ADiL يوللانغان ۋاقتى 2013-1-24 22:59:58

مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا پەقەتلا 2 كۈن قالدى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، بىز 2012-يىل 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 2-قېتىملىق دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش لايىھەسى دېگەن تېما ئارقىلىق 20 كۈن تەشۋىقات خىزمىتىنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، 2013-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇسابىقىگە دەرسلىك ئەۋەتىش باشلاندىماۋزۇلۇق تېمىمىز بىەن دەرسلىك دېتالى قۇبۇل قىلىشنى باشلىۋەتكەن ئىدۇق، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆڭلىدە مەلۇم سان بولۇشقا ئاسان بولۇشى ئۈچۈن،
2-قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ باھالاش ئۆلچىمى دېگەن ئۆلچەمنى تەپسىلىي ئېلان قىلدۇق.
بۇ جەرياندا خېلى كۆپ تورداشلىرىمىز بۇ مۇسابىقىگە دەرسلىك دېتالىنى ئەۋەتتى ۋە داۋاملىق ئەۋەتىۋاتىدۇ، ئەمما ۋاقىت قىستاپ قالدى، يەنە 16 كۈنلا ۋاقىت قالدى، بۇ جەرياندا مۇسابىقە ئۈچۈن تەييارلىغان دەرسلىك دېتالىڭلارنى ۋاقتىدا يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز، بىز ئۇدۇللۇق يوللانغان دەرسلىكلەرنى باھالىغۇچىلارنىڭ چۈشۈرۈپ كۆرۈشىگە پايدىلىق بولۇش ئۈچۈن تور دېسكىسىغا يوللاۋاتىمىز.

دەرسلىك دېتالى ئەۋەنتكۈچىلەر بۇ جەدىۋەلنى چۈشۈرۈپ ئەستايىدىل تولدۇرغاندىن كېيىن ، بۇ رەسىم ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ، دەرسلىك دېتالىڭىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېتىگە قوشۇپ، بەلگىلەنگەن ئېلخەت ئادرىسى 2547753676@qq.comغا يوللىۋەتكەندىن كېيىن، مۇنبەرنىڭ مۇسابىقە رايۇنى سەھىپىسىگە شۇ دەرسلىك دېتالىنىڭ ئىسمىنى ماۋزۇ قىلىپ، تېما يوللىۋەتسىڭىزلا، بىز شۇ تېمىغا ئاساسان ئېلخەتكە كىرىپ دەرسلىك دېتالىنى چۈشۈرىۋالىمىز ۋە تېمىڭىز ئاستىغا تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئۇچۇرىنى قوشۇپ قويىمىز.
تېما يوللىغاندا تېمىڭىزنىڭ دەرسلىك دېتالىڭىزنىڭ رەسىملىرىنى قىستۇرۇشنى بىلمىسىڭىز بۇ تېمىدىن پايدىلىنىڭ:
روھلانغا رەسىم يوللاش ئۇسۇلى
http://www.rohlan.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=18982&fromuid=1
دەرسلىك دېتالى باھالىنىپ بولغاندىن كېيىن، سىرتقا ئېچىلىپ، ھەقسىز چۈشۈرۈشكە تەمىنلىنىدۇ، تېمىڭىز ئاستىغا چۈشۈرۈش ئادرىسى قوشۇپ قۇيۇلىدۇ.
باشقا چۈشەنمىگەن ئىشلار بولسا تۆۋەندىكى ئۇسۇلدا ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
يانفۇن: 13779793077
QQ مۇڭداشقۇ: 13779793077

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2013-1-24 23:02:04

يوللاش ۋاقتى :2013 -يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە بولىدۇ.
2-ئاينىڭ 11-كۈنى دەرسلىك دېتالىنى باھالاش خىزمىتى باشلىنىدۇ.

bagrax يوللانغان ۋاقتى 2013-1-25 12:05:04

بۇ تېما ئالدىنقى ئىككى تېمىنىڭ تولۇقلىمىسى بولۇپتۇ . ئۇستازلىرىمىز ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆز ماھارىتىنى نامايان قىلىدىغان ۋاقىت ئاز قاپتۇ .ۋاقىتنى چىڭ تۇتساق بولغۇدەك .
بەت: [1]
: مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا پەقەتلا 2 كۈن قالدى