دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەت تەرتىپىدە ئاسىيادىكى
دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەت تەرتىپىدە ئاسىيادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئورنى ئالدىغا سۈرۈلدى2009-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەنگلىيەنىڭ «تايمىس گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەت تەرتىپىدە، ئامېرىكىنىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى يەنىلا بىرىنچى ئورۇندا، ئەنگلىيەنىڭ كامبرج ئۇنىۋېرسىتېتى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورنى كەينىگە سۈرۈلگەن، لوندون ئىمپېرىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى بەشىنچى ئورۇندا تۇرغان، رەت تەرتىپىدە ئالتىنچى ئورۇندىن 15-ئورۇنغىچە بولغان ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىگىلىگەن.
ئاسىيادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئالدىنقى 20 ئالىي مەكتەپنىڭ ئىچىگە كىرەلمىگەن بولسىمۇ، رەت تەرتىپى بىر ئاز ئالدىغا سۈرۈلگەن. ياپونىيە، شياڭگاڭ، كورېيە ۋە مالايشىيادىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە دۇنيادىكى ئالدىنقى 200 ئالىي مەكتەپ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئۇنىۋېرسىتېتلار ئازراق كۆپەيگەن. ئامېرىكا بوستون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى فىلىپ ئارتىباكنىڭ قارىشىچە، ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالىي مائارىپقا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، ئالىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى، چەت ئەلدىن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ خەلقئارالىشىش قەدىمىنى تېزلىتىشى ئاسىيادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ رەت تەرتىپىنىڭ ئالدىغا سۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولغان.
دۇنيادىكى ئالدىنقى 200 ئۇنىۋېرسىتېت قاتارىدا ياپونىيىنىڭ 11 ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن بىرسى كۆپەيگەن، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن ئالتە ئۇنىۋېرسىتېت، شياڭگاڭدىن تۆت ئۇنىۋېرسىتېت بۇ قاتارغا كىرگەن. كورېيەدىن ئەسلىدىكى ئۈچ ئۇنىۋېرسىتېت تۆت ئۇنىۋېرسىتېتقا كۆپەيگەن، سىنگاپور ۋە ھىندىستاندىن ئىككىدىن ئۇنىۋېرسىتېت يۇقىرىقى 200 ئۇنىۋېرسىتېت قاتارىدا ئىكەن.
ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ رەت تەرتىپىنى ئەنگلىيە «‹تايمىس گېزىتى› نىڭ ئالىي مائارىپ قوشۇمچە بېتى» ۋە دۇنياۋى كەسىپ ۋە مائارىپ تەتقىقات سىستېمىسى Symonds Quacquarelli) QS) بىرلىكتە بېكىتكەن. كەسىپداشلار ۋە ياللىغۇچىلارنىڭ باھالىشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارىشى قاتارلىق بىر قاتار ئۆلچەملەر بويىچە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ رەت تەرتىپى تۇرغۇزۇلغان.
دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئون ئالىي مەكتەپبىلەن قىسمەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەت تەرتىپى:
1 . خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا)
2 . كامبرج ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەنگلىيە)
3 . يالې ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا)
4 . لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەنگلىيە)
5 . لوندون ئىمپېرىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتوتى (ئەنگلىيە)
6 . ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا)
7 . چىكاگۇ ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا)
8 . پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى (ئامېرىكا)
9 . ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتوتى (ئامېرىكا)
10 . كالفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتوتى (ئامېرىكا)
22 . توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى (ياپونىيە)
24 . شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى
35 . شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى
46 . شياڭگاڭ خەنزۇتىلى ئۇنىۋېرسىتېتى
49 . چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى
مەنبەسى:شىنجاڭ پەلسەپە ئىجتىمائىي پەنلەر تورى دىيارىمىزدىكى مەكتەپلەرمۇ قۇشۇلسا ئىدى،بۇ ئەڭ كاتتا ئىش بۇلاتتى.
بەت:
[1]