولسا بۇنى ئاساسى جەھەتتىن ئوڭشاش مۇمكىن، ھەتتا پۈتۈنلەي ئاجراپ كەتكەنلىرى بولسىمۇ ئوڭشاشقا بولىدۇ، لېكىن ئىنتايىن تەس. ئەگەر يۇمشاق دېتال كاشىلىسى بولسا تورداشلىرىمىز دېگەندەك بىرقىسىم ئۆزەك تىپى ھۆججىتىنى ھاسىللاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوڭشاش مۇمكىن (كومپيۇتېر تونۇغان، بىراق ئېچىلمىغانلىرىنى).
مىنىڭ كۆپ يىللىق بارماق دېسكا ئىشلىتىش جەريانىدا بېشىمدىن ئۆتكەن تەجرىبەم:مېتال قاپلىق بارماق دېسكا بىزگە گەرچە بىرقەدەر پۇختىدەك تەسىرات بەرسىمۇ كۆپچىلىك مۇمكىن بولسا ھەرقانچە كۆركەم، داڭلىق ماركىلىق بولۇپ كەتسىمۇ ئامالنىڭ بارىچە مېتال قاپلىق بارماق دېسكا ئىشلەتمەڭلار. چۈنكى بارماق دېسكا قېپى مېتال بولغاچقا ئاسانلا قىسقا تۇتۇشۇش سەۋەبىدىن بارماق دېسكا كۆيۈپ كېتىدىغان، مۇھىت ۋە سىرتقى سىلكىنىش- ئۇرۇلۇش قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن بارماق دېسكا كېرەكتىن چىقىدىغان ئەھۋال بەكلا كۆپ ئۇچرايدىكەن. بۇ بىر سەۋەب- داڭلىق ماركا ھەم باھا ئامىلىمۇ بار ئىكەن. ماركىغا كەلگەندە سېتىۋالغان ۋاقىتتا ساتقۇچىدىن تەپسىلىيراق سوراپ، تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ئاندىن ئالساڭلار بولىدۇ. باھاغا كەلگەندە تەخمىنەن 10-20 يۈەن پەرق ئىچىدىكى بارماق دېسكىنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى خېلىلا زور ئىكەن، بۇنىمۇ ئويلىشىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.
ئالدىنقى يىلى مەن 20 يۈەن ئەرزان ئالىمەن دەپ بىر بارماق دېسكىنى 50 يۈەنگە ئالغان ئىدىم، كېيىن كاشىلا چىقىپ، بىر ھەپتە كېچە- كۈندۈز قىلغان بىر ئىشىم نۆلگە تەڭ بولدى، سېتىۋالغان يەرگە ئېلىپ بېرىپ، ساتقۇچىنىڭ كاللا- ماللىسىغا ئېتىۋەتتىم ئاچچىقىمدا. ساتقۇچى كەچۈرۈم سوراپ، ھېلىقى 20 يۈەن پەرق قىلىدىغان بارماق دېسكىنى مەندىن 20 يۈەننىمۇ ئالمايلا ئالماشتۇرۇپ بەردى.
كۆپچىلىك، بۇ يەردە بىر پاتمان قۇرۇق گەپ قىلىپ ۋاقتىڭلارنى ئېلىپ قويغان بولسام ئەپۇ قىلارسىلەر. مېنىڭمۇ شۇنداق بولۇپ قالغان ئىدى،مەنمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەي ۋاز كەچكەنتىم مېنىڭمۇ شۇنداق بولۇپ قالغان ئىدى،مەنمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەي ۋاز كەچكەنتىم ھە مەن ئوڭشاش ئۇسۇلنى بىلمەن بۇنى چۇۋۇپ ئىچدكى قاتىق دېتال قىسمنى بىر قېتىمدىن قىزتىپ تازلىساقلا 90% ئوڭشلدۇ مەن شۇنداق ئوڭشۋالدىم !
بەت:
[1]
2