eloyes يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 14:26:59

باللا سۆزئويۇنى ئوينىساق قانداق؟

بۈركۈت تاغقا خۇمار، كاككۇك باغقا خۇمار،
پىرىخون داپقا خۇمار،
قاغا تاپقا خۇمار،
پاقا كۆلگە خۇمار،
تورغاي چۆلگە خۇمار،
بۇلبۇل گۈلگە خۇمار،
كاززاپ گۆلگە خۇمار،
موللام تۆرگە خۇمار،
ئۆلۈك گۆرگە خۇمار،
لاپچى پوغا خۇمار،
ماختانچاق خوغا خۇمار،
قۇشقاچ قۇرتقا خۇمار
يىگىت بۇرتقا خۇمار،
داخان دۇرتقا خۇمار،
قاش ئوسمىغا خۇمار،
باش پوسمىغا خۇمار،
مىشچان ياشقا خۇمار،
تاز چاچقا خۇمار،
سېمىز ئورۇققا خۇمار،
ئۇرۇق قۇيرۇققا خۇمار،
كەمبىغەل چۇرۇققا خۇمار،
ئەما يۇرۇققا خۇمار،
قۇماندان بۇيرۇققا خۇمار،
كىسەل دۇرىغا خۇمار،
چامغۇر ئورىغا خۇمار،
كەپە بورىغا خۇمار،
ئاشىق كۆيۈشكە خۇمار،
مۇھەببەت سۆيۈشكە خۇمار،
ئات تاقىغا خۇمار،

bagrax يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 21:42:48

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagrax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-1-23 21:59

مۆشۈك چاشقانغا خۇمار ،
چاشقان تۆشۈككە خۇمار .
تۆشۈك نېمىگە خۇمار ؟
تۆشۈك مۆشۈككە خۇمار .

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2013-1-23 23:34:57

مائارىپچى، كومپيۇتېرچى روھلانغا خۇمار

بۈركۈت999 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-24 00:24:09

ماشىنا مايغا خۇمار، سۇ سايغا خۇمار.
قورساق ئاشقا خۇمار ،رەگەتكە تاشقا خۇمار.
ئەقللىق بىلىمگە خۇمار،ئەقىلسىز چىلىمگە خۇمار.
ھورۇن ئەتىگە خۇمار، دىۋانە پەتىگە خۇمار.
پالتا ئۇتۇنغا خۇمار، ئەر خۇتۇنغا خۇمار.
كەپتەرۋاز كەپتەرگە خۇمار، ئوقۇغۇچى دەپتەرگە خۇمار.
چاشقان ئاشلىققا خۇمار،خوشامەتچى باشلىققا خۇمار.
كالا سامانغا خۇمار، خەنزۇ چاغانغا خۇمار.

مىھرىيە يوللانغان ۋاقتى 2013-1-24 17:15:59

مىھرىيە مۇنبەرگە خۇمار



كاللام ئىشلىمىدى ھازىرتىخى تاققا تۇققا يىزىپ كەلگەنىدىم، تاققا تۇققا جۆيلۈپ سالىدىغان چىراي تۇرىمەن جىم تۇرىۋالاي

تىلچىن يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 02:39:30

تاپانجا ئوققا خۇمار،
چىۋىن پوققا خۇمار.
ئوتۇن چوغقا خۇمار،
ھايۋان ئوتقا خۇمار.

نامرات پۇلغا خۇمار،
زىناخور تۇلغا خۇمار.

سۇ چۆلگە خۇمار،
پاقا كۆلگە خۇمار.

ئىس دۇتقا خۇمار،
راھىب بۇتقا خۇمار.
شوپۇر خوتقا خۇمار،



تىلچىن يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 03:24:39

تەييارتاپ نانغا خۇمار،
قانخور جانغا خۇمار.

ھاراقكەش مەيگە خۇمار،
ئاشپەز سەيگە خۇمار.

لاي سامانغا خۇمار،
بۇغداي خامانغا خۇمار.

بەڭگە نەشىگە خۇمار،
گۆش دۆشىگە خۇمار.

يەڭگە كېلىنگە خۇمار،
سىيىر يېلىنىگە خۇمار.

ئەخلەت بۇلۇڭغا خۇمار،
كۈل كۇلۇڭغا خۇمار.

ئوۋچى2 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 09:57:37

جەڭ تانكىغا خۇمار،
پۇل بانكىغا خۇمار.

كاسىر نەپ خۇمار،
يازغۇچى گەپكەخۇمار.

دېھقان ئاشقا خۇمار،
رەگەتكە تاشقا خۇمار.

سۇ سايغا خۇمار،
پۇل بايغا خۇمار.

ۋېلىسپىت پىدالغا خۇمار،
توھپىكار مىدالغا خۇمار.

سىيگەك كىگىزگە خۇمار،
موزدوز بىگىزگە خۇمار.

شامالدارىغان باخشىغا خۇمار،
سەنئەتچى ناخشىغا خۇمار.

موللام مەيسىگە خۇمار،
دۈيجاڭ سەيسىگە خۇمار.

ئىلىخۇلۇق چاقچاققا خۇمار،
كىچىك بالا پاخپاققا خۇمار.

ماشىنچى گەزگە خۇمار،
مۈشۈك بەزگە خۇمار.

ھارۋىكەش كاتتاڭغا خۇمار،
ئارىچى پاتتاڭغا خۇمار.

دولەت كادىرغا خۇمار،
پىلەك بادىرغا خۇمار.

روسىيەلىك ۋوتكىغا خۇمار،
سېتىقچى بوتكىغا خۇمار.

ياماقچى كەشكە خۇمار،
سوغاق مەشكە خۇمار.

بىكارچى بەزمىگە خۇمار،
سەلكىن ئۇستاز نەزمىگە خۇمار.

تۇمۇزدا ھەممىمىز قېتىققا خۇمار،
ھارۋا چاقى پېتىققا خۇمار.

سۇنۇق گۇتۇغا خۇمار،
پىراۋاسىزلار موتۇغا خۇمار.

تەييارتاپ گالغا خۇمار،
كېمىچى سالغا خۇمار.

ئۇن ئەلگەككە خۇمار،
تىجىمەل بەگەككە خۇمار.

ئايال كىشى كوپتىغا خۇمار،
ئەپۇچان بوپتىغا خۇمار.

جىنايەتچى كويزىغا خۇمار،
ساقال كوسىغا خۇمار.

لاچىن كەپتەرگە خۇمار،
ئوقۇغۇچى دەپتەرگە خۇمار.

شوپۇر يولغا خۇمار،
تىجارەتچى پۇلغا خۇمار.

مول ھوسول كۈزگە خۇمار،
تەنىجە يۈزگە خۇمار.


خۇتۇن كىشى يىلىمگە خۇمار،
بەڭگە چىلىمگە خۇمار.

ئوۋچى2 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-30 10:26:39

مالچى ئىتقا خۇمار،
مەينەت پىتقا خۇمار.

سۇ نۇغا خۇمار،
پوچى پوغا خۇمار.

ئوۋچى قاپقانغا خۇمار،
ئاشپەز قاسقانغا خۇمار.

پاشا ئىسقا خۇمار،
مىسگەر مىسقا خۇمار.

قىزلار ئالمىغا خۇمار،
يىلان سالمىغا خۇمار.

تورچى ئېلانغا خۇمار،
كىرپە يىلانغا خۇمار.

پەمسىز پىلانغا خۇمار،
باققال چىلانغا خۇمار.

قاسساپ كانارغا خۇمار،
چىرىيەلىك ئانارغا خۇمار.

بەلغەم بادامغا خۇمار،
ئوغلۇم دادامغا خۇمار.

يۇلۇچى ئاتقا خۇمار،
قۇدىغۇي ياتقا خۇمار.

ئاسفالىت يول ماشنىغا خۇمار،
ۋاپاسىزلار ئاشنىغا خۇمار.

قىزلار مۇنچاققا خۇمار،
بالىلار قونچاققا خۇمار.

ئەل ئوغلانغا خۇمار،
مەن روھلانغا خۇمار.
بەت: [1]
: باللا سۆزئويۇنى ئوينىساق قانداق؟