2-قېتىملىق مۇسابىقە ھەققىدە ئىزاھات
روھلان تور بېكىتىدە ئېلىپ بېرىلغان 2-قېتىملىق دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسى 2013-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىپ، 2-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاخىرلاشقان، 2013-يىل 2-ئاينىڭ 12-كۈنى كەڭ زىيارەتچىلەرنىڭ چۈشۈرۈپ پايدىلىنىشى ۋە باھالىشىغا ئېچىۋېتىلگەن ئىدى، /thread-20194-1-1.htmlمەخسۇس باھالاش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مائارىپ تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى ياكى مائارىپ ئىدارىسىدىكى ۋە ياكى مەكتەپلەردىكى مۇھىم كىشىلەر بولغاچقا باھالىغۇچىلارنىڭ ۋاقتىنىڭ قىس بولۇشى، 2013-يىل كىرىشى بىلەنلا خىزمەتلەرنىڭ بىر-بىرىدىن جىددى بولۇپ كېتىشى (بۇنى ھەر قايسى ئورۇنلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار چۈشىنەلەيدۇ) سەۋەبلىك دەرسلىك دېتالىنىڭ نەتىجىسى تاكى ھازىرغا قەدەر سۈرۈلۈپ كەتتى، بىز ئىمكان بار ئەڭ كېچىككەندىمۇ مۇشۇ 4-ئاي ئىچىدە باھالىغۇچىلار ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىسىنى چىقىرىپ تاماملاشقا تىرىشىمىز، شۇڭا مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ۋە مۇسابىقىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان زىيارەتچىلىرىمىزنىڭ بىزنى توغرا چۈشىنىشىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق قوللىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.
روھلان تور بېكىتى
2013-يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنى بۇ ياخشى ئەسكەرتىش بوپتۇ. رەھمەت سىزگە. باشقۇرغۇچىۋە ئاتامانلارنىڭ ئېسىللكى بىلەن ھېلىمۇ يېتىشىپ كېلىۋاتىسىلەر. قىلغان ئىشىڭلارنىڭ خەيرلىك ئاخرلىشىشىنى، ماڭغان يولۇڭلارنىڭ ئوچۇق بولۇشىنى تىلەيمەن، بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەقىقەتەن جايىدا ئەسكەرتىش بوپتۇ ، باشقۇرغۇچىلار بۇ پائالىيەتنى تەشكىللەپ كۆپ جاپا چەكتى ، يەنىمۇ غەيرەت قىلغايسىلەر ، ئەجرىڭلار چوقۇم يەردە قالمايدۇ ! نەتىجە تېخىچە چىقمىدى...:L 3-قىتىملىقى قاچان باشلىنىدۇ ،مەنمۇ قاتناشتۇراي دىگەن sadda يوللىغان ۋاقتى2013-5-9 14:37 static/image/common/back.gif
3-قىتىملىقى قاچان باشلىنىدۇ ،مەنمۇ قاتناشتۇراي دىگەن
روھلان تور بېكىتى ئۇيغۇر تور بېكەتلەر ئارىسىدا تۈنجى بولۇپ 1-2قىتىملىق ئانا تىلدا دەرسلىك دىتال تۈزۈش مۇسابىقىسنى ئۇيۇشتۇرۇپ مۇسابىقىنى ئۇڭۇشلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۈردى.3-قىتملىق مۇسابىقىگە ئەسەر قاتناشتۇرۇشنى ئويلىغان بولسىڭىز دىققىتىڭىز يەنىلا روھلان مۇنبىرىدە بولسۇن. بۇلىدۇ رەخمەت سىزگە مەنمۇ تەييارلىق قىلغاچ تۇراي باشقۇرغۇچىۋە ئاتامانلارنىڭ ئېسىللكى بىلەن ھېلىمۇ يېتىشىپ كېلىۋاتىسىلەر.
بەت:
[1]