دەرسلىك دېتالى يوللاش باسقۇچى ئاياغلاشتى!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلارروھلان تور بېكىتىدە ئىلىپ بىرىلغان 2-قىتىملىق دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسنىڭ دەرسلىك دېتالى قوبۇل قىلىش باسقۇچى غەلبىلىك ھالدا بۈگۈن يەنى ھازىر ئاخىرلاشتى. ئەمدى ئىككىنچى باسقۇچى بولغان باھالاش باسقۇچىغا ئۆتتۇق. بۈگۈن كىچىچە بارلىق دەرسلىكلەر بوشلۇققا يوللىنىپ، ئاللاھ خالىسا ئەتىدىن باشلاپ كەڭ ئەزالارغا ئاشكارلىنىدۇ. شۇنداقلا بارلىق ئەزالارنىڭ باھالاش خىزمىتىگە يىقىندىن ھەمدەمدە بولىشىنى، بىزنى نازارەت قىلىشىنى باھالاش خىزمىتىنىڭ ئادىل ئىلىپ بىرىلىشى ئۈچۈن ياردەمدە بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
ھازىر ماتىرياللارنى تورغا يوللاش خىزمىتى بىلەن سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم، ۋاقىت چىقىرىپ ئومۇمى دەرس يوللاش ئەھۋالدىن قىسقىچە قىلىپ خۇلاسە يىزىپ قالدۇرىمەن.
كۆپچىلىكنىڭ مۇسابىقىنى باھالاش توغرىىسدا قانداق تەكلىپ، پىكىرلىرى بولسا مۇشۇ تىما ئاستىغا قالدۇرسا بولىدۇ. دەرسلىكلەرنى باھالىغاندا ھەر قايسى پەنلەردىكى غوللۇق باھالىغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، مۇلۇم پەنلەرگىلا يان بېسىشنىڭ ئالىنى ئېلشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ مۇسابىقىنىڭ ئادىل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. روھلاندا ئەل سۇيگەن ئۇتلۇق جاپاكەش ئۇستازلار كۇپ، ئۇلارنىڭ ئەجىرلىرگە كۇز يۇماشقا ئەسلا بۇلمايدۇ.
شۇڭا مۇسابىقىنىڭ ھەققانى ئادىل بولۇشنى كۇزدە تۇتۇپمەخسۇس تەكشۇرۇش گۇرۇپىسى تەشكىللەپ شۇلار باھالاپ چىقسا ئونۇمى ياخشى بولىدۇ.
تۇرداشلارنىڭ مەسلھەتىگە كەلسەك ئۇلارغا مەخسۇس بىر تىما ئىچىپ ئۇلارنىڭ كۆزقارشىنى ئۇتتۇرغا قۇيۇشقا سۇرۇن ھازىرلاپ بەرسەك. تەكشۇرۇش گۇرۇپپىسىدىكى دۇسلار ئىنكاسلارغا دىققەت قىلىپ تۇغرا خاتالقىغا ھۇكۇم قىلىپ مەسىلنى بىر تەرەپ قىلسا بۇلىدۇ.
مۇشۇ دەرسلىك لاھىيەلەش ئىشلىرنى يۇقىرى ئەۋجىگە كۆتۇرەش ئۇچۇن خىلى نۇپۇزلۇق ئۇقۇتقۇچىلار بىلەن كۇرەشتىم.«سۇيى بار يەرنىڭ ئۇتى يۇق،ئۇتى بار يەرنىڭ سۇيى يۇق» دىگەندەك شۇنداق ئۇتلۇق ئشتىياقى بارلار بۇ ئىشنى قەۋەتلا قىلالمايدىغان چىقتى.قىلالايدىغانلاردائوقۇتقۇچىدا بۇلۇشقا تىگىشلىك خىسلەتلەر، مىللى مائارىپ ئۇچۇن ئازىراق جاپا چىكىش قەۋەتلا يۇق، ئۇزىنىڭ زۇرل قىلمسا بۇلمايدىغان ئىشىلىرى تاقىشىپ قالدى.
تۇنۇگۇن كۇزگە كۇرەنگەن بىر ئۇقۇتقۇچىمىز بىلەنكۇرشەپ قالدىم.
پائالىيەت قانداق بۇلدى دەپ سۇرۋىدى. ئەھۋالنى دىسەم.
ئۇ ئۇتقۇچىمۇ قاخشاپلا ھازىرقى ئۇقۇتقۇچىلا نىمە بۇلدى. تەتىل بۇلسا ئارامدىن باشقىنى ئۇيلىمايدىكەن. ۋەزىيەت ئىشلىرىدىن قاخشاش، . . . . شۇڭا ئاچچىقىمدا مەن ئۇزەملا دەرسلىك لاھىيەلەپ قۇيدۇم.ھەم تاپشۇرۇپ بۇلىدۇم دەپتى شۇنداق خۇرسەن بۇلدۇم.
دەرسلىك يۇللۋاتقانلار پۇلىنى كۆزلەپ قىلۋاتقانمىدۇ؟
دەرسلىك يۇللىمايۋاتقانلار قاچان شۇ دەرسلىك يۇللانسا ئۇزگەرتىپ ئۇزەمىنىڭ قىلۋالسام ياكى يىڭى مەۋسۇمدا بىر ئۇچۇق دەرس ئۇتسەم دەۋاتقانمىدۇ؟
دەرسلىك يۇللىمايۋاتقانلارنىڭ شۇنداق ئالدىراش ئىشلىرى چىقىپ قالغانمىدۇ؟
ئىشلەۋاتقاندا كچىكشتىن شۇنداق قۇرقايسىز؟ ئىشڭىز مۇھىم بىر سائەت دەرس تاشلىيالمايسىز؟. . . . . ..
بۇ قانداق مەسلە:بۇ كاللىدىكى مەسلە! مەن بىر تىل-ئەدەبىيات ئوقوتقۇچىسى.بۇقىتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان دەرىسلىك دىتال سانىنىڭ ئازلىقىدىن بەك ئەپسۇسلاندىم.روھلاندا مۇشائىرە توقوشقاندا پىكىر قوشمىغانلار ئاساسەن قالمىغان.ئۇلار تەتىلدە ساياھەتكە چىقىپ كىتىپ بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز قالدىمۇ-يا؟ياكى ئۇلار....مەن بۇقىتىمقى مۇسابىقىدىن كىيىن‹‹ روھلان بىر دەرىسلىك دىتال ئوچىقىغا ئايلىنىدۇ،ئۇ يەردىن ئۆزمىز خالىغان دەرىسلىك دىتالمىزنى تىپىپ پايدىلىنالايمىز ››دەپ ئويلىغان ئىدىم.بۇرۇن شۇنداق بىر چولپان بار ئىكەن .ئۇ پەقەت جاھاندا ئۆزنى بىر دەپ ئويلايدىكەن ،ئۇنىڭدا كەم نەرسە پەقەت ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلدىغان سەھنە ئىكەن.قىنى ئويلايلى !سەھنىنى روھلان قۇرۇپتۇ.بىز شۇ سەھنىدە رول ئىلىپ باقتوقمۇ-يوق؟ مەن بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە 200 ئەتراپىدا دەرسلىك دېتالى قاتناشتۇپ قالارمىكىن ، مۇشۇ پۇرسەتتە مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ دەرسلىك دېتالىنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇش جەريانىدا كەسپىمگە دائىر ياخشى تۈزۈلگەندەرسلىكلەرنى چۈشۈرۈپ پايدىلىنارمەن دەپ ئويلىغان لېكىن كەسپىمگە دائىر دەرسلىك دېتالىدىن پەقەت ئىككىلا ئەزا ( بىر مەن ) يوللاپتۇ . ..
يەنىلا باھالاشنىڭ نەتىجىسىنى كۈتەي ...
بەت:
[1]