ئەجىر ئۇنتۇلماس، ئىزلار كۆمۈلمەس- مۇھەممەت ئەخمىدى توغىرسىدا
ئەجىر ئۇنتۇلماس،ئىزلار كۆمۈلمەس(ئاپتۇنۇم رايۇن دەرجىلىك ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى مۇھەممەت ئەخمىدى توغىرسىدا)
ياش كۆچەتنىڭ مېۋىسى تاتلىق بولىدۇ،- دېيىشىدۇ كىشىلەر. شۇنداق، بىزنىڭئىلىم- مەرىپەت بىغىمىزدىمۇ ئۆزىنىڭ ياش، يىڭىلىقىغا قارىماي، جاپالىق ئەجىر-مىھنىتى بىلەن ۋەتەننىڭ گۈل- غۇنچىلىرىنى پەپىلەپ يىتىشتۈرۈپ، ئەل ماختىغىدەك شىرىن مىۋىلەرنى بىرىۋاتقان، ئۆزىنى ئەۋلاتلارنىڭ بەخت- سائادىتى، ۋەتەننىڭ گۈزەلكەلگۈسىگە بېغىشلاپ، مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز ھالال تەر ئاققۇزىۋاتقانتىرىشچان باغۋەنلىرىمىز ئاز ئەمەس. يەكەن ناھىيلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپ (سابىق يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپى) نىڭ تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، كومپارتىيە ئەزاسى مۇھەممەتئ ەخمىدى ئەنە شۇنداق ئۆزى دەرس بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرى، ئۆزىدىن چوڭ ياكى كىچىك خىزمەتداشلىرى، ئاتا-ئانىلار، دوستلىرى، ناھىيە تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچمەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئارىسىدا تېگىشلىك ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان،مائارىپتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار كەسىپكە چىن يۈرىكىدىن ئەقىدە-ئىخلاس بىلەن مۇئامىلەقىلىپ،ھايات مۇساپىلىرىدىن گۇل ئېچىلدۇرۇپ مېڭىۋا تقان ئقتىدارلىق باغۋەنلەرنىڭ بىرى.
1987 - يىلى7-ئايدا قەشقەرپېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىياتفاكۇلتىتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن مۇھەممەت ئەخمىدى سابىق يەكەن پېداگوگىكامەكتىپىگە تەقسىم قىلىنىپ، جەمئىيەتتىكى ئەڭ قەدىرلىك كەسىپ - ئوقۇتقۇچىلىقخىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى.
يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلىرىئۈچۈن ئوقۇتقۇچى تەربىيلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان يەكەن دەريا ۋادىسىدىكىتارىخى ئۇزۇن مەرىپەت بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىخىل، سەۋىيسىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى، ئوقۇتۇشتىكى تەلەپ قاتتىق ئىدى، تەجىربىلىكئوقۇتقۇچىلارمۇ خىلى كۆپ ئىدى. مۇھەممەت ئەخمىدى خىزمەتتە قاتتىق تەلەپنىڭھۆددىسىدىن چىقىش ۋە تۇلپارلار بەيگىسىدە ئۈزۈپ، بىر ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولۇشئىستىكىدە خىزمەتكە كىرىشكەن كۈندىن تارتىپلا يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈشكە جۈرئەتقىلدى. ئۆزىنى مائارىپقا ، كەلگۈسىنىڭ ياراملىق ئىز باسارلىرىنى تەربىيلەشتىنئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشقا ئاتىدى. ئۇ ياراملىق بىر مائارىپچى بولۇش ئۈچۈن ئالدىبىلەن سىياسى- ئىدىيۋى جەھەتتىكى تەربىيلىنىشكە،كەسپى ساپاسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكەئىزچىل ئەھمىيەت بىرىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا زور كۇچ سەرىپ قىلدى.
بۇ جەرياندا ئۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پارتىينىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ،كەسىپكە چۇڭقۇر ئىشتىياق باغلىدى. مەكتەپ تەشكىلنىڭ ھەر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرىشىغائاڭلىق بويسۇنۇپ، ھەرقانداق ۋەزىپە تاپشۇرۇلسا، ئۇنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ،ئۇنى يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغىسى ۋە زور تىرىشچانلىق بىلەن ئورۇندىدى. ئۇ ، ئوقۇتۇشبىلەن ئادەم تەربىيلەشتىن ئىبارەت قوش يۈكنى زىممىسىگە ئېلىش پىرىنسىپىنى ئېسىدەچىڭ ساقلاپ، ئوقوغۇچىلارنى قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇتۇشتا ئەستايىدىل، ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭئەڭ نازۇك ھالقىلىردىمۇ ناھايىتى تەلەپچان بولۇشتەك بىر ياخشى كەسپىي ئەخلاقنى يېتىلدۈردى.
ئۇ دەرىسخانا ئوقۇتىشى ۋە سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدىن پايدىلنىپئوقۇغۇچىلارغا، كىتابى بىلىم بىرىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، ئۆزى ئۆتكەن دەرىسمەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارغا كومۇنىستىك ئەخلاق، ماتىريالىزىملىق دۇنياقاراش، ۋەتەننى، ئەمگەكنى، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى سۆيۈش تەربىيسى ئىلىپ بىرىشنى ئوقۇتۇشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسىدا بولۇشقاتىگىشلىك بۇرچىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقارمىدى. ئۇ ئوقۇتۇشتا مەكتەپتىكى پىشقەدەم،تەجىربىلىك، ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇلاردىن پېداگوگىكا، پېسخولوگىيە، تىل– ئەدەبىيات ئوقۇتۇش مىتودىكىسى بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگەندى ۋە ئۆگەنگەنلىرىنىئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئوقۇتۇش ئوبىكىتلىرىنىڭ ئالاھېدىلىكىگە ئاساسەن ئوقۇتۇشئەمەلىيتىگە يىتەكچى قىلدى. ئۇ ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۆز كەسپىگە بولغان تەلەپنى كۇچايتىپ، ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىلىم دائىرسىنى كىڭەيتىپ،ئوقۇغۇچىلارنى كەڭ دائىردە ئەتراپلىق تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بەردى. بۇنىڭ بىلەنئۇنىڭ دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ رازى بولۇش نىسبىتى %100گە يەتتى. ئۇ ئوقۇتۇشئەمەلىيتى جەريانىدا دەرىسلىك ئىسلاھاتىغا دادىل ماسلىشىپ، كۆپلەپ ماتىريال كۆرۈش،تەجىربە ئۆگىنىش، ئېزدىنىش ئارقىلىق دەرسخانا ئوقۇتىشىدا ئۆزلۈكسىز يىڭىلىقيارىتىشقا ئەھمىيەت بەردى.
ئۇ ھەر بىر سەئەتلىك دەرسنىڭ ئالاھېدىلىكى بويىچە ئەتراپلىق دەرس لاھېيسىتۈزۈپ، دەرس ئۆتۈش شەكلىنى ئىزچىل يىڭىلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاشنىئالدىنقى ئورۇنغا قويوپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قېزىقىشىنى قوزغاش مەقسىتىگەيەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسنى چۈشۈنىش، مەزمۇننى شۇ سائەتنىڭئۆزىدىلا تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش مەقسىدىگە يەتتى. مۇھەممەت ئەخمىدى ئوقوغۇچىلارنىڭئەقلىي قابىليىتىنى ئاشۇرۇش، ئەتراپلىق، پۇختا بىلىم ئېلىشنى كاپالەتلەندۈرۈشئۈچۈن تەنە بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى، كىچە- كۈندۈز باش قاتۇردى.ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ئۈچۈن پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى كۆپلەپئاڭلاپ، كەمتەرلىك بىلەن ئۈگۈنۈش ئاساسىدا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللاندى.دەرسنى جانسىز، قاتمال ئۆتۈشتىن ھەر دائىم ساقلاندى. يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنىقوللۇنۇپ دەرسنى ئەتراپلىق، پۇختا تەييارلاپ، ئوقوغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش شەكلىبىلەن يىتەكلەپ، سورالغان سۇئاللارغا ۋاقىت، ئورۇن تاللىماي ۋاقتىدا،قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بىرىپ، ئوقوغۇچىلارنى تولۇق رازى قىلدى.
مۇھەممەت ئەخمىدىنىڭ تىرىششى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ياخشى باھالىرى، ئۆز مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ھەمناھىيە بازىرى ئىچىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكىئۇ توغۇرلۇق ياخشى ئىنكاسلار، ئوقۇتۇش گۇرۇپىلىرىدا ئىلىپ بىرىلغان تۈرلۈكمۇھاكىمىلەردىكى تىرەن ئەتراپلىق، ئورۇنلۇق پىكىرلىرى مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭدىققىتىنى تارتماي قالمىدى. رەھبەرلىك ئۇنىڭغا دىققىتىنى ئاغدۇردى. ئۇنى تىخىمۇچىنىقتۇرسا، يىتەكلىسە تەلەپنى كۇچەيىتسە، ئۇنىڭدىن چوقۇم نەتىجە چىقىدىغانلىقىنىمۇئەييەنلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى دەرس ئۆزلەشتۈرمەك بىر قەدەر قىيىن دەپقارىلىپ كىلىۋاتقان سىنىپلارغا دەرس بىرىشكە، باشقۇرۇش، تەشكىللەش تەسرەك بولغانسىنىپلارغا سىنىپ مۇدىرى بولۇشقا بەلگۈلىدى. ئۇ بۇ جەھەتتىمۇ ئۆز تىرىشچانلىقى ۋەئىزدىنىش روھى بويىچە يول ئىچىپ ئىلگىرلەپ، ئۇ سىنىپلارنىڭمۇ تەشكىللەش، دەرىسئۆزلەشتۈرۈش، سالمىقىنى ئۆستۈرۈپ مەكتەپ تەشكىلىنىڭ ئۆمىدىنى ئاقلىدى. ئۇ دەرسمەزمۇنى ۋە سىنىپ يىغىنلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوقوغۇچىلارغا ئادەم بولۇشنىڭيوللىرىنى ئۈگۈتۈپ، پارتىينى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزىمنى، ئىلىم- پەننى، ئەمگەك ۋەئەمگەكچىلەرنى قىزغىن سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەش توغرىسىدا تەربىيەبىرىشنى ئىزچىل چىڭ تۇتتى. بۇ ئارقىلىق سىنىپتىكى ئارقىدە قالغان، ئۆگىنىش،تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئوقوغۇچىلارغا ياردەم بىرىپ، يىتەكلەپ ئۇلارنىڭئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ھەم گۈزەللىك جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنىئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يىتەكلىشى، سەمىمىي ياردىمى ئاستىدا ئۆگىنىشنەتىجىسى تۆۋەن، ئەخلاقى ناچار دەپ قارالغان ئوقوغۇچىلار ئۆزگىرىپ، ياخشىلارقاتارىغا ئۆتتى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن ئارقا- ئارقىدىن تۆت قارار سىنىپ باشقۇرۇپ،رەھبەرلىكنىڭ ئىشەنجىسىگە ئىرىشتى. ئۇ باشقۇرغان سىنىپ ھەريىلى ئۆگىنىش ۋەئىجتىمائى پائالىيەتلەردە مەكتەپ بويىچە «ئىلغار سىنىپ كوللىكتىپى»، «مەنىۋىمەدەنىيەت بەرپا قىلىشتىكى ئىلغار كوللىكتىپ»،‹‹ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىدىكىئىلغار سىنىپ››، ئۆزى بولسا «ئىلغار سىنىپ مۇدىرى » ،‹‹تەلىم –تەربىيە خىزمىتىدىكىئىلغار شەخس››بولۇپ باھالىنىپ يىلمۇ –يىل مۇكاپاتلاندى.
مۇۋەپپىقىيەت ۋە شان شەرەپ ھامان ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپ، مۇھەممەتئەخمىدىنىڭ تىرىشچانلىقى، ئىزدىنىشى مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرشىگەئىرىشتى. رەھبەرلىك ئۇنى 1999- يىلى تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپىسىنىڭمەسئۇللىقىغا بەلگۈلىدى. ئۆز زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ يەنىمۇ ئىغىرلاشقانلىقىنىھېس قىلغان مۇھەممەت ئەخمىدى ئۆزىگە بولغان تەلەپنى يەنىمۇ كۇچايتىپ، كەسپىخىزمەتلەر بىلەن ئوقۇتۇش گۇرۇپا خىزمەتلىرىنى ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىياخشى ئىتىپاقلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، دەرىس تەييارلىق، ساپا مائارىپى، يىڭىدەرىس ئىسلاھاتى،يېڭىچە ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ھەققىدە تەتقىقات ئىلىپ بىرىشقا،تەتقىقات خاراكتىرلىك دەرىس ئۆتۈشكە، مۇسابىقىلىق دەرس ئۆتۇشكە، دەرس ئىسلاھاتىلاھىيسى ئاساسىدا تەتقىقات ئىلىپ بىرىشقا يىتەكلەپ، ياخشى نەتىجىلەرگەئىرىشتى..جۇڭگۇ ۋە چەتئەل يازغۇچى- شائىرلىرى، تەتقىقاتچىلىرى، ئالىملىرى، بۇيۇككەشپىياتچىلىرى ، دەرسلىككە ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن يازغۇچى -شائىرلاردىن بولۇپجەمئې 67كىشىنىڭ رەسىمىنى چوڭايتىپ، تەرجىمەھالى،ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنى قوشۇپ جازىلاشتۇرۇپ ئىشخانىغا يېپىشتۇرۇش ئارقىلىق دەرس ۋاختىدا ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسەتمەقىلىشقا ياخشى شارائىت ھازىرلىدى.
قىسقىغىنا بىرقانچە يىل ئىچىدە بۇ ئوقۇتۇش گۇرۇپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار يازغان32پارچە تەتقىقات ماقالىسى ۋە ئۆزى باشقۇرغان ‹‹ئىجادىيەت كۇرژىكى››دىكىئوقۇغۇچىلارنىڭ 150پارچىغا يېقىن ئەدەبى ئەسىرى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكىھەرقايسىى گېزىت، ژورناللاردا ئارقا- ئارقىدىن ئىلان قىلنىپ، مەكتەپ ئىچى ۋەسىرتىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. ئۇ ئوقۇتۇشتا دەرىس تەستىقلاش، دەرس ئاڭلاش، ئىمتىھانئىلىش خۇلاسىلاش، جەھەتتىكى ئەنئەنىۋى رامكىنى بۇزۇپ تاشلاپ، پۈتۈن مەكتەپ ئوقۇتۇشئىسلاھاتى ئۈچۈن باشلامچى بولۇپ كەلدى. بولۇپمۇ ئۇ ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ماقالىسىيىزىش، ئەدەبى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، جەھەتتە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ،مەكتەپنىڭ دەرسلىك ماتىريالى كەمچىل شارائىتتا «بالىلار ئەدەبىياتىدىن سۇئال-جاۋاپ»(150بەت)ناملىق كىتاپنى تۈزۈپ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. ئۇنىڭ يەنەئوتتۇرا دەرجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن «ھۆسنىخەت ئوقۇتۇش يىتەكچىسى»(2002-يىلى5-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىدىن)، باشلانغۇچ مەكتەپئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن «ئەدەبىيات يىتەكچىسى»(8قىسىم، 2000-يىلى 5-ئايداقەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىدىن)، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇيغۇر تىلى دەرىسلىكىدىكى «كۆنۈكمە ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىك جاۋاپلىرى»(2002-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرياتىدىن) قاتارلىقكىتاپلىرىى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
ئۇندىن باشقا «مەرىپەت غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى، «خوتەن پىداگوگىكا ئالى تىخنىكۇمىئىلمى ژۇرنىلى»، ‹‹قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمى ژورنىلى››، ‹‹شىنجاڭ پېداگوگىكائۇنۋېرىىستىتى ئىلمى ژۇرنىلى››، ‹‹شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى››قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئۆزى يازغان «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىملا ۋە تىنىش بەلگىلىرى ھەققىدىكىسەۋىيسىنى ئۆستۇرۇشكە ئەھمىيەت بىرىش لازىم»، «ئاغزاكى سىناق ئىلىشنىڭ بەزى بىرئۇسۇللىرى توغرىسىدا»، «ئۆردەك، كەپتەر، چۆجە-خوراز چۆچىكىنى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ھەققىدە»، ‹‹ئوقۇتۇش گۇرۇپپا مەسئۇللىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك قابىلىيەتلەر››،‹‹سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلارنى چۈشۈنىشتە قانداق ساپا ھازىرلىنىشى كېرەك؟››،‹‹ئوقۇتقۇچىلار بىزار بولىدىغان مەكتەپ مۇدىرلىرى››،‹‹ئىلمى مۇدىرلارقانداق ئىقتىدار يېتىلدۈرىشى كېرەك››، قاتارلىق 25پارچىدىن ئارتۇق ئوقۇتۇشتەتقىقات ماقالىسى ئىلان قىلىنىپ جەمئىيەتتە ۋە كەسىپداشلىرى ئارىسىدا ياخشى تەسىرقوزغىدى. . مۇھەممەت ئەھمىدى مەرىپەت بىغىدىكى ياش، ئىشچان باغۋەن بولۇپلاقالماستىن، بەلكى يەنە تىرىشچان، ياش ئىجادكار. ئۇ 1990-يىلىدىن باشلاپ قەشقەرۋىلايەتلىك ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ ئەزاسى. ئۇ بوشۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ شېئىرىيەت ئىجادىيىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللاندى. ھازىرغىچەئۇنىڭ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى نوپۇزلۇق گېزىت- ژۇرناللاردا 750 پارچىدىنئ ارتۇق شېئىرى ئېلان قىلىنغاندىن باشقا، «جانان بىلەن ئېيىتقان ناخشىلار»( قەشقەرئۇيغۇر نەشىرياتىدىن، 1990-يىلى) ، «سۆيۈۋالاي مەڭزىڭگە قۇياش»( قەشقەر ئۇيغۇرنەشىرىياتىدىن2001-يىلى)، «تەنھا تىنىقلار» (شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرياتىدىن2002-يىلى)قاتارلىق ئۈچ پارچە شېئىرلار توپلىمىى نەشىر قىلىنىپ، جەمئىيەتتىكى ئوقۇرمەنلەرئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
ساپ ۋە سەمىمى نىيەت بىلەن قىلىنغان مىھنەت ھامان مېۋە بەرمەي قالمايدۇ.مۇھەممەت ئەخمىدىنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئالدىدىكى مەجبۇرىتىنى تونۇشى ئوقۇتقۇچىلىقكەسپىگە تۇرغۇزۇلغان ھەقىقى ئەقىدىسى، ئۇنى مەكتەپ تەرىپىدىن 18 قىتىم، تۈرلۈك شان-شەرەپلەرگە نائىل قىلغاندىن سىرىت يەنە يەكەن ناھېيلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىتەرىپىدىن 15 قىتىم «ئىلغار ئىجادىيەت خادىمى» ، «مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلىشىدىكىئىلغار شەخس»،‹‹تۆھپىكار ئىجادىيەتچى››‹‹يېڭى دەۋىر ئىجادىيىتىدىكى تۆھپىكارشەخس›› قاتارلىق شان شەرەپلەرگە ئىرىشتۈردى. ئۇيەنە خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى،يۈكسەك كەسىپچانلىقى ۋە تىرىشچانلىق روھى، ئەمەلىي قول سېلىپ ئىشلەشتەك شىجائىتىئارقىلىق تەشكىل ۋە ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا سازاۋەر بولۇپ كەلدى. 1995- يىلى 12-ئايدا لىكتۇرلۇق ئىلمى ئۇنۋانىغا ،2005.يىلى ئالى لېكتورلۇق ئىنۋانغا ئىرىشتى.2004- يىلى «ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» بولۇپ مۇكاپاتلىنىپ ئۇنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى «شىنجاڭ مائارىپى» ژورنىلى، «شىنجاڭ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقاتى» ژۇرنىلى،‹‹مائارىپ ۋە كەسىپ›› ژۇرنىلى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››،‹‹ئاسىيا كىندىكى گېزىتى››، ‹‹قەشقەر گېزىتى››،› قاتارلىق مەتبۇئاتئورۇنلىرىدا مەخسۇس سۈرەتلىك قىلىپ تونۇشتۇرۇلدى. 2008- يىلى مەكتەپنىڭ كۆرسىتىشى،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىردەك قوشۇلىشى، يۇقۇرى دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ،شۇنداقلا مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئەستايىدىل باھالاپ بىكىتىشى ئارقىلىق ئۇ يەنە «ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى » دېگەن كاتتا شەرەپكە ئىرىشتى. لىكىن بۇنداقشان-شەرەپكە ئىرىشىش،ھەم ئۇنىڭ قانداق قولغا كەلگەنلىكىنى پەقەت شۇ شەرەپكەئىرىشكۈچىنىڭ ئۆزىلا بىلىدۇ. مۇھەممەت ئەخمىدىنىڭ شان شەرىپى ۋە مۇۋاپىقىيتىدىنپەخىرلىنىدىغان ، سۆيۈنىدىغان كەسىپداشلىرى ، دوستلىرى كۆپ بولسىمۇ ئۇنىڭ شۇشەرەپكە ئېرىشىش يولىدا قانچە ، قانچە تۈنلەرنى كىرپىك قاقماي تاڭغا ئۇلىغانلىقىنى، قانچە قىتىملاپ، تۈرلۈك چاي ۋە سورۇنلارغا بارالماي دوستلىرىنى ، ئۇرۇقتۇققانلىرىنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى بىر ئۆزىلا بىلىدۇ خالاس
مۇھەممەت ئەخمىدىنىڭ ئىش- پائالىيەتلىرى ئۇنىڭ يۇقارقىدەك بىر قاتار نەتىجىلىرىگە ئاساسەن،2007-2008-2009-يىللىرى، ئايرىم-ئايرىم ھالدا‹‹جۇمھۇرىيەت تۈۋرىكى››، ‹‹جۇڭگودىكى مۇنەۋۋر مۇتەخەسىسلەر››، ‹‹جۇڭگودىكى ئالاھىدەئوقۇتقۇچىلار››ناملىق قامۇسلارغا كىرگۈزۈلىدى.
ئۆزىنىڭ ئەجىر مېۋىسىنى كۆرگەندە سۆيۈنمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. مۇھەممەتئەخمىدى ئۆزىنىڭ 26يىللىق خىزمەت نەتىجىلىرىنى ، ئىرىشكەن شەرەپلىرىنى ھەربىرئەسلىگەندە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنىڭ تىخى يىتەرلىك ئەمەسلىكىدىن خىجىللىق ھېس قىلىپ، بۇنىڭدىن كىيىن ئەۋلات تەربىيلەشتىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك ھەم جاپالىق خىزمەتئ ۈچۈن، ‹‹بارلىقىمنى بىغىشلاپ خەلق قەلبىدىكى ھەقىقى باغۋەن بولۇش ئۈچۈن تىخىمۇتىرىشىپ ئىشلىشىم لازىم›› دىگەن ئالى غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىنىمسىزئىزدەنمەكتە.بىز ئۇنىڭ تىنىگە ساغلاملىق، تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك،خۇشالىق،ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ كۆپ مۇۋاپىقىيەت ۋە بۇندىن كىيىنكى ھايات مۇساپىسىگەخۇشپۇراق ،توزىماس گۇل-چېچەكلەر تىلەيمىز. ئۇستاز مۇھەممەت ئەخمىدى پەقەت مائارىپتا، مۇنبەردە كۆزگە كۆرۈنۈپلا قالماي يەنە ئىزچىل تىرىشىپ ئىجادىيەت سېپىدىمۇ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ، بىز مۇھەممەت ئەخمىدى مۇئەللىمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇتۇش ۋە ئىجادىيەتتە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.
مائارىپىمىزدىكى مۇشۇنداق بىر تۆھپىكارىمىزنى بىزگە تۇنۇشتۇرغان ئەلتۇغ ئەپەندىگىمۇ كۆپتىن-كۆپ رەھمەت. روھلان ئۈندىدار سالۇنىغا يوللاندى. (ROHLANCN) مۇھەممەد ئەخمىدى مۇئەللىم يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپىدىكى تىل_ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم بولىدۇ. ساۋاقدىشىم، سىرداش دوستۇم مۇھەممەت ئەھمىدىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخت، ئىجادىيىتىگە يەنىمۇ زور مۇرەققىيەت تىلەيمەن!
مۇھەممەت ئەھمىدى ۋە سالامەت سابىق خانىمنىڭ يۈرەك پارىلىرىنىڭ تېخىمى بەختلىك ياشىشىنى مىللىتىمىزنىڭ ياراملىق كىشىلىرىدىن بولۇپ چىقىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
دوستۇم مۇھەممەت ئەھمىدى، ساۋاقدىشىم سالامەت خانىم، ساۋاقدىشىڭلار تۇرسۇنجان ھەسەنھەۋەس سىلەرنى مەڭگۈسېغىنىپ تۇرىدۇ، سىلەرگە ئەڭ ئالى سالام يوللايدۇ! خىزمىتىم بەك ئالدىراش بولغاچقا ئىملاسىنى تۈزىتىشكە ۋاقتىم قىس بولۇپ. قالدى. پات ئارىدا ئىملاسىنى راۋۇرۇس بىر تەھرىرلىۋېتەي! ئۇستازىمىز مۇھەممەت ئەخمىدى مۇئەللىمنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن، ئىجادىيەت جەھەتتىمۇ توختاپ قالماي، تىخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يارىتىشىغا تىلەكداشمەن، ئەينى ۋاقىتتا يەكەن پىداگوگىكا مەكتىپىدە بىزگىمۇ بىر يىل تىل ئەدەبىيات دەرسى بەرگەن ئىدى، شۇ چاغدا ساۋاقداشلىرىمىز ئارىسىدا خىلى كۆپ ساۋاقداشلار مۇئەللمنىڭ تەربىيسىدە يىزىقچىلىق، شېئىر ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللانغان ئىدۇق. ئۇستازىمىزمەھەممەت ئەخمىدىنىڭ تىنىگە سالامەتلىك،ئىجادىيتىگە مول ھوسۇلتىلەيمەن .ماڭىمۇ بىريىل تىل ئەدەبىيات دەرسى بەرگەن. ئاكا يوللۇق دوستۇم،مائارىپ تەتقىقاتچىسى،شائىر مۇھەممەت ئەخمىدى نىڭبۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەت ئىشلىرى سەمەرىلىك بولسۇن!ئائىلىسى خاتىرجەم بولسۇن! مائارىپ خىزمىتى تېخىمۇ ئۇتۇقلىق بولسۇن!
يەكەندىكى قەلەمداش دوستلارنى ئېلىپ تۇمشۇق شەھرىگە قەدەم باسقايسىز؟! ماڭا دەرس بەرمىگەن ،لىكىن ئىش -ھەركەتلىرى ،گەپ-سۆزلىرى ئۈلگىلىكزات ئىدى .
بەت:
[1]
2