ئېتىقاد يوللانغان ۋاقتى 2013-3-9 02:17:07

(مۇختار روزى) VB6.0 نىڭ 2000 قىسىملىق دەرسىدىن ئۆرنەك

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. VB6.0 نىڭ 2000 قىسىملىق دەرسى ئەڭ ئاخىرقى VB6.0 دەرسى بولۇپ، كۆپ قاتلاملىققا ئىگە ئەمەلىي مىساللار بىلەن VB6.0 دە قوللىنىلىدىغان %90 پىرسەنىتتىن ئارتۇق خاسلىق، ھادىسە، جۇملە، كونتروللارنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى تەپسىلى سۆزلەنگەن. ئۇندىن باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك بۆلەكلىرى ئاساسلىق قىلىپ سۆزلەنگەن دەرسلىك بولۇپ، بۇ دەرسلىكلەرنى سۆزلەش جەريانى ۋە رەتلەش جەريانىغا نۇرغۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىنغانلىقى ئۈچۈن دەرسلىك ھەقلىق قىلىپ تارقىتىلدى. بۇ يەردە مەن پەقەت دەرسلىكنىڭ ئالدىنقى قىتىم تارقاتقان 400 قىسىمىنىڭ ئارقىسىغا ئۇلانغان 25 قىسىم دەرسلىكىنىلا چىقىرىپ قويدۇم. مۇشۇ دەرسلىك بىلەن بۇندىن كېيىن VB6.0 ھەققىدە ھەرقانداق قوشۇمچە دەرسلىك ئىشلەنمەسلىكى مۇمكىن.(ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا) يەنى بۇ دەرسلىك ئەڭ تولۇق نۇسقىدىكى دەرسلىك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ دەرسلىكنىڭ قالغان قىسىملىرى ھەرقانداق بىر شەكىلدە ھەقسىز تارقىتىلمايدۇ. بۇ جەھەتتىن توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۆمۇد قىلىمەن. مەن VB6.0 ھەققىدە جەمىي 2460 قىسىم دەرسلىك ئىشلەپ بۇنىڭ 425 قىسىمىنى سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن ھەقسىز تارقاتتىم.
قالغان 2435 قىسىم دەرسلىكنىڭ (ئالدىنقى قىتىم ھەقسىز تارقىتىلغان 400 قىسىم دەرسلىك ئىچىدە) سىتىلىش باھاسى 1200 يۈەن. ئەلۋەتتە بۇ دەرسمۇ بۇرۇنقىدەك ھېچقانداق چەكلىمىگە، مەخپىلەشكە ئۇچرىمىغان. سۈپەت دەرىجىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىنغان. 700 دىن ئارتۇق كىچىك مىسال 23 تىن ئارتۇق چوڭ ھەجىملىك مىسال، بىرقانچە يومشاق دېتال ئىشلەنگەن دەرسلىك. دەرسلىككە قىززىققۇچىلار QQ نىڭ ئېلخىتىگە ئۇچۇر يوللاپ دەرسلىكنى سىتىۋىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۇرگەندىن كىيىن مەن ئۇچۇر قايتۇرىمەن. ئۇچۇر قايتۇرۇلۇپ تولۇق ئالاقىلاشقاندىن كىيىن ئاندىن پۇل سىلىش ئارقىلىق دەرسلىك سىتىۋالىسىز. دائىم تورغا چىقىپ بولالمايدىغانلىقىم ئۈچۈن ئالدىن ئالاقىلىشىپ مەلۇم ۋاقىتنى كىلىشىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن دەرسلىكنى چۈشۈرۋالساڭلار بولىدۇ.
دەرسلىكنى بىر دائىردىكى بىر قانچە ئادەم بىرلىشىپ ئىختىزاد چىقىرىپ سىتىۋالسا ۋە بىرلىكتە ئىشلەتسە بولىدۇ. رايۇن ئاتلاپ بىرلىشىشكە، توردا تارقىتىشقا، بۇرۇنقىدەك ھايىنىغا سىتىشقا قەتئىي بولمايدۇ.
دەرسلىكنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى: بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ
ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ تىنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن.
دەرسلىكنى مىسىر ۋاقتى 2013-3-8 كۈنى (جۇمە كۈنى) سائەت 19:49 ئۆتكەندە چىقاردىم . ۋەتەن بىلەن 4 سائەت پەرىق قىلىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن : مۇختار روزى
تور بېكەت: http://www.muhtarrozi.com
ئېلخەت: muhtarrozi@gmail.com
تور چاقۇرغۇ: 371716097
تېلېفۇن: 00201277468844

ئىلقۇت يوللانغان ۋاقتى 2013-3-9 04:26:05

قولىڭىزغا دەرت يەتمىسۇن مۇئەللىم!
   اللا ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشۇق قىلغاي!~~!~

روھلان21 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-9 10:53:07

ئاللا سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي قولىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن مۇئەللىم

دەرتمەن يوللانغان ۋاقتى 2013-3-9 11:22:55

ئۇلۇغ ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئۇتۇقلۇق تىنىڭىزنى ساق قىلسۇن مۇئەللىم

دەرتمەن يوللانغان ۋاقتى 2013-3-9 11:29:35

مەن خوتەندىن بۇدەرىسلىكنى سېتىۋالاي دىگەن ،دەرىسلىكنى سېتىۋېلىشنى خالايدىغان باشقا خوتەنلىك دوسلار بولساڭلا مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بىرلىكتە سېتىۋېلىپ ئۈگەنسەك مىنىڭ چ چ نۇمۇرۇم :2236609898

bagrax يوللانغان ۋاقتى 2013-3-9 12:09:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagrax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-3-9 12:11

مۇختەر مۇئەللىمنىڭ سەۋىيىسىگە بېقىپ دەرسلىرىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىشلەنگەن . شۇڭا بۇرۇنقى دەرسلىكلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ساقلىۋالغان ئىدىم . بۇ دەرسنىمۇ كېيىن چۈشۈرۈپ ساقلىۋالدىم . ئەمما چۈشۈرۈش سۈرئىتى خېلىلائاستا ئىكەن .

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2013-3-9 21:04:22

دەرسلىك چۈشۈرۈپ بەيدۇ تور دېكىسىغا چىقىرىپ قويدۇم، ئۇستازنىڭ ئەجرىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت.

قەلىب210 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-11 11:34:58

قەشقەرلىك دوسلار بولسامەن مۇ سىتۋالمەن ئاللا خالىسا

193798292 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 17:24:52

سىز بەك قالتىس كەنسىز:victory:

akbarozhan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-14 13:55:28

ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئامان قىلسۇن !!!
تور بەتكە قانداق تىزىملىتىپ كىرىمىز؟
بەت: [1] 2 3
: (مۇختار روزى) VB6.0 نىڭ 2000 قىسىملىق دەرسىدىن ئۆرنەك