ADiL يوللانغان ۋاقتى 2013-2-27 00:28:59

2-قېتىملىق مۇسابىقىسدىكى دەرسلىكلەرگە بېلەت تاشلاڭ

2-قېتىملىق مۇسابىقىسدىكى دەرسلىكلەرگە بېلەت تاشلاڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھلانداشلار
بىز 2013-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى روھلان تور بېكىتىدە 2-قېتىملىق ئانا تىلدا دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسىنى رەسمىي باشلىغان ئىدۇق. مۇناسىۋەتلىك تېما:
2-قېتىملىق دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش لايىھەسى
http://www.rohlan.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=18536&fromuid=1

مۇسابىقىگە دەرسلىك دېتالى ئەۋەتىش باسقۇچى غەلبىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىز بارلىق دەرسلىكلەرنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى ۋە ppt دەرسلىكلەرنىڭ توردا بىۋاستە كۆرۈش ئادرىسىنى،مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق تېمىلاردا تەمىنلەپ، بارلىق مائارىپچلارنىڭ ۋە دەرسلىك دېتالىغا قىزىقىدىغان تورداشلارنىڭ چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشىگە ۋە باھالاپ نازارەت قىلىشىغا سۇنغان ئىدۇق، بۇنىڭغىمۇ دەل 15 كۈن بولۇپ قالدى.
مۇناسىۋەتلىك تېما
2-قېتىملىق دەرسلىك دېتالى مۇسابىقىسى باھالاش باشلاندى
http://www.rohlan.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=20194&fromuid=1

ھازىر مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق دەرسلىكلەر مەخسۇس تىزىملىنىپ، مۇسابىقە باشلانمىسىدا يوللىغان 2-قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ باھالاش ئۆلچىمى دىكى ئۆلچەم بۇيىچە نۇمۇر قۇيۇپ باھالاش باسقۇچىغا كىردى.

ھازىر يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ تۇنجى ھەپتىسى بولغاچقا باھالاش خىزمىتىگە قاتناشقان تەتقىقاتچىلار ۋە مائارىپچىلارنىڭ خىزمىتىنىڭ ئالدىراش بولۇپ كېتىش سەۋەبى بىلەن باھالاش خىزمىتىنىڭ سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستا بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.
باھالىغۇچىلارنىڭ باھالاش نەتىجىسى چىقىپ بولغۇچە كەڭ تورداشلارنىڭ دەرسلىك دېتالىغا بولغان تەكلىپ پىكرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە، دەرسلىكككە قارىتا بېلەت تاشلاش شەكلىدە باھالاش ئېلىپ بارماقچى بولىۋاتىمىز.
شۇڭلاشقا دەرسلىك دېتالىنى چۈشۈرمىگەنلەرنىڭ چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىشىنى، ئىشلىتىپ كۆرۈشىنى، دەرسلىك دېتالىغا بولغان تەكلىپ-پىكىرلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، بېلەت تاشلاپ شۇ دەرسلىك دېتالىنى باھالاپ چىقىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق دەرسلىكلەرنى چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://www.rohlan.biz/thread-20194-1-1.html

دەرسلىك دېتالىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن ئۆزىڭىز ياخشى تۈزۈلۈپتۇ دەپ قارىغان دەرسلىك دېتالىغا بېلەت تاشلىسىڭىز بولىدۇ.
بىرلا ۋاقىتتا 16 دەرسلىككە بېلەت تاشلىغىلى بولىدۇ. (مۇكاپاتلىنىدىغان دەرسلىك دېتالىنىڭ سانى بۇيىچە بېكىتىلدى)
مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق دەرسلىكلەرنى چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://www.rohlan.biz/thread-20194-1-1.html

بېلەت تاشلاشتا دىققەت قىلىدغان ئىشلار:
1. بۇ دەرسلىكلەرنىڭ بۇ يەردىكى تىزىملىكى ھېچقانداق مەنىنى ئىپادىلىمەيدۇ، رەتلەش داۋامىدا تىزىلدى.
2. بېلەت تاشلىماقچى بولغان دەرسلىكنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ، ئاندىن بېلەت تاشلاڭ، ھەر بىر ئەزانىڭ پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم بېلەت تاشلاش پۇرسىتى بار، بۇ قېېتىم بىرگە تاشلاپ، ئاندىن يەنە بىرىگە تاشلاي دەپ تاشلىيالمايسىز، بېلەت تاشلىماقچى بولغان دەرسلىكلەرنىڭ ئالدىغا بەلگە قۇيۇپ، ئاخىرىدا بېلەت تاشلاش كۇنۇپكىسىنى بىراقلا بېسىڭ.
3. باھالاش نەتىجىسىنىڭ ئادىل بولشۇ ئۈچۈن، قارىسىغا بېلەت تاشلىماڭ، ساختىلىق قىلپ سالماڭ، ساختىلىق قىلپ بېلەت تاشلاش ئەھۋالى كۆرۈلسە بېلەت سانى ساختىلىق قىلغان سانىنىڭ 3 ھەسسىسى بۇيىچە ئازلىتىلىدۇ.

روھلان تور بېكىتى
2013-يىل 2-ئاينىڭ 27-كۈنى

كۆك5 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-27 03:02:10

بۇ ياخى بىر ئىش بوپتۇ

كۆك5 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-27 03:03:37

بۇ ياخشى باشلىنىش بوپتۇ.

ئىلقۇت يوللانغان ۋاقتى 2013-2-27 03:06:01

مەن ھەممىگە بىلەت تاشلاي دىگەن،لېكىن پەقەت 16گىلا بولدى!جاپاكەش ئۇستازلار كۆپ جاپا چەكتى ،ھەممىگە بىلەت تاشلاشقا تىگىشلىك ئىدى!~

ayguzal يوللانغان ۋاقتى 2013-2-27 16:50:31

كەسىپ ئۇستىدە داۋاملىق تىرىشىڭ، چوقۇم نەتىجە سىزگە مەنسۇپ.

ayguzal يوللانغان ۋاقتى 2013-2-27 16:51:41

مىھنەتكەش باغۋەنلەر راسلا بەك جاپا تارتىپتۇ.رىھمەت سىلەرگە.

sapdil88 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-27 23:04:23

مەنمۇ فىزىكىغامۇناسىۋەتلىكدىتاللارنى كورۇپ چىقتقم ياخشى چىقىپتۇ   بىلەت تاشىدىمئەمسە

sapdil88 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-27 23:04:48

مەنمۇ فىزىكىغامۇناسىۋەتلىكدىتاللارنى كورۇپ چىقتقم ياخشى چىقىپتۇ   بىلەت تاشىدىمئەمسە:lol:lol:lol:lol

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2013-2-27 23:07:37

sapdil88 يوللىغان ۋاقتى2013-2-27 23:04 static/image/common/back.gif
مەنمۇ فىزىكىغامۇناسىۋەتلىكدىتاللارنى كورۇپ چىقتقم...

ئەمما بۇ قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشماي قالدىڭىزدە

sapdil88 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-27 23:10:05

بىر دەرسىلىك دىتالتەييارلىغانئىدىم ،ئازىراق يىرى پۇتمەيئۇلگىرەلمىدىم
بەت: [1] 2 3 4 5
: 2-قېتىملىق مۇسابىقىسدىكى دەرسلىكلەرگە بېلەت تاشلاڭ